展示图片1 展示图片2 展示图片3 展示图片4 展示图片5
  • 1
  • 2
  • 3
  • 4
  • 5
كۈندە بىر خام دورا — چامغۇر


ۋاقتى:2011-01-06
0

ئالدىنقى قىسىمدا ئېيتقىنىمىز بويىچە بۈگۈنكى تۇنۇشتۇرماقچى بولغان ئۆسۈملۈكنىڭ ئىسمى چامغۇر.

چامغۇرنى ھەممىڭلار بىلىسىلەر ھەقىچان، نامىنى ئاڭلىغان ئۆزىنى كۆرۈپ باقمىغانلار ياندىكى سۈرەتتىن ئۇنى تۇنۇپ ئالالايدۇ. بۇ چامغۇرنىڭ چېچىكى چامغۇر چېچىكى نامىدا، ئۇرۇقى چامغۇر ئۇرۇقى نامىدا ، گۆشلۈك قىسمى بولسا چامغۇر نامىدا دورىغا ئىشلىتىلىدۇ.

خېمىيىلىك تەركىبى : يىلتىزىنىڭ تەركىبىدە گىلۇكوزا،كراخمال، مېۋە شىكىرى، خولىن، مېنىرال ماددىلار، ئاقسىل، ماي، ۋېتامىن ئا قاتارلىقلار بار.

دورىلىق تەسىرى :

 چامغۇر بېشىدىن ئېلىنغان ماددا ئۈچەي تاياقچە باكتىرىيىسىنىڭ ئۆسۈشىنى تۇرمۇزلايدۇ، لېكىن داۋامىنى ئوقۇش»

قان قەنتى ئېشىپ كېتىش راكقا گىرىپتار بولۇش خەۋپىنى ئاشۇرىدىكەن


ۋاقتى:2011-01-04
0

شىۋېتسىيە ئالىملىرىنىڭ تەتقىقات نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، قان قەنتى ئېشىپ كېتىش راكقا گىرىپتار بولۇش خەۋپىنى ئاشۇرىدىكەن. قان قەنتى ئۆرلىگەن ئەرلەردە جىگەر راكى، ئۆت راكى، نەپەسلىنىش يولى راكى، توغرا ئۈچەي راكىنى، ئاياللاردا ئاشقازان ئاستى بېزى راكى، بالىياتقۇ بوينى راكى ۋە ئاشقازان راكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن ئىكەن.

تاڭنۇر ئابدۇرۇپ تەرجىمىسى  

مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورى

كۈندە بىر خام دورا — ئارپىبەدىيان يىلتىزى


ۋاقتى:2011-01-04
0

بۈگۈن تۇنۇشتۇرماقچى بولغىنىمىز ئارپىبەدىيان يىلتىزى.
ماۋۇ ياندىكى بىز ئالدىنقى مەزمۇندا سۆزلەپ ئۆتكەن ئارپىبەدىياننىڭ يىلتىزىدۇر.بۇنىڭ تەمى بىر ئاز قېرىق، پۇرىقى سۇست كېلىدۇ، رەڭگى ئاق، شەكلى سىلىندىرسىمان ھالەتتە بولىدۇئارپىبەدىيان يىلتىزى پوستى، پوستى بىخ بەدىيان دېگەن ناملار بىلەن دورىغا ئىشلىتىلىدۇ.

خېمىيىلىك تەركىبى: يىلتىزىدا ئۇچۇچان ياغ تۇتىدۇ.

تەبىئىتى: ئىككىنچى دەرىجىدە قۇرۇق ئىسسىق.

