-
ئوتتۇز ئالتىنچى ناخشا - [شېئىرلىرىم]
2009-04-24
1
بىرىنچى ناخشا مېنى ئۇخلاتماقچى بولاتتى
تۈڭلۈكتىن بىر نۇر كىرەتتى، مېنى چاقىراتتى.
ئىككىنچى ناخشا تۇپا ئىدى يۇمشاق، يىرىك
مېنى ئوينايتتى، مېنى يۇياتتى.
ئۈچىنچى ناخشىدىكى سەھەر بىلەن
تېنىمنى ياپتىم يېرىم.
تۆتىنچى ناخشا دادامنى ياساپ چىقتى
چوڭقۇر ۋە چەكسىز يوقلۇقلاردىن.
بەشىنچى ناخشا ئاخىرلاشماي تۇرۇپ
يەم بولدۇم ئالتىنچى ناخشىغا.
يەتتىنچى ناخشىدىن چىقىپ
ئۇخلاپ قالدىم
سەككىز بىلەن توققۇز ئارىسىدا.
بىر توپ تۆگىلىك كارۋان
كېتىۋاتاتتى
مەن كۈزەتكۈچى سۈپىتىدە
ياتار ئىدىم قاراپ سارغۇچ تاملارغا.
دادام بىر داخاننى باشلاپ كەلدى
داخان ئۇقىدى
ئاسمان بىلەن
يەر بىلەن
ئاندىن مېنى «سۈف» لىدى.
تام جىمجىت ئىدى مەندىنمۇ بەك
گۇيا مەن ئاڭلاشقا ئۈلگۈرمىگەن نۇرغۇن ناخشىلاردەك.2
11-ناخشا بىلەن ئۆزۈمنى تاپتىم
ئۆزۈم سۇ ئوينايتتى تەكلىماكاندا.
تەكلىماكان يوق ئىدى
ئېيتىلاتتى ئاخىرقى ناخشا.
12-ناخشىدىكى قىزغۇچ كۆينەك
كۆز ئالدىمدىن ئۆتۈپ كەتتى ـــ
ئۆتۈپ كەتتى لەپىلدەپ.
13-ناخشىدىكى تېرەك تۈۋىدە
ئىككىمىزنىڭ ئىزى بار ئىدى
ئىككىمىزنىڭ ئىزى
ماھىيەتتە ئىككىمىزنىڭ ھىدى.
ئىككىمىز ئىككى ياققا بۇرۇلغان
14-ناخشىدا
كۈلۈمسىرەپ تۇراتتى ئاسمان.ھەي، سەندىكى بۇ قەدەر جىمجىتلىقنى نېمە دەي
نېمە دەي يەنە بۇ ناخشىلارنى.
ئاڭلايمەن
15 - ناخشىدىكى
لەۋدىكى ياكى
ئۈزۈلگەن تارلارنى.3
16-ناخشىدىكى باھار پەسلىدە
ئۆستەڭ بويىدا ئۇچراتتىم سېنى.
ئاق كۆينىكىڭ بەكمۇ يىراقتىن
تۈمەن قېتىم ئۆلتۈردى مېنى.
ئۆلدۈم
بىر چېلەك سۇ بۇلۇپ
سېنى يوشۇرۇن كۈزەتتىم
ئالدىڭدىكى ئۆستەڭگە تولۇپ.
ئالدىڭدىكى ئۆستەڭ
مېنىڭ قۇملۇقۇمغا سىڭىپ كېتەتتى
سېنىڭ ئۆستەڭ بويىدىكى غۇۋا ھالىتىڭ
ھەتتەڭ ـــ
قۇملۇقۇمدا ئۇسسۇل ئوينايتتى.17-ناخشىنىڭ ھىدى
پەقەت مېنىڭ ئىزىم ئىدى
ئۆيۈڭ ئالدىدىكى.
يۇلتۇزلۇق ئاخشاملار
سېنى كۆرۈۋالاتتىم
ئۆستەڭ بويىدا.
قاراڭغۇ سۇدا ياكى...سەن گۈل ئىدىڭ
خاتىرەمدە توزۇپ كەتكەن.
ئۇچراتتىم 18-ناخشىدا سېنى
كۆزلىرىڭدە بىر تۈپ ياسىمەن.
ئۆتۈپ كەتتىڭ ئالدىمدىن
ئۆتۈپ كەتتى ئاخىرقى ئۆستەڭ.4
ئون توققۇزدىكى تەبەسسۇم بىلەن
قۇچاق يايدى ۋەتەن.
تۇنجى سۆزنى يازدىم
20-بەتكە قېنىم بىلەن.
سۇ جىمجىت ئاقاتتى
سۇ ناخشا ئيتاتتى.
