展示图片1 展示图片2 展示图片3 展示图片4 展示图片5
  • 1
  • 2
  • 3
  • 4
  • 5
كۈندە بىر خام دورا —يالپۇز


ۋاقتى:2011-01-17
0

بۈگۈن سۆزلىمەكچى بولغىنىمىز يالپۇز ئۆسۈملۈكىدۇر.
يالپۇز بىلەن پىننە(كۆرۈنۈشى جەھەتتە) بىر-بىرىگە ئوخشاپ كېتىدىغان بولۇپ ، ئۇنى پۇرىقى ۋە تەمىدىن بىلىش مۇمكىن .
بۇ كالپۇكسىمان گۈللۈكلەر ئائىلىسىكى كۆپ يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك يالپۇز بولۇپ ، بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ پۈتۈن چۆپى يالپۇز ياكى پۇدىنە نامىدا دورىغا ئىشلىتىلىدۇ.

خېمىيىلىك تەركىبى: ھۆل يۇپۇرمىقىنىڭ تەركىبىدە بىر پىرسەنت، شېخى ۋە غولىنىڭ تەركىبىدە ئىككى پىرسەنت ئۇچۇچان ماي بار، ماينىڭ ئاساسلىق تەركىبى %77-%78 گىچە ماننىتول، %8-%12گىچە مىنتون قاتارلىقلار؛

دورىلىق تەسىرى: مىنتول باش ئاغرىقى ۋە نېرۋا ئاغرىقىنى توختىتىدۇ، بۇ تېرىگە ئىشلىتىلسە ، ئاۋال سۇغۇق داۋامىنى ئوقۇش»

خېمىرى گاۋزىۋان ساددە(ئاددى پىلە غوزىسى خېمىرى)


ۋاقتى:2011-01-16
0

خېمىرى گاۋزىۋان ساددە(ئاددى پىلە غوزىسى خېمىرى)

تەركىبى:

قىرقىلغان ئەۋرىشىم 300گرام ،ئۇد ھىندى3گرام، سۇنبۇل تىپ  ،پوستى ئۇترۇج  ، مەستىكى ،قەلەمپۇر، سازەج ھىندى لاچىندانە 4گرامدىن،ئاق سەندەل 5گرام،

ئەرقى گاۋزىۋان،ئەرقى گۇلاپ،تاتلىق ئالما سۈيى، تاتلىق ئانار سۈيى، بىيە سۈيى 120 مىللىلىتىردىن پاكىزە سۇ 1500مىللىلىتىر،ھەسەل 180گرام،ئاق قەنت 500گرام.

تەييارلىنىشى: يۇقىرىدىكى دورىلارنى كۆرسەتمە بويىچە ئېلىپ، بۇنىڭ ئىچىدىكى قىرقىلغان ئەۋرىشىمنى ئۈچ داۋامىنى ئوقۇش»

كۈندە بىر خام دورا —پىننە


ۋاقتى:2011-01-15
4

بۈگۈن تۇنۇشتۇرۇپ ئۆتىدىغىنىمىز پىننە.

بۇ ھەممىگە تونۇشلۇق بولغان، كۆپ يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك بولغان باغ پىننىسىنىڭ پۈتۈن چۆپىدىن ئىبارەت . بۇنىڭ رەڭگى قېنىق يېشىل رەڭدە ، تەمى ئاچچىق، پۇرىقى خۇشپۇراق كېلىدۇ (چۆچۈرە ئەتكەندە ئۈستىگە  قۇرۇق پىننىدىنئازراق  سېلىۋەتسىڭىز ، چۆچۈرىنىڭ  نەقەدەر مېزىلىك بولۇپ كېتىدىغىنى بىلەلەيسىز. چۆچۈرە ئىچكىم كەپ كەتتىيا).

 خېمىيەلىك تەسىرى: ئاساسلىقى ئۇچۇچان ماي بار. ئۇنىڭدىن باشقا مېتىل خاۋىكول(بۇ %80 دىن يۇقىرى)، ئانىتول، ئانىس ئالدىھىد قاتارلىقلار بار.

دورىلىق تەسىرى: باكتىرىيەگە ، زەمبۇرۇغقا قارشى تۇرۇش تەسىرى بار.

تەبىئىتى: ئۈچىنچى دەرىجىدە قۇرۇق ئىسسىق. 

