مەن خېلى داڭلىق شىركەتتە بۆلۈم باشلىقى ئىدىم. بىر كۈنى شىركەت بۇيىچە بارلىق خادىملارغا يىغىن ئاچتى، يىغىندا باش لېدىر شىركەتتىكى بارلىق خادىملاردىن ئىمتىھان ئېلىپ، ئىمتىھاندىن ئۆتكەنلەرنىڭ ئۆستۈرۈلدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.
نېمە ئىمتىھان بولغىيتتى؟ قانداق شەكىلدە ئالار؟ دەپ مۇلاھىزە قىلىشىپ ئولتۇراتتۇق. تۇيۇقسىز ئىشلەپچىقىرىش بۆلۈمىدىكى بارلىق خىزمەتچىلەردىن كەسپىي بىلىم بويىچە ئىمتىھان ئېلىپ ھەممەيلەننى جىددىيلەشتۈرۋەتتى.
بىر كۈنى ئىشخانامدا ئولتۇرسام، شىركەت خەت ـــ چەك بۆلۈمىدىن بىرى بىر تېز يوللانمىنى كۆتۈرۈپ كىرىپتۇ، قارىسام باشقا بىر شەھەردىكى بىز بىلەن ئوخشاش بىر كەسىپتىكى بىر شىركەت ئەۋەتىپتۇ.
ھەيرانلىقتا ئېچىپ قارىسام، ئۇلارنىڭ مېنى يۇقىرى مائاش، شەھەر سىرتىدىكى بىر يۈرۈش تۇرالغۇ داچا، ماشىنا… قاتارلىقلار بىلەن ئۆز شىركىتىگە تەكلىپ قىلىپ يازغان تەكلىپنامىسى ئىكەن ئەمەسمۇ. تەكلىپنامىنى كۆرۈپ تېڭىرقاپ قالدىم، بۇ شىركەتتىكى مائاشىممۇ تۆۋەن ھېسابلانمايتتى ئۇنىڭ ئۈستىگە مەن رەھبەرلىك قىلىۋاتقان بۆلۈمنىڭ خىزمەت نەتىجىسى خېلى ياخشى بولۇپ، ئۆتكەن يىلى «ئىلغار» سايلانغانىدى. بۇ قېتىمقى ئىمتىھاندىن ئۆتسەم، ئۆستۈرۈلۈشۈم مۇمكىن ئىدى. بىراق ئىمتىھان دېگەن نەرسە…
تەكلىپنەمىگە نېمە دەپ جاۋاپ قايتۇرارمەن دەپ ئويلىنىپ بىر قانچە كۈن ئۆتۈپ كەتتى. بۇ بىر قانچە كۈندە نەچچە خىزمەتچى دىرېكتور، نەچچە دىرېكتور خىزمەتچى بولۇپ ئالماشتى. تېخى شۇلارنىڭ ئارىسىدا بىر باش دېرىكتورمۇ بار ئىدى، ئۇنىڭدەك باش دىرېكتورنىڭ ئالدىدا مەندەك بىر بۆلۈم باشلىقى نېمىتى دەيسىز؟ تېڭىرقاشتا يۈرسەم يەنە بىر يوللانما كەپتۇ، ئېچىپ قارىسام يەنە شۇ قىزىقتۇرۇشلار قاتارىغا « يۇقىرى سوممىلىق يۆتكىلىش ھەققى» قېتىلىپتۇ. تۇرۇپ ئۇ يەرگە بېرىشنى ئويلايمەن ـــ يۇ ، يەنە تېڭىرقاپ قالىمەن.ئەگەر بۇ قېتىم دىرېكتور بولۇپ قالسام ئۇلار ۋەدە قىلغان ھەق، داچا، ماشىنا دېگەنلەرنى بۇ شىركەتمۇ بېرىدۇ؛ ئەگەر مۇشۇ ئەمىلىمنىمۇ ساقلاپ قالالمىسامچۇ…
كەچتە ئىشتىن چۈشەي دەپ تۇرسام ئۇلاردىن يەنە بىر يوللانما كەپتۇ، ئېچىپ قارىسام، ۋاھ، ئىلگىركىدىنمۇ يۇقىرى ھەق، دىرېكتۇرلۇق خىزمەت ئورنى بىلەن تەمىنلەيدىغانلىقىنى يېزىپتۇ. يەنە تېخى بۈگۈن كەچنىڭ ئايروپىلان بېلىتىدىن بىرنى قوشۇپ ئەۋەتىپتۇ. پەقەت شىركەتنىڭ قولۇمدىكى بەزى ھۆججەتلىرىنى ئېلىپ، بۈگۈن كەچتىلا يولغا چىقسام بولىدىكەن.
ئەمدى ئويلىنىپ ئولتۇرۇشقا ۋاقىت قالمىغانىدى. ئۇلار ۋەدە قىلغان يۇقىرى ھەق ئاخىر مېنى بىر قارارغا كەلتۈردى. ئۇلار دېگەن ھۆججەتلەرنى ئالدىم ـــ دە، ئۆيگە قايتىپ نەرسە ــــ كېرەكلەرنى يىغىشتۇرۇپ، ئايرودۇرومغا ماڭاي دەپ ئىشىكتىن چىقىشىمغا، ئىشىك ئالدىدا تۇرغان لېدىرنى كۆرۈپ ھۇدۇقۇپ كەتتىم. نېمە دەرمەن، ئېغىز ئېچىشقا مۇۋاپىق سۆز تاپالماي تۇرسام، ئۇ ئاۋال ئېغىز ئاچتى:
ـــــ بولدى، ھېچنىمە دېمەڭ، بۇ ھۆججەتلەرنى يېڭى تەيىنلەنگەن بۆلۈم باشلىقىغا بېرىڭ، ـــــ دەپ ئارقىسىغا قارىدى، قارىسام ، قول ئاستىمدىكى يېڭى كەلگەن بىر يىگىت تەكەللۇپ بىلەن قولۇمدىن ھۆججەتلەرنى ئېلىپ قالدى.
ـــــ بۇ، بۇ… ــــ تېڭىرقاپلا قالدىم، ئەجەبا، مېنىڭ يۆتكىلىش ئىشىمنى بىلىپ قالغانمىدۇ؟!
ــــ سىزگە يەنە بىر گەپنى دەپ قوياي، ئىش قىلغاندا مەنپەئەت ۋە ئېزىقتۇرۇشلارغا ئالدانماڭ، ئىشنىڭ ئاقىۋىتىنى ئوبدان ئويلىشىڭ. بۇ مېنىڭ سىزگە بەرگەن پىكرىم، ئەپسۇس، ئىمتىھان نەتىجىڭىز كۆڭۈلدىكىدەك بولماي قالدى. ئەمدى باشقا شىركەتلەرگە بېرىپ بېقىڭ، ــــ دېدى باش لېدىر ماشىنىغا چىقىۋېتىپ.
ــــ نېمە؟! بۇ، ئىمتىھانمىدى؟ بۇ… قانداقسىگە… ھەي!…
مەنبە: خەزىنەم تورى