ياپونىيىلىك بىر كىشى نېرۋا ئاجىزلىق كېسىلى بولۇپ قالغانلىقتىن كۆپ قېتىم ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالماقچى بولغان .بىر كۈنى تەسادىپى ئەينەككە قاراپ قېلىپ،ئۆزىنىڭ ئەندىشە يېغىپ تۇرغان چىرايىنى كۆرۈپ ھەيران قالغان ھەمدەئۆلۈۋېلىشتىن يالتىيىپ ھەر كۈنى ئەينەككە قاراپ ئون مىنۇت كۈلۈپ بەرگەن.ئۇزۇن ئۆتمەي جاھىل خارەكتىرلىق نېرۋا ئاجىزلىق كىسىلى ساقىيىپ كەتكەن.شۇنىڭدىن كىيىن كۈلكىنىڭ كىسەل داۋالىشى تىبابەتچىلىكتە چوڭ بىر خەۋەر بولۇپ تارقالغان.شۇنىڭ بىلەن ئۇ كىشى <كۈلكە بىلەن داۋالاش>مەزمون قىلىنغان ساناتورىيە قۇرۇپ،ياپونىيىگە تۇنۇلغان.سىزمۇ سىناپ باقسىڭىز بولدۇ.
كىتاب كۆرۈش ۋە ئۆمۈرنىڭ ئۇزىرىشى
ھازىرقى زامان نېرۋا فىزولوگىيىسى شۇنى چۈشەندۈرۈپ بەردىكى :ئادەمنىڭ چوڭ مىڭىسىنى ئىشلەتكەنسېرى تەرەققى قىلىدۇ ۋە ئۆتكۈرلىشىدۇ.بۇ ساغلاملىق ۋە ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈشكە پايدىلىق.بەزىلەر 16-ئەسىردىن بېرى ياۋرۇپا،ئامرىكىدىكى كىتاپنى ئاڭ كۆپ ئوقۇيدىغان ئۇلۇغ كىشىلەردىن تۆت يۈز نەپەرنى تاللاپ تەتقىقات ئېلىپ بارغان.نەتىجىدە كەشپىياتچىلارنىڭ ئۆمرى ئۇزۇن بولۇپ،ئوتتۇرچە يېشى 79 ياش ئىكەن.تۆت يۈز نەپەر كىشىنىڭ ئوتتۇرچە يېشى66.7 ياش ئىكەن.مەملىكىتىمىزدە چىن سۇلالىسىدىنبۇيانقى داڭلىق زىيالىلارنىڭ ئۆمرى توغرىلىق سىتاتىسكىلىق تەھلىل ئېلىپ بېرىلىپ،ئۇلارنىڭ ئوتتۇرچە ئۆمرىنىڭ65.18 ياش ئىكەنلىكى بايقالغان.
مەنبە :تەرمىلەر