• بىر پارچە يايلاق - [شېئىرلىرىم]

    2009-04-25

     

    مەن بىر پارچە يايلاق
    باھارنى تۇنجى بولۇپ ھېس قىلىدىغان.
    باھار
    ئاراچلىرىمدىن مارىلاپ باقار...
    ئۇنىڭ تۇيغۇسى يېشىل
    ئۇنىڭ تېنىقى يېقىن
    ئۇنىڭ بىر تال نېيى بار
    قوينىغا چوڭقۇر يوشۇرۇنغان.
    ئۇنىڭ ئيتماق بولغان سۆزلىرىدە
    سۇزۇلۇپ ياتار بىر ئايدىڭ كېچە...

    بىر پارچە يايلاق
    بۇ ئۇنىڭ ئىسمى ئەمەس
    ئۇنىڭ ئىسمى يوق
    خۇددى مۇشۇ شېئىرنىڭ قاپ ئوتتۇرىسىدىكى بىر تال چېكىتتەك.
    لېكىن بۇ چېكىت قويۇلمايدۇ
    كېيىنكى جۈملىگە ئۆتۈپ كېتىدۇ
    ئۆتۈپ كېتىدۇ يايلاقنى دەسسەپ.

    بىر پارچە يايلاق
    كېيىنكى جۈملىدە
    ھېس قىلدىم
    ئىشىكنىڭ ئالدىدىكى يىراق تېۋىشنى
    يايلاقتىن قايتىپ-
    بىردىن.

     
    2009-يىلى 8-مارت