خۇسۇسىيىتى:
 ئاشقازان ، ئۈچەينى قۇۋۋەتلەش، غەيرىي تەبىئىي بەلغەم،سەۋدا خىلىتلىرىنى پىشۇرۇش، ئىسسىق ۋە يەل تارقىتىش، ھەزىمنى ياخشىلاش، توسالغۇلارنى ئېچىش، تاش پارچىلاش ، سۈيدۈك ھەيدەش داۋامىنى ئوقۇش»

كۈندە بىر خام دورا  —- ئارپىبەدىيان


ۋاقتى:2011-01-03
0

بلوگىمىزدا بۇنىڭدىن كېيىن كۈندە بىر خىل ئۇيغۇر تېبابىتى خام دورىسىنى تۇنۇشتۇرۇپ مېڭىش خىيالىمىز بىلەن بۈگۈنكى تۇنۇشتۇرماقچى بولغان تەلەيلىك خام دورا ‹‹ئارپىبەدىيان››؛

مانا ماۋۇ ياندىكى بىزگە سالام بېرىۋاتقان ئۆسۈملۈك دەل بىز سۆزلىمەكچى بولغان ئارپىبەدىيان ئۆسۈملۈكىدۇر.

بۇ كۈنلۈكسىمان گۈللۈكلەر ئائىلىسىدىكى بىر يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك بولۇپ ، بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ پىشقان، قۇرۇتۇلغان ئۇرۇقى ياكى مېۋىسى ئارپىبەدىيان، رازىيانەج ناملىرى بىلەن دورىغا ئىشلىتىلىدۇ.نۇقۇل بەدىيان دېيىلسىمۇ مۇشۇ ئارپىبەدىياننى كۆرسىتىدۇ. يىلتىز پوستى بولسا بىخ بەدىيان نامى بىلەن دورىغا داۋامىنى ئوقۇش»

ئۆپكە ھاۋالىق ئىششىقى بىمارلىرى دىققەت قىلىدىغان ئىشلار


ۋاقتى:2011-01-03
1

1. بىمار تۇرۇشلۇق مۇھىت ساپ بولۇش كېرەك .

2. تاماكا چەكمەسلىك كېرەك .

3 . ئاممىۋى سورۇنلارغا كۆپ بارماسلىق ، زۇكام بولۇشتىن ساقلىنىش ، زۇكام بولۇپ قالسا ۋاقتىدا داۋالىنىش ، ئۆپكە خاراكتېرلىك يۈرەك كېسىلى بولسا ۋاقتىدا داۋالىتىش كېرەك .

4. يېنىك ھەرىكەت قىلىپ بېرىش ، چارچاپ كەتمەسلىك كېرەك .

5. ئېغىزىنى يۇمۇپ چوڭقۇر نەپەس ئېلىپ ، ئاندىن ئېغىزىنى ئاستا ئېچىپ ، نەپەسنى چىقىرىش ھەرىكىتىنى داۋامىنى ئوقۇش»

كىشمىش(سايىكە) ئۈزۈمنىڭ ئۇيغۇر تېبابىتىدە ئىشلىتىلىشى


ۋاقتى:2011-01-02
0

كىشمىش

كىشمىش: بۇ تونۇشلۇق بولغان ئۈزۈمنىڭ بىر تۈرى(يەنى كۆك ئۈزۈمنىڭ قۇرۇتۇلغىنى ) بولۇپ كىشمىش ، سايىكە دېگەندەك ناملار بىلەن ئاتىلىدۇ. ئىچىدە ئۇرۇغى بولمايدۇ.

خېمىيەلىك تەركىبى: بۇنىڭدا گلۇكوزا، مېۋە قەنتى، ئاز مىقداردا قۇمۇش شېكىرى،ياغاچ شېكىرى،تارتىرات كىسلاتاسى،چۆپ كىسلاتاسى،لىمون كىسلاتاسى،ئالما كىسلاتاسى ۋە ۋېتامىن قاتارلىقلار بار.

دورىلىق تەسىرى: ئۈزۈمىنىڭ تەركىبىدە ئادەتتە ۋېتامىن پ نىڭ تەسىرى بار .

تەبىئىتى: بىرىنچى دەرىجىدە قۇرۇق سۇغۇق.

