• بىر ئادەمنىڭ ئاسمىنى - [شېئىرلىرىم]

    2010-08-16


    بىر ئادەمنىڭ ئاسمىنى مەۋجۇت
    ئىككىمىزنىڭ ئوتتۇرىسىدا.
    بىر تال يۇلتۇز ياكى ئاي نۇرى
    ئىككىمىزنى يورىتار غۇۋا.

    نەدۇر بۇنچە ئېغىر سۇكۇنات
    كۆز يېشىڭنى كۆتۈرمەس دېڭىز.
    ساڭا قاراپ ئۆلىمەن مىڭ رەت
    شائىر بولماس ئىدىممەن سەنسىز.

    سۆزلەر چىقىپ كەتتى مەنىدىن
    جۇلدۇر-كىپەن ناخشىلار توۋلاپ.
    بىر يۇتۇم سۇ ئىدىڭسەن ئاخىر...
    ئولتۇرىدۇ چۆچەكلەر ئۇسساپ.

    قانات كىرىپ ئۇچتى ئاسمىنىم
    ئىككىمىزنىڭ ئارىسىدىكى.
    بىرلا ئاسمان ۋە بىرلا قۇياش
    ئىككىمىزنىڭ خىېتىدۇر بەلكى.

    يېزىلغاچقا خەتتۇر جۇدالىق
    يىرتىلغاچقا مۇھەببەتتۇر ھەم.
    ئاسمىنىمدىن ئۇچۇپ كېلىسەن،
    ئەي ئاسمىنىم، ئەي يوچۇن ۋەتەن!


    历史上的今天:

    دىئالۇگ 2010-08-16