• يازدىكى سىمۋۇل - [شېئىرلىرىم]

    2009-05-04


     بىرىنچى مىسرادىكى شامال
    ماڭا يازدىن بىشارەت بەرسە
    ئاخىرقى جۈملىدىن چىقىپ كېلىمەن
    يالىڭاچ قېلىچنى كۆتۈرۈپ تەستە

    سۇغا چۈمۈلۈش -
    باھار پەسلىدىكى ھاياجانلىق ئۆلۈش
    سېغىنىش مۇمكىنچىلىكى
    ئاۋۇ يەردىكى ئايالنىڭ يالىڭاچ كۆكسى
    جىمجىت سۈگەت ۋە يىراق بىر يەر
    ساڭا نۇرغۇن سىرلارنى سۆزلەر

    مەن ئۇسسىدىم
    مەن تەنھالىقتىن چىقىپ كەتتىم

    كۆزلەر
    پارە-پارە چېقىلغان ئەينەك
    ياكى تېخى يېزىلمىغان
    ئاق قەغەزلەر ئارىسىدىكى خەت

    ئۇزۇن ئويلىساڭ
    بۇ ئۆيدە تۇرغانلىقىڭدىن گۇمانلىنىسەن
    شۇڭا مەن كېتىۋاتىمەن
    ئۆزۈم بىلەن

    ئۇ جىگدە دەرىخى
    ماۋۇ تاش
    ناخشام تاغلارنى تالقان قىلىدۇ
    كۆيدۈرىدۇ تېنىمنى قۇياش

    يىرتىلدى
    خاتىرەمنىڭ ئىككىنچى بېتى...
    چۈشەندىم ئاق ئىكەن
    ئوغلۇم مىنگەن ئاتنىڭ رەڭگى.