خۇسۇسىيىتى: غەيرىي تەبىئىي سەپرا خىلىتىنى سۈرۈش، كۆڭۈلنى خۇش قىلىش، يۈرەكنى قۇۋۋەتلەش، بۇزۇق داۋامىنى ئوقۇش»

ئېغىز بوشلۇقىدىكى ئەزالارنىڭ تۈزۈلۈشى


ۋاقتى:2011-01-02
0

ئېغىز بوشلۇقىدىكى ئەزالارنىڭ تۈزۈلۈشى

ئېغىز ئەرەپچە ( فەم ) دەپ ئاتىلىدۇ .  ئېغىز بوشلۇقى _ كالپۇك ( لەب ) لەردىن شەكىللەنگەن ئېغىز تۆشۈكىدىن باشلاپ تىل تۈۋىدىكى گالغىچە بولغان بوشلۇققى قارىتىلغان بولۇپ  ، ئۇ ئاستىقى ، ئۈستۈنكى كالپۇكلار ( شەفەتەين ) ، تىل ( لىسان ) ، چىشلار ( ئەسنان ) ، تاڭلاي ( ھەنەك ) ، گال ( ھەلق ) قاتارلىق ئەزالاردىن تەشكىل تاپىدۇ . بۇلاردىن تاشقىرى يەنە ، ئۇنىڭدا شۆلگەي بەزلىرى ( غۇددەئى ئەرىقىييە ) ، بادامچە بەز ( لەۋزەتەين ) ۋە باشقىلار بولىدۇ  .
    ئېغىز بوشلۇقىنىڭ ئۈستى تەرىپىدە ئۈستۈنكى چىشلار ، تاڭلاي ۋە يۇقىرىقى ئىڭە ، ئاستى تەرىپىدە تۆۋەنكى چىشلار ، تىل ۋە ئاستىنقى ئىڭە بولىدۇ . ئېغىز بوشلۇقىنى ئەستەرلەپ تۇرغان بەلغەمسىمان داۋامىنى ئوقۇش»

قان بېسىم ۋە قاندىكى قەنىت شېكىرىنىڭ ئۆلچىمى


ۋاقتى:2011-01-01
6

 نورمال قان بېسىم قىممىتى

يېشى                                         ئەر                                                     ئايال

 16-20                                             115  73                           110  70

 21-25                                             115  73                            110  71

 26-30                                             115  75                       داۋامىنى ئوقۇش»

يانتاق ۋە ئۇنىڭ ئۇيغۇر تېبابىتىدە ئىشلىتىلىشى


ۋاقتى:2011-01-01
0

يانتاق
خېمىيىلىك تەركىبى: يەر ئۈستىدىكى قىسمىنىڭ تەركىبىدە ۋېتامىن س، كارۇتىن ، ۋېتامىن ك، ئاز مىقداردا ۋېتامىن ب1؛ شاخ ۋە يىلتىزىنىڭ تەركىبىدە ۋېتامىن س، كارۇتىن قاتارلىقلار بار.

تەبىئىتى: ئىككىنچى دەرىجىدە ھۆل سۇغۇق خۇسۇسىيىتى: ئىششىق تارقىتىش، ياللۇغ قايتۇرۇش، غەيرىي تەبىئىي سەپرا ، قان خىلىتلىرىنىڭ ئۆتكۈرلۈكىنى پەسەيتىش، كۆرۈش قۇۋۋىتىنى كۈچلەندۈرۈش، قىزىتما قايتۇرۇش، كۆزدىكى ئاقنى يوقىتىش، ئاغرىق پەسەيتىش.

ئىشلىتىدىغان كېسەللىكلەر: سەپراۋى قىزىتما، تەپ ، بۇۋاسىر، كۆكرەك ئىششىقلىرى، باش ئاغرىقى، چوڭ داۋامىنى ئوقۇش»

مۇھەممەد ئەزەمخان ۋە ئىكسىرى ئەزەم ھەققىدە


ۋاقتى:2010-12-31
0

مۇھەممەد ئەزەمخان ۋە ئىكسىرى ئەزەم ھەققىدە

بۇ ئەسەرنىڭ ئاپتورى ھەكىم مۇھەممەد ئەزەمخان (مىلادىيە 1785-1875) ئاخىرقى ئۆمرى 90 ياشقىچە ئەمەلىي داۋالاش بىلەن بىرگە  ‹‹رۇمۇزى ئەزەم››، ‹‹ئەنۋارى ئەزەم››،‹‹نىرى ئەزەم››،‹‹قارابادىن ئەزەم›› قاتارلىق داڭلىق تېببىي ئەسەرلەرنى يازغان.