خۇسۇسىيىتى: ئاشقازان ۋە ئۆتنى قۇۋۋەتلەش، ئىشتىھانى ئېچىش، ھەزىمنى ياخشىلاش، يەل تارقىتىش، بەدەننى داۋامىنى ئوقۇش»

ئۇيغۇر تېبابىتىدە ئىسلاپ داۋالاش


ۋاقتى:2011-01-14
0

ئۇيغۇر خەلق تېبابىتىدە بەزى يەل – يارىلارنى ئىسلاپ داۋالاش ئۇسۇلىنىڭ بارلىقىدىن خەۋىرىم بار. لېكىن ئۇنى قانداق ئۇسۇلدا قانداق داۋالايدىغانلىقىنى، ئىسلاش ئۈچۈن نېمىلەرنىڭ لازىملىقىنى كۆرگىنىممۇ، ئاڭلىغىنىممۇ يوق دېسەم خاتالاشمايمەن. خېلى – خېلىسىدىن سۈرۈشتۈرۈپ كۆردۈم. ئەمما يۈرىكىم ئۇسسۇزلۇقى قانغۇدەك بىر نەرسە ئاڭلىيالمىدىم. ھەممىگە مەلۇمكى، كۆرمىگەن، بىلمىگەن نەرسە توغرىسىدا بىر نەرسە يېزىش ياكى بىمارلارغا تەكلىپ قىلىش مۇمكىن ئەمەسقۇ؟ شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ ھەقتە تا شۇ كۈنگىچە ئېغىز ئاچماي كەلگەنىدىم.

مۇشۇ يېقىندا بېشى 40 نىڭ ئەتراپىغا بېرىپ قالغان، ئوتتۇرا بوي، ئاق سېرىق، چىرايى ئىللىق، ھەر نەرسىنى دىققەت بىلەن تىڭشاشنى بىلىدىغان، خۇش پېئىل بىمار جۇۋان ئالدىمغا كەلدى. ئىلمىي مېدىتسىنادىن خەۋىرى داۋامىنى ئوقۇش»
ئۇيغۇر تېبابەت دورىلىرىنىڭ ئەكس تەسىرى


ۋاقتى:2011-01-13
0

ئۇيغۇر تىبابەت دورىلىرىنىڭ يۇقىرقىدەك ئارتۇقچىلىقى بولسىمۇ، يەنە بەزى دورىلار بىر قىسىم كېسەللىكلەرگە ئەكىس تەسىر كۆرسىتىدىغان ئەھۋاللار مەۋجۇت، يەنى يۈرەكنى قۇۋەتلىگۈچى،خۇشلۇق كەلتۇرگۈچى دورىلارنىڭ تەركىبىدىكى مەرۋايىت، سەدەپ ،لاجۋەرد، زەھرى موھرە قاتارلىق مەدەن دورىلارنى لايىقلاشتۇرغاندا تالقانلىنىش ئۆلچىمىگە يەتمەسلىكى تۈپەيلىدىن، مەدەن دورىلارنىڭ تەركىبىدىكى بەزى خېمىيلىك ماددىلار پارچىلانماي، ئەزالاردا چۆكمىگە چۈشۈپ ئۆت، بۆرەك تاش كېسەللىكلىرىنى پەيدا قىلماقتا.

بەدەننى قۇۋەتلەپ نېرۋىنى تىنىچلاندۇرۇپ، مەنى تۇتقۇچى دورىلاردىن ۋاڭ ئۇرۇغى، بەزىرۇلبەنجى، كۇچۇلا، سىر قاتارلىقلارنى گىلى ھىكمەت قىلىپ لايىقلاشتۇرۇش ئۆلچىمىگە يەتمىگەندە، ئورگانىزىمدا بەزى پاتافىزىئولوگىيلىك ئۆزگىرىشلەرنى پەيدا قىلىپ ھاياتلىققا خەۋىپ يەتكۈزىشى داۋامىنى ئوقۇش»
مۇرەككەب دورىلاردىن ئاجايىپ بىر نۇسخا


ۋاقتى:2011-01-13
0

ھازىرغىچە مەلۇم بولغان رېتسىپلار ئىچىدە ھەكىم غۇلام جىلانىخاننىڭ ‹‹مۇرەككەپ دورىلار خەزىنىسى›› ناملىق كىتابىغا كىرگۈزۈلگەن ‹‹مەجۈنى مۇرەككىبۇل ئەجزا›› ياكى ‹‹ مەجۈنى مۇھرىل ئەرۋا››  دەپ ئاتىلىدىغان مۇرەككەب نۇسخىلىق مەجۈنىدەك كۆپ خىل خام دورا چۈشىدىغان رېتسىپ بايقالمىدى(مېنىڭ بىلىشىمدە). ئېيتىشلارغا قارىغاندا ئۇ دورىنىڭ چاچتىن تارتىپ پۇتنىڭ تىرنىقىغىچە شىپا بولىدىغانلىقى مەلۇمدۇر.

