سالاملىشىش ۋە سالامەتلىك
ئاپتۇرى : مۇھەممەدئىمىن تۇرسۇن
خەلقىمىز قەدىمدىن تارتىپ مەدەنىيەتلىك ، ئەدەپ-ئەخلاقلىق، تىرىشچان، مېھماندوست خەلق . خەلىقىمىزنىڭ ئېسىل ئەنئەنىۋى ئۆرەپ-ئادەتلىرى ۋە مەدەنىيىتى قەدىمدىن ھازىرغىچە ئۆزىگە خاس قىممىتىنى نامايەن قىلىپ كەلمەكتە.
خەلقىمىزنىڭ مانا شۇ ئېسىل ئۆرپ - ئادەتلىرىنىڭ بىرى بولغان سالاملىشىش ئادىتى ، پۈتكۈل ئىنسانىيەت ساغلاملىققا كۆڭۇل بۆلىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە ئۆزىنىڭ مۇھىم رولىنى نامايەن قىلماقتا .
مەن تۆۋەندە ، ئۇيغۇر تېبابىتى مەيدانىدا تۇرۇپ سالاملىشىش ئادەتلىرىنىڭ ساغلاملىققا بولغان پايدىلىق تەرپلىرى ئۇستىدە قىسقىچە توختالماقچىمەن ؛ مەيلى كىشىلەر نەدە بۇلىشىدىن قەتئى نەزەر ، دوست ، يار-بۇرادەرلىرى بىلەن ئۇچراشقاندا ھەر ئىككى تەرەپ ئۇچۇق چىراي بىلەن ئائىلە- تاۋابات ،ئۇرۇق-تۇققان ،خىزمەت ، ئۈگۈنۇش ، كەسىپ قاتارلىق جەھەتلەردە ئەھۋال سورىشىدۇ ، بۇ ۋاقىتتا كىشىلەر ئۆزئارا كۆڭۇل بۆلۇشكەنلىكتىن مەمنۇن بولۈپ خۇشاللىق ھېس قىلىشىدۇ ، كەيپىياتىدا جانلىنىش بولىدۇ .
كەيپىياتىدىكى بۇنداق ئۆزگىرىش ئۇيغۇر تېبابىتى نوقتىسىدىن ئالغاندا روھنى كۈچەيتىدۇ . روھ __ ئادەم بەدىنىنىڭ ھەرىكەتلەندۇرگۇچ كۈچى ھىساپلىنىدۇ . ئادەم بەدىنىدە روھ بولغاچقىلا قۇۋۋەت بولىدۇ ، يەنى روھ جانلانسا ئادەم بەدىنىدىكى قۇۋۋەتمۇ قوزغىلىدۇ . قۇۋۋەت بولسا ئادەم بەدىنىدىكى بارلىق ئەزالارنىڭ خىزمەت پائالىيىتىنى بىجىرىدىغان ئېنېرگىيە ھىساپلىنىدۇ . دېمەك روھ __ قۇۋۋەتنىڭ قوزغاتقۇچىسى ، كىشىلەر ئۆزئارا كۆرۇشكەندە ھاسىل بولغان خۇشاللىق ۋە كەيپىياتتىكى جاللىنىش چوڭ مېڭە سەزگۈ - ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنى كۈچەيتىدۇ ، شۇنىڭ بىلەن مېڭە ، يۈرەك ، جىگەرنىڭ قۇۋۋىتى ئاشىدۇ . بۇ ئۈچ ئەزادىكى قۇۋۋەتنىڭ كۈچىيىشى بىلەن مۇشۇ ئەزالارغا باغلىنىشلىق بولغان بارلىق ئەزالارنىڭ خىزمىتى جاللىنىپ ماددا ئالمىشىشى ، ئەزالارنىڭ قان ئايلىنىشى راۋانلىشىدۇ . قىسقىسى ئەزالارنىڭ نورمال فىزىئولوگىيىلىك خىزمىتى كۈچىيىپ ، پۇتۇن بەدەندە بىر خىل جانلىق كەيپىيات شەكىللىنىپ ، ئەزالارنىڭ بالدۇر قىزىپ
كاردىن چىقىشىنى ھەم سىرتتىكى كېسەل پايدا قىلغۇچى مىكرو ئورگانىزىمنىڭ بەدەنگە سېڭىپ كېسەل پەيدا قىلىشىنىڭ ئالدىنى ئالغىنى بولىدۇ.
كىشىلەر ئۆزئارا سالاملاشقاندا گەرچە كەيپىياتى ناچار بولسىمۇ ، چىرايىغا كۈلكە يۇگۇرتۇپ تەبەسسۇم قىلىدۇ ، بۇ ۋاقىتتىكى كۈلۈمسىرەش شۇ كىشىنىڭ ئاشۇ ۋاقىتتىكى ناچار كەيپىياتىنى يوقىتىشقا ياردەم بېرىدۇ . بۇ ۋاقىتتىكى كەيپىياتتىكى ئۆزگىرىش يۇقىرىدا ئېيتىپ ئۆتكىنىمىزدەك دەرھال چوڭ مېڭىگە تەسىر قىلىپ روھنى جانلاندۇرىدۇ ،
روھنىڭ جانلىنىشى روھقا مۇناسىۋەتلىك بولغان روھى كېسەل ، يۈرەك كېسەلىكلىرىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.
يۇقۇرقى ئەھۋاللار كىشىلەرنىڭ تۇرمۇش جەريانىدىكى دوستلۇق ، قېرىنداشلىق مىھرى- مۇھەببىتىنى، ئىرادىسىنى ، ئىشەنچىسىنى ، ئۇگۇنۈش ،خىزمەت ، كەسىپلەردىكى ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپلا قالماستىن ،مۇھىمى ھەرخىل نېرۋا كېسەللىكلىرى . يۈرەك كېسەللىكلىرى ۋە باشقا كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ .
مەنبە: شىنجاڭ ياشلىرى