-
版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
logs/40432682.html
مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشىش ئۈچۈن كەم دېگەندە ئون يىل جاپاغا چىداڭ
تەتقىقاتتىن مەلۇم بولۇشىچە، زور مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشىش تۇغما تالانت بىلەن مۇناسىۋەتسىز ئىكەن. ئۇنداقتا قانداق قىلغاندا زور مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشكىلى بولىدۇ؟
بىرىنچى ئاساسىي خۇلاسە شۇكى، تىرىشىپ خىزمەت قىلمىسىڭىز، تالانتىڭىزغا ماس كېلىدىغان ساھەدە ئىشلىگەن تەقدىردىمۇ، زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىڭىزگە كاپالەتلىك قىلغىلى بولمايدۇ. تەجرىبە ۋە جاپالىق مەشىق ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشتە كەم بولسا بولمايدىغان مۇھىم ئامىل.
نۇرغۇن مۇۋەپپەقىيەت قازانغۇچىلار مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشىشتىن ئىلگىرى كەم دېگەندە ئون يىل جاپالىق خىزمەت قىلغان. مۇتەخەسسىسلەر: كىشىلەر مۇۋەپپەقىيەت قازىنىمەن دەيدىكەن، ئاز دېگەندە ئون يىل جاپالىق خىزمەت قىلىشى كېرەك، دەپ قارايدۇ.
تەتقىقاتچىلارنىڭ بايقىشىچە، ھەر قانداق ساھەدىكى ئەڭ مۇنەۋۋەر خادىملارنىڭ ھەممىسى نۇرغۇن ۋاقتىنى خىزمەتكە ئاتىۋەتكەنلەر ئىكەن. بۇ خىل كىشىلەر نەتىجىسىنى ئاشۇرۇش، قابىلىيىتىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن ئەنە شۇنداق تىرىشىدۇ ھەمدە ئۆزىگە قاتتىق تەلەپ قويۇپ مەشىق قىلىدۇ.
ھەقىقىي مىسال:
تايگېر ۋۇز يۇقىرىقى تەتقىقاتنىڭ تىپىك مىسالى. ئۇ 18 يېشىدا ئامېرىكىدىكى ئەڭ ياش ئىشتىن سىرتقى گولف توپ چېمپيونى بولغان، شۇنىڭدىن ئىلگىرى ئۇ ئاز دېگەندىمۇ 15 يىل گولف توپ ئويناشنى مەشىق قىلغان. ئۇ ھازىرمۇ ئۆزىنىڭ گولف توپ ئويناش سەۋىيىسىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن، ئاۋۋالقىدەكلا كۈنىگە بىر قانچە سائەتتىن مەشىق قىلىدۇ.
بېرىلىپ مەشىق قىلىش سودا ساھەسىدىكى نۇرغۇن تەرەپلەرگىمۇ ماس كېلىدۇ. مەسىلەن، بايان قىلىش، سۆھبەتلىشىش، مالىيە دوكلاتىنى كۆرۈپ چۈشىنىش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىدە سىز بېرىلىپ مەشىق قىلىشىڭىز كېرەك، شۇندىلا پىشىپ يېتىلەلەيسىز.
قالتىس باشقۇرۇش باشقۇرغۇچىلاردىن ئېنىق بولمىغان مۇھىتتا، مۇكەممەل ئۇچۇرغا ئىگە بولمىغان شارائىتتا ھۆكۈم قىلىش ۋە قارار چىقىرىشنى تەلەپ قىلىدۇ. بۇ خىل ئىقتىدارغا بېرىلىپ مەشىق قىلىش ئارقىلىق ئېرىشكىلى بولامدۇ؟ ئەلۋەتتە، بۇ يەردە دېيىلىۋاتقىنى مەشىق ئەمەس، مۇھىمى سىزنىڭ ھەرگىزمۇ ئاددىي مەنىدىكى تەكرار شوغۇللىنىۋاتقان خىزمىتىڭىزگە قانداق مۇئامىلە قىلىشىڭىزدىن ئىبارەت.
سىز خىزمەت جەريانىدا ئۆز-ئۆزىڭىزنى تەربىيىلەش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈشىڭىز، خىزمەت قىلىشتىكى نىشانىڭىز ھەرگىزمۇ خىزمەتنى تۈگىتىش ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى قانداق قىلىپ خىزمەتنى تېخىمۇ ياخشى ئىشلەش بولۇشى كېرەك.
ئامانگۈل ئابدۇراخمان تەرجىمىسى
收藏到:Del.icio.us
مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشىش ئۈچۈن كەم دېگەندە ئون يىل جاپاغا چىداڭ
Blog:دىۋان ھەممىمىزنىڭ دىۋانى2010-03-05 23:22:13مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشىش ئۈچۈن كەم دېگەندە ئون يىل جاپاغا چىداڭ
Blog:ئەرتۇغ بىلوگى2009-06-08 00:06:31
评论