سۇ مېنى ئۆزىگە تارتىپ
قىرغاقلارغا ئۇرۇلاتتى.ئۆيۈم كەينىدىكى ئېتىزلىقتا
21 ياشلىق بىر قىزنى كۆردۈم
بۇ ياز ئەتتىگىنى ئىدى
ئۈجمە سايىسىدىكى.
بىر يىگىت سۇ باشلايتتى
بىر يىگىت سۇغا قارايتتى
بىر يىگىت ئولتۇراتتى
22-مىسرادىكى ئېرىق بويىدا
تاماكا چېكىپ
ئاۋۇ قىزنىڭ تويىدا.ئاۋۇ قىز
قىزىل رەڭدە
23 قېتىم يىغلىدى
قىزىل رەڭدە.
ئۇنى ئېلىپ كەتتى
24 يىگىت
ياكى ھېلىقى ئۆستەڭ بويىدىكى گىرىمسەن دەقىقە
شۇنداق ئاخىرلاشتى بۇ يەردە ھەممە.مەن ماتېماتىكىدا شېئىر يازاتتىم
سانلار ئىچىدىكى سۇدا يۇيۇناتتىم
چوڭ بولدۇم، 25 ياشقا كىردىم
ئۆزۈمنىڭ 26 -كۈنىدە
كۆپكۆك ۋە جىمجىت كۆلگە تاش ئاتتىم.
بۇ 27-تاش ئىدى
ياكى ئاخىرقى ياش ئىدى.
قاپىيىلەر مېنى يەيتتى
بىر سۆزنى دەيتتى ـــ
بىر سۆزنى.
بىر سۆز بىلەن ئادا بولدۇم
شۇندىن بىرى گادا بولدۇم.ھەي ئۇ ناخشاڭ
مېنى ئۇسسىتاتتى
ئۇسسايتتىم ساڭا.
بىر بالا مەندىن سېنى سورايتتى
ئۆستەڭنىڭ ئۇ قېتىدا.
ئۇ كۆرۈپ قالدى
قوينۇمدىكى خاتىرىلەرنى
ئاخىرقى يەرنى.
بىر بوۋاي ئۇنى پەرۋىش قىلاتتى
ناخشا توۋلاپ.
بالا ئويلايتتى
بەلكىم ئۇ بوۋاي
ياكى ماۋۇ قۇرۇق ئۆستەڭ
ئاران 30 غا كىرگەندۇ...؟
ئويۇنۇمنى ئوينايچۇ، ھەتتەڭ...تەبەسسۇمىڭ
لېۋىمدىكى بىر تامچە سۇـــ
مەن ئىچمىگەن.5
شۇنداق،
ھەممە نەرسە ئاخىرلاشتى
مۇشۇ شېئىرنىڭ ئۈچىنچى مىسراسىدىكى يۇمشاق تۇپىدەك.
ئاخىرلاشتى
ئاخىرلاشتى ھېلىقى ئۆستەڭ
ھېلىقى سۈگەت سايە تاشلاپ تۇرغان ئاخىرقى قىرغاق
ئاخىرلاشتى شۇ يېشىل كۆڭلەك.
ھېلىمۇ ئېسىمدە
27-بەتتىكى چۈشتىن كېيىندىن باشلاپ
مېنىڭ 31-كۈنۈمدىكى سەھەر ياكى كۈن نۇرى.
كۈن نۇرى قىيپاش چۈشەتتى
32 تال قاپقارا چاچنى يورۇتاتتى
مەن قارايتتىم 33-دېرىزىدىن
تاڭلار ئاتاتتى ـــ
تاڭلار ئاتاتتى.ئۇ ئۆزىدە تەنھا ئىدى
ئۇ بىر تامچە سۇ دېدى
مېنى كۆرۈپ.
بىر تامچە سۇ
مەڭگۈ 34 كىرمەيتتى
لېكىن 35-چۆچەكتىكى ھېلىقى ساھىپجامال
قېرىپ كېتەتتى سۇغا قاراپ.
ئۇنىڭ كىرپىكلىرىدە ئاپتاپسۇناتتى
چاك-چاك يېرىلغان
ئاسمان ـــ
ياكى ئاپتاپ.ھەي،
ئارىدىن نۇرغۇن زامانلار ئۆتتى
مەن سېنى كۈتكەن ئاشۇ دوقمۇشتەك.
36-ناخشىنى ئېيتىمەن دەپ
كۆكرەكنىڭ سىرتىغا چىقتى بۇ يۈرەك.
كۆكرەكنىڭ سىرتى
جىمجىت ئىدى سەندىنمۇ بەك ـــسەندىنمۇ بەك...
2009-يىلى ئاپرېل