بۈگۈن ھەر قايسىڭلارنى ئەنە شۇ مۆتىۋەر رېتسىپ بىلەن ئۇچراشتۇرماقچىمەن. ئۇ رېتسىپنىڭ تەركىبى مۇنداق:

قىزىل ياقۇت، يېشىل ياقۇت، لەئلى بەدەخشانى، فروزە، زەربەجەد،مارجان يىلتىزى، كەھرىۋا، يەشەب، ھېقىق يەمەندىنىڭ ھەر بىرىدىن 5گرام 5.5 دىتسە(بىر دىتسە 0.1گرام)؛ بىخ سەۋسەن، دارچىن، سۆرۈنجان، ئامىلە ، ئاقىرقەرھا، داۋامىنى ئوقۇش»

كۈندە بىر خام دورا—يۇمغاقسۈت


ۋاقتى:2011-01-12
7

بۈگۈن يۇمغاقسۈت ھەققىدە چۈشەنچە بېرىپ ئۆتىمىز.

يۇمغاقسۈتنى ھەممىڭلار بىلىسىلەرغۇ دەيمەن، بۇ كۈنلۈكسىمان گۈللۈكلەر ئائىلىسىدىكى بىر يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك يۇمغاقسۈت بولۇپ، چۆپى يېشىل رەڭلىك (ئەينا ياندىكىدەي-خوتەنچەھىھىھ)پۇرىقى ئۆتكۈر كېلىدۇ. بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ پۈتۈن چۆپى يۇمغاقسۈت ياكى كەشنىيز ، ئۇرۇقى بولسا يۇمغاقسۈت ئۇرۇقى ياكى تۇخۇمى كەشنىيز نامىدا دورىغا ئىشلىتىلىدۇ.

شەيخ (ئىبىنسىنا ) يۇمغاقسۈت ھەققىدە مۇنداق دېگەن:

بۇنىڭ ھۆلى ۋە قۇۋۋىتى كۆپ ئىشلىتىلىدۇ. جالىنۇسنىڭ ئېيتىشىچە قۇۋۋىتى مۇرەككەب. ئۇنىڭدا ئاچچىق يەر جەۋھىرى ۋە ئىللىق سۇ جەۋھىرى بولىدۇ. كەشنىز پۈرۈشتۈرگۈچى بولغىنى ئۈچۈن بىر ئاز موزا داۋامىنى ئوقۇش»

چوڭ بۇغۇملار ئاغرىقىنى داۋالاش(3)


ۋاقتى:2011-01-11
0

 چوڭ بۇغۇملار ئاغرىقى ھەققىدە چۈشەنچىنى بۇ مەنزىلدىن كۆرۈڭ!!! 

  ?p=313  

خىلىتسىز كەيپىياتلاردىن كېلىپ چىققان چوڭ بۇغۇم ئاغرىقى ۋە  غەيرىي تەبىئىي قان خىلىتىدىن بولغان چوڭ بۇغۇم  ئاغرىقىنى داۋالاشنى بۇ مەنزىلدىن كۆرۈڭ!!! 

 ?p=472 

ئۈچىنچىسى: غەيرىي تەبىئىي سەپرا خىلىتىدىن بولغان چوڭ بۇغۇملار ئاغرىقىنى داۋالاش؛

بۇنى داۋالاش غەيرىي تەبىئىي قان خىلىتىدىن بولغان چوڭ بۇغۇملار ئاغرىقىنى داۋالاش بىلەن ئوخشاش. ئەمما داۋامىنى ئوقۇش»

ئۈششۈكنى يەرلىك ئۇسۇلدا داۋالاش


ۋاقتى:2011-01-10
5

ئۈششۈكنى يەرلىك ئۇسۇلدا داۋالاش

  1) ماشنى تالقانلاپ ، سىركىگە ئارىلاشتۇرۇپ ئۈششۈگەن جاينىڭ سىرتىدىن چېپىشنى داۋام قىلسا ، ئۈششۈكنىڭ ياخشىلىنىشىدا ئۈنۈم بېرىدۇ .
    2) ئۈششۈگەن جاي كۆكەرمىگەن ياكى قارايمىغان بولسا ، كۈنجۈت يېغى ، زەيتۇن يېغى بىلەن سىرتىدىن ياغلاشنى داۋام قىلسا ، ئۈششۈكنىڭ ياخشىلىنىشىدا ئۈنۈم بېرىدۇ .
    3) ئەگەر ئۈششۈگەن جاي ئىششىپ قارايغان بولسا ، بۇغداي سامىنى ، سېرىقچېچەك ، چامغۇر ، بەسەي ، يالپۇز ، داۋامىنى ئوقۇش»

