• سالام ـــ 4 - [نەسىر-خاتىرىلىرىم]

    2009-04-24

     

    ئەمدى يەنە ئازراق ۋاقتىم چىقتى. بۇرۇن ئۆزۈمنىڭ ۋاقتىنىڭ خېلىلا كەڭرى ئىكەنلىكىنى ھېس قىلاتتىم. ساڭا خەت يېزىۋاتقاندىن بىرى بولسا ئىلكىمدىكى ۋاقىتنىڭ تۇلىمۇ ئازلىقىنى، نۇرغۇن ۋاقتىمنىڭ باشقىلار تەرىپىدىن ئىگىلىۋېلىنغانلىقىنى ئېتىراپ قىلماقتىمەن.

    ۋاقىت تۇلىمۇ تېز ئۆتەتتى. كۆزنى ئېچىپ-يۇمۇپ بولغۇچە ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىمۇ كېلىپ قالدى. بۇ ئارىلىقتىمۇ ئىزچىل ھالدا كۆرۈشۈپ تۇردۇق. ئەسلى ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ كۆپرەك بىر نەرسە ئۆگىنىشىم ۋە نېرۋامنى ئارام ئالدۇرۇشۇم كېرەك ئىدى. ھېچبولمىغاندا باشقىلار شۇنداق ئويلايتتى. ئەمما، مەن ئۈچۈن سەن بىلەن كۆرۈشۈپ تۇرۇشنىڭ ئۆزىلا ئەڭ ياخشى ئارام ئېلىش ۋە ئەڭ ياخشى ئۆگىنىش بولاتتى...

    ئىمتىھانغا كىرىدىغان كۈنۈم ئەتتىگەندە كۆڭلۈم ئېلىشىپ، بېشىم قېيىپ تۇلىمۇ ئۇسال قوپۇپتىمەن. ئۆيدىكىلەرگە چاندۇرماسلىق ئۈچۈن قانچىلىك تىرىشچانلىق كۆرسەتكىنىمنى بىر ئاللا بىلىدۇ. "ئىمتىھاننى قانداق بەردىڭ" دېگەن سوئالغا بىردەك "ياخشى بەردىم" دېدىم. چۈنكى، مەندە شۇنداق دېمەكتىن باشقا نېمە ئامال بار دەيسەن؟ ئۇلار مېنى "ئىمتىھاننى ياخشى بەرسۇن" دەپ ئوقۇتقان، ئېغىرىمنى كۆتۈرگەن ئەمەسمىدى...

    شۇندىن كېيىن سەن بىلەن كۆرۈشۈشمىدىم. قارىماققا سەندىن ئۆزۈمنى قاچۇرۇۋاتقاندەك ئىدىم. ناۋادا كۆرۈشۈپ قالساق سەنمۇ جەزمەن ئاشۇ سوئالنى سورايتتىڭ. بىراق، سېنىڭ بۇ سوئالىڭغا ھەرگىزمۇ باشقىلارغا بەرگەن جاۋابنى بېرەلمەيتتىم. سېنى سېغىنغان دەقىقىلەردە سېنىڭ شۇ سوئالىڭغا جاۋاب ئىزدەيتتىم، يىغلايتتىم... كېيىن بىلدىمكى، بۇنىڭغا جاۋاب تېپىش قولۇمدىن كەلمەيدىكەن. شۇنداق يەكۈنگە كەلگىنىمدە سىم-سىم يامغۇر يېغىۋاتاتتى. دېرىزىدىن تالاغا ، سىمىلداپ يېغىۋاتقان يامغۇرغا قاراپ بىردىنلا ئۆزۈمنىڭ باشقىلا بىر ئادەم بولۇپ قالغىنىمنى بايقىدىم.

    كېيىن نەتىجىمۇ چىقتى. ئىمتىھاندىن ئۆتكەن ساۋاقداشلىرىم بىر-بىرلەپ سەپەرگە ئاتلىنىشقا باشلىدى. مەن مۇشۇ كۈنلەردە ھېچكىم بىلەن كۆرۈشمىدىم، مۈكۈپلا يۈردۈم. ئۆزۈمنى ئېغىر جىنايەت سادىر قىلىپ قېچىپ يۈرگەن جىنايەتچىدەك ھېس قىلاتتىم. مەندىن زور ئۈمىدلەرنى كۈتكەن دادام ئىمتىھاندىن كېيىن ئىمتىھان ۋە نەتىجە ھەققىدە بىر ئېغىزمۇ گەپ قىلمىدى. بۇ ھال مېنى تېخىمۇ تۈگەشتۈرۈۋاتاتتى...

