-
سېنىڭ ئالماڭ - [شېئىرلىرىم]
2009-05-04
باغ دېدىم، قايتتىم پەرىشان
كۆزلىرىمدە بىر ئوت، بىر گۈلخان.
چېقىلدى ئەينەكتەك
ئاستىمدا يەر، ئۈستۈمدە ئاسمان.قېلىچ چۈشتى بوينۇمغا
ھېس قىلمىدىم لېكىن ئۈلۈمنى.
باھار شاماللىرى كوچا-كويلاردا
ئېيتار ئىدى سۆزۈمنى.سېنىڭ ئالماڭ قىزىل ئەمەس
رەڭلەر ئۇنى ئىپادىلىيەلمەس.
كۆردۈم قاچان
شۇندىن بىرى ياشىمىقىم تەس...
历史上的今天:
ئىچىمدىكى قەشقەر 2009-05-04كەلدىم ئۆزۈمدىن 2009-05-04ئۆلۈم 2009-05-04بىر شائىرغا 2009-05-04يېڭى مىڭ بىر كېچە 2009-05-04