ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، تورداش! بۈگۈن (سائەت)
  • مۇنداقمۇ ئۇدۇل كېلىپ قالامدۇ

    2009-06-04


    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/40447795.html

    مۇنداقمۇ ئۇدۇل كېلىپ قالامدۇ

    قارغىش تەگكەن مۇسابىقە ئاپتوموبىلى

       1955-يىلى ئامېرىكىلىق كىنو چولپىنى جامىس ئۆزىنىڭ داڭلىق ماركىلىق مۇسابىقە ئاپتوموبىلىنى ھەيدەپ كېتىۋاتقاندا قاتناش ھادىسىسىگە ئۇچراپ ئۆلۈپ كەتكەن. كېيىن بۇ مۇسابىقە ئاپتوموبىلى رېموت قىلىنىۋاتقاندا بىر رېمونتچىنىڭ پۇتىنى بېسىۋېلىپ ئۈزۈۋەتكەن، كېيىن يەنە بۇ ئاپتوموبىلىنىڭ ماتورىنى سېتىۋېلىپ ئۆز ئاپتوموبىلىغا سەپلىگەن بىر دوختۇر ئاپتوموبىلىنى ھەيدەپ كېتىۋاتقاندا قاتناش ھادىسىسىگە ئۇچراپ ئۆلۈپ كەتكەن. بۇ ئاپتوموبىلنى سېتىۋالغان كېرەكسىز ئاپتوموبىللارنى يىغىۋالغۇچىمۇ قاتناش ھادىسىسىگە ئۇچراپ ئۆلگەن. كېيىن بىرەيلەن بۇ ئاپتوموبىلنىڭ قېپىنى كۆرگەزمىگە قويغان، كۈتۈلمىگەندە كۆرگەزمە زالىغا ئوت كەتكەن. يەنە بىر قېتىم ئاپتوموبىلنىڭ قېپى كۆرگەزمە سۇپىسىدىن چۈشۈپ كېتىپ، بىر ساياھەتچىنىڭ ساغرا سۆڭىكىنى سۇندۇرىۋەتكەن.

     ئۆزى ئۆلىۋالىمەن دەپ ئېرىنى ئۆلتۈرۈپ قويۇش

    چېخ پايتەختى پراگا شەھىرىدىكى ۋېيلا ئىسىملىك بىر ئايال ئېرىنىڭ ئۆزىگە ۋاپاسىزلىق قىلغانلىقىنى بايقىغاندىن كېيىن ئۆلۈۋالماقچى بولۇپ بىنانىڭ ئۈچىنچى قەۋىتىدىن سەكرىگەن، بىراق كۈتۈلمىگەندە يولدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقان بىر ئادەمنىڭ ئۈستىگە چۈشۈپ، ئۇنى ئۆلتۈرۈپ قويغان، ئۆزى بولسا يېنىك يارىلانغان، ئۇ ئۆلتۈرۈپ قويغان كىشى دەل ئۇنىڭ ئۈجمە كۆڭۈل ئېرى بولۇپ چىققان.

     ئەزرائىلنىڭ دەم ئېلىشى

        1946-يىلى ئامېرىكىنىڭ نيۇ-يورك شەھىرىدىكى «ئاردون كەچلىك خەۋەرلەر گېزىتى» نىڭ مۇسىبەت خەۋەرلىرى مۇھەررىرى ۋېست بىر ھەپتە دەم ئالغان.قىزىق يېرى، ئادەتتە ھەپتىدە ئون نەچچە پارچە مۇسىبەت خەۋىرى تاپشۇرۇۋالىدىغان بۇ گېزىتخانا ۋېست دەم ئالغان بىر ھەپتە جەريانىدا تۇنجى قېتىم بىرمۇ مۇسىبەت خەۋىرى تاپشۇرۇۋالمىغان.

    ھالاكەت كۆۋرۈكى

       1957-يىلى ئامېرىكىنىڭ كالىفورنىيە شتاتىدىكى بېرسىنىك ئۆيى ئەتراپىدىكى بىر كۆۋرۈكتىن ئۆتۈۋاتقاندا، ئۇنى بىر ئاپتوموبىل بېسىپ ئۆلتۈرۈۋەتكەن؛ ئىككى يىلدىن كېيىن ئۇنىڭ ئوغلى شىرام دەل مۇشۇ كۆۋرۈكتىن ئۆتۈۋاتقاندا، يەنە بىر ئاپتوموبىل شىرامنى بېسىپ ئۆلتۈرۈۋەتكەن؛ ئالتە يىلدىن كېيىن، بېرسىنكنىڭ 14ياشلىق نەۋرىسى داۋىي شۇ كۆۋرۈكتە ئويناۋاتقاندا، ئۇنى ئۇچقاندەك كېلىۋاتقان بىر ئاپتوموبىل بېسىپ ئۆلتۈرۈۋەتكەن.

                                  مەنبە: «شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتى»


    收藏到:Del.icio.us




    评论

  • رەخمەت ئاداش.ياخشى تېما .ئىكەن.
iframe name="hiddenIFrame" id="hiddenIFrame" width=0 height=0>