كۈندە بىر خام دورا–ئاپتاپپەرەس گۈلى


ۋاقتى:2011-01-10
0

بۈگۈن ئاپتاپپەرەس گۈلى ھەققىدە تۇنۇشتۇرۇش ئېلىپ بارىمىز. بەلكىم ئويلىغان بولۇشۇڭلار مۇمكىن، ئاپتاپپەرەسنىڭ گۈلىنىمۇ دورىغا ئىشلىتەمدۇ دەپ، ئەلۋەتتە شۇنداق. ئاپتاپپەرەس گۈلىنىڭ سىز ئويلاپ باقمىغان خۇسۇسىيەتلىرىنى بىلمەكچى بولسىڭىز دىققىتىڭىز ئۇنىڭ چۈشەندۈرۈلۈشىدە بولسۇن؛

خېمىيىلىك تەركىبى: گۈلىنىڭ تەركىبىدە ئاپتاپپەرەس ساپونى س، ب، ئا قاتارلىقلار بار.

دورىلىق تەسىرى: گۈلىنىڭ سۇدىكى ئېرىتمىسىنى توشقاننىڭ قۇلىقىغا تېمىتسا قان تۇمۇرنى كېڭەيتىش تەسىرىنى بېرىدۇ، مۈشۈكنىڭ تېرە ئاستىغا ئۇكۇل قىلىنسا ، قان بېسىمىنى چۈشۈرىدۇ.

تەبىئىتى: بىرىنچى دەرىجىدە ھۆل ئىسسىق.

خۇسۇسىيىتى: قان بېسىمىنى تۆۋەنلىتىش، سۈيدۈك ۋە ھەيزنى راۋانلاشتۇرۇش، ئىششىق تارقىتىش، مېڭە ۋە داۋامىنى ئوقۇش»

كۈندە بىر خام دورا — سەۋزە


ۋاقتى:2011-01-09
0

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم دوستلار، بىر نەچچە كۈن تورغا چىقالماي، بلوگقا تېما يوللاشقا پۇرسەت بولمىغان ئىدى ،ئىنشائاللاھ ، بۈگۈن نىسىب بوپتۇ. ئەمدى سەۋزە ھەققىدە تۇنۇشتۇرۇش ئېلىپ بارىمىز.

مانا بۇ ياندىكى سەۋزە، ھەممىڭلار بىلىسىلەر. ئۆزى قۇۋۋەتلىك ۋە ئامراق تاماقلىرىمىزدىن پولو بىلەن شورپا مۇشۇ سەۋزىسىز ئوخشىمايدۇ. ئادەتتە سەۋزىنىڭ سۇلۇق، رەڭگى قىزىل، يوغان ، يىپسىز ۋە تاتلىق بولغانلىرى ئەڭ ياخشى ھېسابلىنىدۇ.

سەۋزىنىڭ گۆشلۈك يىلتىزى سەۋزە ياكى زەدەك نامىدا، ئۇرۇقى سەۋزە ئۇرۇقى ياكى زەدەك ئۇرۇقى نامىدا دورىغا ئىشلىتىلىدۇ.

سەۋزىنىڭ خېميىلىك تەركىبى: سەۋزە يىلتىزىدا كاروتىنېس، لىكوپىن، ۋېتامىن ب1،ب2 ۋە ئانتوتسيانىدىن قاتارلىقلار بار.  يەنە %3-%5 كىچە قەنت، %0.7- %0.1 گىچە مايلىق ياغ، ئاز مىقداردا داۋامىنى ئوقۇش»

بىر تورداشنىڭ سوئالىغا..


ۋاقتى:2011-01-07
2

بۇ ئىنكاس http://bbs.misranim.com/read.php?tid-31834.0html دىكى تېمىدىن ئېلىنغان. ئۇ تېما بىلەن مۇناسىۋىتى بولمىغاچقا ئايرىم تېما سۈپىتىدە يوللاندى.  
 
ھۆرمەتلىك كۆكيال ئەپەندىم. مەن نەدىلا ئۇچىراتماي مىللى تىبابەتتە ئۇ بۇ دىگەنلەرنىڭ شىپالىق رولى سۆزلىنىدۇ. ئۇ مەيلى قانداق ماتىرىيال بولغان بولىشىدىن قەتىئىينەزەر ئىسمى ئوخشاش بولسىلا نەدە، قانداق ئۆسكەن، خىمىيلىك تەركىپ ئارلاشقانمۇ…. دىگەندەك قوشۇمچە ئاگاھلاندۇرۇش بىرىلمەيدىكەن. شۇنداق بولسىمۇ پايدىلىق قىممىتىنى يوقاتمامدۇ؟ بەزىلەرنىڭ قىزىل گۈل بەرگىنى، رەيھاننى چاي دەملەپ ئىچۋاتقانلىقىنى كۆردۈم. ئۇنىڭغا قارىتا داۋامىنى ئوقۇش»

تېببىي رىسالىلەردىن : سۇلار ھەققىدە بايان


ۋاقتى:2011-01-07
0

 تېببىي رىسالىلەردىن : سۇلار ھەققىدە بايان

ساپ ھاۋا سۈيى :

تەبىئىتى : ھۆل سۇغۇق.

خاسىيىتىلا تائامنى ئۆز جايىغا يەتكۈزىدۇ.

زەرىرى: كۈندە ئىچىش ئىچكىرىدىكى ھەزىم قىلىشقا زىيان يەتكۈزىدۇ.

زەرىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئىسكەنجىبىن ۋە شۇنىڭغا ئوخشىغان باشقا شەربەتلەر بىلەن ئىستىمال داۋامىنى ئوقۇش»

قۇلاققا پايدىلىق ۋە زىيانلىق ئامىللار


ۋاقتى:2011-01-06
0

قۇلاقنىڭ ئاساسلىق خىزمىتى ئاۋاز سېزىشتىن ئىبارەت . قۇلاقنىڭ ئاۋاز ھېس قىلالىشى ئاڭلاش قۇۋىتى ( قۇۋۋەئى سامىئە ) دىن باشقا سىرتقى ۋە ئىچكى قۇلاق يەنە قۇلاق سۇپرىسى ، قۇلاق يولى ، قۇلاق پەردىسى ، ئاڭلاش سۆڭەكلىرى ۋە ئاڭلاش ئەسەبلىرى قاتارلىقلارنىڭ ھەرخىل دەرىجىدىكى ۋاستىلىق رولى ئارقىلىق مېڭىگە يېتىپ بارغاندىن كېيىن ئورتاق ھېس قىلىش ( ھىسسى مۇشتەرەك ) كۈچى تۈپەيلىدىن بارلىققا كېلىدۇ . شۇڭا ئاڭلاش خىزمىتىنىڭ نورماللىقىغا كاپالەتلىك قىلىش ۋە قۇلاق كېسەللىكلىرىنىڭ ئالدىنى ۋە پايدىسىز ئامىللار بىلەن تونۇشۇش مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە . قۇلاقتىكى ھەرخىل كېسەللىك ئۆزگىرىشلىرى كۆپىنچە ھاللاردا مېڭىدىكى ئۆزگىرىسلەرنىڭ ئىنكاسى بولۇپ ، مەلۇم مەنىدە ئېيتقاندا قۇلاقنى ئاسراش رەئىس ئەزا داۋامىنى ئوقۇش»

كۈندە بىر خام دورا — چامغۇر


ۋاقتى:2011-01-06
0

ئالدىنقى قىسىمدا ئېيتقىنىمىز بويىچە بۈگۈنكى تۇنۇشتۇرماقچى بولغان ئۆسۈملۈكنىڭ ئىسمى چامغۇر.

چامغۇرنى ھەممىڭلار بىلىسىلەر ھەقىچان، نامىنى ئاڭلىغان ئۆزىنى كۆرۈپ باقمىغانلار ياندىكى سۈرەتتىن ئۇنى تۇنۇپ ئالالايدۇ. بۇ چامغۇرنىڭ چېچىكى چامغۇر چېچىكى نامىدا، ئۇرۇقى چامغۇر ئۇرۇقى نامىدا ، گۆشلۈك قىسمى بولسا چامغۇر نامىدا دورىغا ئىشلىتىلىدۇ.

خېمىيىلىك تەركىبى : يىلتىزىنىڭ تەركىبىدە گىلۇكوزا،كراخمال، مېۋە شىكىرى، خولىن، مېنىرال ماددىلار، ئاقسىل، ماي، ۋېتامىن ئا قاتارلىقلار بار.

دورىلىق تەسىرى :

 چامغۇر بېشىدىن ئېلىنغان ماددا ئۈچەي تاياقچە باكتىرىيىسىنىڭ ئۆسۈشىنى تۇرمۇزلايدۇ، لېكىن داۋامىنى ئوقۇش»

Page 6 of 15« First...4567810...Last »