بىر خورازنىڭ ئۈچ مېكىياننى باھالىشى
يوللانغان ۋاقتى : 2014-03-20 22:41:13 مەنبە : ئەھكام كۆرۈلىشى :
بىر خورازنىڭ ئۈچ مېكىياننى باھالىشى

|
يەنە يىللىق خۇلاسە ۋاقتى يېتىپ كەلدى. كاتەكلەر ئىچىدىكى بىر كاتەكنىڭ خوجىسى بولغان خوراز تەۋەلىگىدىكى ئۈچ مېكىياننى ئايرىم - ئايرىم يىللىق باھالىدى. ئەينەن خاتىرىسى مۇنداق:
« ئا » مېكىيان بۇ يىلدا گەرچە يىل بويى تۇخۇم تۇغمىغان بولسىمۇ ، لېكىن بەزى ئەتىگەنلىرى تاسادىپىي ۋاق تۇرۇپ قالغىنىمدا، ئاكتىپلىق بىلەن ماڭا ۋاكالىتەن نەچچە قېتىم ئۈنلۈك قىچقىرىپ قويغان، شۇڭا ئىلغار بولۇپ باھالاندى.
« ب » مېكىيان بۇ يىللىق تۇخۇم تۇغۇش خىزمىتىدە گەرچە ياخشى تۇخۇملارنى تۇغالمىغان بولسىمۇ ، لېكىن ناچار تۇخۇملارنى تۇغمىغان ، شۇڭا ياخشى بولۇپ باھالاندى.
« س » مېكىيان بۇ يىل جەمئىي 364 دانە تۇخۇم تۇغقان . لېكىن ئايرىم - ئايرىم ھالدا 2- ئاينىڭ 1- كۈنى ، 5 - ئاينىڭ 6 - كۈنى ۋە 10 - ئاينىڭ 11 - كۈنلىرى بولۇپ جەمئىي ئۈچ دانە يۇمشاق شاكال تۇخۇم تۇغقان . مەزكۇر مېكىيان تېخى ھەر قېتىم تۇخۇم تۇغقاندىن كېيىن ئۆزىچە : « قى ، قىق ، قىق ! جى ، جىقجىق ! » دەپ مەغرۇرلانغان . بۇ تەكەببۇرلۇقنىڭ ئىپادىسى ئەمەسمۇ ! بۇندىن كېيىن دىققەت قىلىشى كېرەك . بولۇپمۇ ، بۇ يىل 12 - ئاينىڭ 25 - كۈنى، يەنە روژدىستوۋا بايرىمى كۈنى يۇقۇرى دەرىجىلىك رەھبەرلەر كاتىكىمىزگە كېلىپ تۇخۇم تۇغۇش خىزمىتىمىزنى تەكشۈرگەندە ، مەزكۇر مېكىياننىڭ ئىپادىسى ئىنتايىن ناچار بولغان، تەپتارتماستىن بىر تالمۇ تۇخۇم تۇغماي رەھبەرلەر ئالدىدا يۈزىمىزنى تۆككەن. « س » مېكىيان تۇخۇم تۇغۇشتا مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلغانلىقى ئۈچۈن لاياقەتسىز بولۇپ باھالاندى ھەمدە يىللىق مۇنەۋۋەر مېكىيان بولۇپ سايلىنىش سالاھىيىتى بىكار قىلىندى.
|
خەتكۈچ :خوراز
ئالدىنقىسى : ئىمتىھان
كىيىنكىسى : پادىشاھنىڭ سالىمى