    سېنتەبىر ئايلىرى يىتىپ كەلدى. مەن جىمجىتلا يەنە سىنىپقا كىردىم. بۇ قېتىم نېمىشقا قايتا ئوقۇش قارارىغا كېلىپ قالغىنىمنى ئۆزۈممۇ بىلمەيتتىم. بۇ بىر يىلدا ھەممىلا نەرسە تەكرارلاندى. پەقەت سەن بىلەن مېنىڭ ئوتتۇرامدىكى يوشۇرۇن ئىشلا قايتا تەكرارلانمىدى. بۇ ئىش قانچىلىك تەكرارلانسا مەن شۇنچىلىك خوش بولاتتىم، ھاياتىم لەززەت تاپاتتى. مۇئەللىم يەنە ئۆتكەن دەرسنى يەنە ئۆتەتتى، ساۋاقداشلىرىم ۋە مەن يەنە ئىشلىگەن تاپشۇرۇقنى يەنە ئىشلەيتتۇق. بىراق بىز يەنە كۆزۈشمىدۇق. دەسلەپتە دەرستىن چۈشۈپ ئالدىراپلا ئۆيگە قايتاتتىم، كوچىلاردا يۈرگەندە بېشىمنى ئىچىمگە تىقىپ سەندىن ئۆزۈمنى قاچۇراتتىم. ئاستا-ئاستا ھەممە نەرسە ئۆزگەردى. سېنى سىنىپتا ئولتۇرۇپ جىمجىت ساقلايدىغان ۋە كوچىلاردا يۈرگەندە سېنى ئىزدەيدىغان بولۇپ قالدىم. بىراق سەن زادىلا كۆرۈنمىدىڭ. خۇددى بۇ يەردە - يەرشارىدا يوقتەكلا بولۇپ كەتتىڭ... كۈنلەر ئەنە شۇنداق ئۆتىۋەردى.

    ئالىي مەكتەپ ئىمتىھاندىن ئۆتۈپ ئوقۇشقا مېڭىش ئالدىدا تۇيۇقسىز سەن بىلەن ئۇچرىشىپ قالدۇق:

    - قاچان ماڭماقچى بولۇۋاتىسىز -، دەپ سورىدىڭ سەن.

    - بىلمەيمەن. بەلكىم، ئەتە مېڭىپ قېلىشىم مۇمكىن.

    - بولىدۇ، ئاق يول بولسۇن.

    بايا قانداق ئۇچرىشىپ قالغان بولساق يەنە شۇنداق ئايرىلدۇق... سەن كەتكەندىن كېيىن سېنىڭ ئاشۇ "بولىدۇ" دېگەن بىر ئېغىز گىپىڭ يادىمغا كىرىۋالدى. باشقا گەپلىرىڭ ماڭا يېڭى تۇيۇلمىدى. ئەمما "بولىدۇ" دېگەن ئاشۇ بىر ئېغىز گىپىڭ مېنى بەكمۇ بىئارام قىلدى. ئۇ گىپىڭنىڭ بېشىمۇ، ئاخىرىمۇ بار ئىدى. بىراق ئويلىنىۋىرىپ ئۇ گەپنىڭ ئاخىرىنى ئۇنتۇپ كەتتىم. سەنمۇ مېنى ئۇنتۇپ كەتسۇن دېگەن مەنىدە "بولىدۇ" دېگەن بولساڭ كېرەك. ئاخىرىنى ئۇنتۇپ كەتكىنىم بىلەن بېشىنى ئۇنتۇيالمايۋاتاتتىم... بىردىنلا بۇران چىقىپ كەتتى. ئەتراپتىكى كىشىلەر بىرسى-بىرسىنى چاقىرىشىپ يۈگرەيتتى... مەن ھېچكىمنى چاقىرمىدىم. ئەمەلىيەتتىمۇ چاقىرغۇدەك ئادىمىممۇ يوق ئىدى. شۇ چاغدا نېمىشقا شۇنداق ئويلاپ قالغىنىمنى، نېمشىقا ئۆزۈمنى يەككە-يىگانە تەسەۋۋۇر قىلغىنىمنى ئىزاھلاپ بېرەلمەيمەن. كۆزۈمگە تۇپا كىرەتتى، بارا-بارا ھېچنېمىنى ئىلغا قىلغىلى بولمىدى.

    شۇ يەردىن قاچانلاردا قايتتىم، قانداق قايتتىم؟ بۇ ماڭا ھازىرغىچە بىر سىر. ئارىلىقتا مەن ئالىي مەكتەپتىكى 5 يىللىق ئوقۇشۇمنى تاماملاپتىمەن، يۇرتقا قايتىپ خىزمەتكىمۇ چىقىپتىمەن... مەن شۇ كۈنى بۇراندا قالغاندىن باشلاپ كەلگۈسۈمنى ئۇنتۇپ كەتكەنىدىم. پەقەتلا ئۆتۈپ كەتكەن ۋە مەڭگۈ تەكرارلانمايدىغان ئاشۇ يىللارنىلا ئويلايتتىم. ئەسلىمىلەر بارغانچە زورىيىپ مېنى قورشاۋغا ئالغانىدى...


    历史上的今天: