مۇھەممەتتۇرسۇن زۇنۇن
بەدەن ئۆزىڭىزنىڭ، ئۆزىڭىز كۆڭۈل بۆلمىسىڭىز باشقىلار سىز ئۈچۈن ئاسراپ بەرمەيدۇ. ۋاقتى كەلگەندە دوختۇر-تېۋىپلارمۇ ئامال قىلالمايدۇ.
تەن ئامانەت، تەن ئىنئام. تەن ساقلىق زور بايلىق. تېنىڭىزنى كېسەل بولۇپ قىلىشتىن بۇرۇن ئاسراشنى ئۈگۈنىۋېلىڭ. مىزاجىڭىزغا نېمە زەرەر قىلىدۇ، نېمە پايدا قىلىدۇ، تۇرمۇش ئادىتىدىكى قانداق ناتوغرا ئادەتلەر زىيانلىق، نېمىلەرگە دېققەت قىلىش كېرەك دېگەندەك ئاددىي ساۋاتلارنى بىلىپ قويۇڭ دە، بىلىپ قويۇپلا بولدى قىلماي دەرھال ھەركىتىڭىزگە ئايلاندۇرۇڭ.
ھەرىكەتنىڭ تەن-ساقلىق ئۈچۈن نەقەدەر پايدىلىق ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ ھورۇنلۇق قىلامسىز؟
ئاچچىق، تەييار، سوغۇق يېمەكلىكلەر، ئىچىملىكلەر سوزۇلما ساقسىزلىقلارنى پەيدا قىلىپ تەن سۈپىتىڭىزنى تۆۋەنلىتىپ ئاجىز، مىشچان قىلىپ قويىۋاتسىمۇ نەپسىڭىزگە ھاي بىرەلمەمسىز؟
بويتاقلىق ئىسكەنجىسىدە قىينالغان جىسمىڭىزغا ئارام بىرىش ئۈچۈن سېرىق مەزمۇندىكى سۈرەت، ۋېدىيولارنى كۆرۈش، قولدا لەززەتلىنىش (ئانانىزىم) لارغا ئادەتلىنىپ قىلىش نەتىجىسىدە ھېسياتىڭىزنى ئىزچىل ئالداپ جىسمانىي ۋە روھىي ساغلاملىقىڭىز كۈندىن-كۈنگە چىكىنىپ كېتىۋاتسىمۇ، پۇت-قوللىرىڭىز ماغدۇرسىز، ئىرادە كۈچىڭىز زەئىپ، چىرايىڭىز سۇلغۇن، ئەرلىك سۈلكىتىڭىز يىگىلەۋاتسىمۇ ئۆز-ئۆزىڭىزدىن ھېسياتلىنىپ يەنە ئانانىزىم قىلىپ لەززەتلىنىۋاتامسىز؟
سېمىزلىك تەن ساقلىقىمىز ئۈچۈن زور ئاپەت . يەپ-ئىچىشمۇ لايىقىدا بولغىنى ياخشى. زىيادە تويۇنۇپ ئېستىمال قىلىشنىڭ سالامەتلىك ئۈچۈن خەتەرلىك ئىكەنلىكىنى ئۇلۇغ دانىشمەنلەر ، كىلاسسىك تېۋىپ – ھۆكۈمالىرىمىزدىن ھازىرقى تېببى ئالىملارغىچە تەكىتلەپ كىلىۋېتىپتۇ. شۇنداقتىمۇ قورساققا ئامراق كىشىلەرنىڭ غىزالىنىشتا ئاچكۆزلۈكتىن ساقلانمىقى تەس، يېمەكلىكلەرمۇ خۇمار قىلىدۇ دېگەن قاراشنى كۆپۈنچە كىشىلەر بىلىدۇ. گۆش-ياغ، قەنت-گېزەك، قەھۋە، قېنىق چاي دېگەنلەر شۇنىڭ جۈملىسىدىندۇر. بۇلاردىن ھايات ئۈچۈن لەززەت بىلىپ زوقلىنىش ئۈچۈن لايىقىدا ئېستىمال قىلىنسا كۆپ پايدىلىق. لىكىن ھوزۇر قوغلىشىپ خۇمار دەرىجىسىگە يېتىپ بارسا، ئاچكۆزلۈككە يول بەرسەك يۈرەك، مېڭە قان-تومۇرلىرىمىزغا زور بېسىم پەيدا قىلىمىزدە ھاياتىمىزدىن بەركەت كۆتۈرلۈپ كېتىدۇ. جېگەرلىرىمىز مايلىشىپ ، قورساقلىرىمىز ساڭگىلاپ گۈزەل، سىپتا بەدەن شەكلىمىز ئۆزگىرىپ ھەركەتلىرىمىز قولايسىزلىشىدۇ. بەلكىم ئەقل، تەپەككۇرلىرىمىزمۇ گاللىشىپ قىلىشى مومكىن.
بەدەن ئۆزىڭىزنىڭ، ئۆزىڭىز كۆڭۈل بۆلمىسىڭىز باشقىلار سىز ئۈچۈن ئاسراپ بەرمەيدۇ. ۋاقتى كەلگەندە دوختۇر-تېۋىپلارمۇ ئامال قىلالمايدۇ.