‹‹ئىكسىرى ئەزەم›› بولسا ئاپتورنىڭ ئەسەرلىرى ئىچىدىكى ئەڭ سەر خىلى بولۇپ ، ئاپتور بۇ ئەسەرنى 7-ئەسەردىن 19-ئەسىرگىچە يېزىلغان ‹‹ئەلقانۇن فىتتىب››،‹‹زەخىرە خارەزىم شاھى››، ‹‹جاۋاھىرى فارابى››….. قاتارلىق ھەر خىل يېزىقتىكى 100 خىلدىن ئارتۇق دۇنياغا داڭلىق مۆتىۋەر تېببىي ئەسەرلەرنىڭ جەۋھەرلىرىگە ئۆزىنىڭ ئۇزۇن يىللى ئەمەلىي داۋالاش تەجرىبىلىرىنى سىڭدۈرۈپ ، 30 داۋامىنى ئوقۇش»

تۈرلۈك جىنىسي ئەزا ياللۇغلىرىدىن تامچە قۇرتلۇق جىنسىي يول ياللۇغى


ۋاقتى:2010-12-31
0

تۈرلۈك جىنىسي ئەزا ياللۇغلىرى

تامچە قۇرتلۇق جىنسىي يول ياللۇغى

بۇ ناھايىتى كۆپ كۆرۈلىدىغان كېسەللىك بولۇپ ، ھەر قانداق ياشتىكىلەردە، بولۇپمۇ ئوپچە تۇرمۇش كەچۈرىدىغانلاردا ناھايىتى كۆپ كۆرۈلىدۇ.

سەۋەبى: جىنسىي يول تۈكلۈك تامچە قۇرتىدىن يۇقۇملىنىش پەيدا بولىدۇ. ئاساسلىقى جىنسىي يول تامچە قۇرتلۇق كېسىلى بىلەن ئاغرىغۇچىلار بىلەن جىمائ قىلىش، شۇ كېسەل بىلەن ئاغرىغانلار بىلەن بىللە يۇيۇنۇش، يۇيۇنۇش داسلىرى ، يۇيۇنۇش لۆڭگىلىرى ، سۇ ئۈزۈش كىيىملىرى قاتارلىقلارنى ئورتاق داۋامىنى ئوقۇش»

تۆت پەسىل بىلەن سالامەتلىكىنىڭ مۇناسىۋىتى


ۋاقتى:2010-12-31
0

تۆت پەسىل بىلەن سالامەتلىكىنىڭ مۇناسىۋىتى

 ئەتىياز پەسلى : يۇقىرىدا ئەتىياز پەسلى يەڭگىل ئىسسىقلىقى بىلەن قىشنىڭ سۇغۇقىدا ئۇيۇپ قالغان ماددىلارنى ئېرىتىپ ، ئەزالارغا كەلتۈرۈش ئارقىلىق ، مۇشۇ ماددىلار سەۋەبىدىن پەيدا بولىدىغان كېسەللىكلەرنى قوزغىتىدۇ . شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ پەسىلدە شۇ كىشىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالى ، تەبىئىتى ، مىزاجى ۋە ئادەتلىرىگە ئاساسەن ۋە ئۇ رىئايە قىلغان ئاساستا مۇۋاپىق قان ئېلىش ، ۋە تەنقىيە قىلىش ، ھەمدە قەي قىلىش ئارقىلىق قالدۇق ماددىلارنى چىقىرىۋېتىش كېرەك . چۈنكى ، قىش پەسلىدە سۇغۇق بولغانلىقتىن ماددىلار  ئۇيۇپ قېلىپ ، ئىستىمال قىلغان غىزالار قۇيۇقلىشىپ قالغانلىقتىن ، ئاشقازان ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدا بەلغەم كۆپىيىپ قالىدۇ . ئەگەر ئەتىياز پەسلىدە بۇنىڭغا تەدبىر قوللىنىپ قەي قىلىش ئارقىلىق چىقىرىۋېتىلمىسە ئاشقازان ۋە باشقا ئەزالارغا زىيان يەتكۈزىدۇ . قىزىقلىقنى توختىدىغان يېمەك – ئىچمەكلەرنى ئىستىمال قىلىش ، قاتتىق ھەرىكەت قىلىش ، مۇنچىغا كىرىش ، ھاراق ئىچىش ، بەدەننى قىزىتقۇچى يېمەك-ئىچمەكلەرنى يېيىشتىن ۋە ھەرىكەتلەردىن داۋامىنى ئوقۇش»

مامىرانچىنى ۋە ئۇنىڭ ئۇيغۇر تېبابىتىدە ئىشلىتىلىشى


ۋاقتى:2010-12-30
0

مامرانچىنى

بۇ ئېيىقتاپانلار ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك مامىرانچىنى بولۇپ، بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ قۇرۇتۇلغان يىلتىزى مامىرانچىنى نامىدا دورىغا ئىشلىتىلىدۇ.

خېمىيىلىك تەركىبى: بىر بىرىن ئىشقارى، جاتىزورىزىن، كوپتىزىن ئىشقارى، پالماتىن، ماگنوفلورىن  قاتارلىق تەركىبلەر بار.

دورىلىق تەسىرى:

بىرىنچى: مىكرو ئورگانىزىمغا تەسىرى؛ بىر بىرىن ئىشقارىنىڭ باكتىرىيەگە قارشى تەسىرى بار.

ئىككىنچى : قان ئايلىنىش سېستىمىسىغا تەسىرى؛قان بېسىمنى چۈشۈرىدۇ، قان تۇمۇر سىلىق مۇسكۇلىنى داۋامىنى ئوقۇش»

نان


ۋاقتى:2010-12-29
0

نان

  نان ساپ ، تۇزلۇق ، خېمىرى ياخشى ئىشلەنگەن ، بولدۇرۇلغان ۋە تۇنۇردا ياخشى پۇشۇرۇلغان بولۇشى ۋە بىر كېچە تۇرغۇزۇلۇپ يېيىلىشى كېرەك . ئىسسىق ناننى كىشى تەبىئىتى ياخشى قوبۇل قىلسىمۇ ، ئۇنى ئىسسىق ھالدا يېيىش ياخشى ئەمەس بۇنىڭدىن كېيىنكى ئۇرۇندا كېسەكلىك تۇنۇردىن قىلىنغان ئۇششاق كاۋاكلىق تۇنۇردا پۇشۇرۇلغان نان تۇرىدۇ . باشقا ئۇسۇلغا يېپىلغان نان ياخشى ئەمەستۇر . كېپەكسىز ئۇندىن قىلىنغان نان كېپەكلىك ئۇندىن قىلىنغىنىدىن ياخشى . ئۇن قانچە تازا بولسا ، ئۇنى شۇنچە ياخشى خېمىر قىلىپ ، ئوبدان بولدۇرۇپ ، تۇزىنى تەڭشەپ ، ئوبدان داۋامىنى ئوقۇش»

بۇغداي


ۋاقتى:2010-12-29
0

بۇغداي دۇنيادىكى دانلىق زىرائەتلەر ئىچىدە  ئەڭ كۆپ ئىستىمال قىلىنىدىغان ئۇزۇقلۇقلارنىڭ بىرى ، ئۇنىڭ تەبىئىتى بىرىنچى دەرىجىدە ھۆل ئىسسىق ياكى مۆدىتىل .

 بۇغداي ئىنساننىڭ مىزاجىغا ناھايىتى مۇۋاپىق بولۇپ ھاياتلىقتا ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينايدۇ .(رىۋايەتلەردىكى ئادەم ئاتىمىز بىلەن ھاۋا ئانىمىز يېگەن چەكلەنگەن مېۋىنى بۇغداي دەيدىغان قاراش بىلەن ئادەم ئاتىمىز زىمىندا كالا بىلەن تېرىقچىلىق قىلغاندا تېرىغان زىرائەتنىڭ بۇغدايلىقىدىن بىز بۇغداينى ئىنسان مىزاجىغا ئەڭ يېقىن ۋە ئىنسان ئىستىمال قىلىشقا ئەڭ مۇۋاپىق داۋامىنى ئوقۇش»

Page 7 of 15« First...5678910...Last »