ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، تورداش! بۈگۈن (سائەت)
  • بىلوگ ئەھلىگە ئوتلۇق سالام!

    2010-05-26


    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/64342458.html

      

    بىلوگ ئەھلىگە ئوتلۇق سالام!

     

       ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قەدىرلىك تورداشلار! مۇبارەك تەنلىرىڭلار ئامانمۇ؟ تۇرمۇش، خىزمەت ۋە باشقا ئىشلىرىڭلار جايىدا كېتىپ بارامدۇ؟

       بىلوگ يۈزىدە دىدارلاشمىغىنىمىزغا 10 ئاي بوپتۇ، بۇ يىل 14 – مايدىن باشلاپ ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئالاقە تورىنىڭ ئەسلىگە كېلىشى بىلەن بىلوگ يۈزىدە قايتا دىدارلىشىپ ئولتۇرۇپتىمىز، خۇداغا شۈكۈر.

    13–ماي كەچتە بىر دوستۇمدىن ئالاقە تورىنىڭ ھەمدە QQ نىڭ شۇ كۈنى كەچ سائەت 12 بىلەن پۈتۈنلەي ئەسلىگە كەلتۈرۈلىدىغانلىقىنى ئاڭلاپ ناھايىتى ھاياجانلاندىم، خۇددى يوقۇتۇپ قويغىلى ئۇزۇن بولغان بىر نەرسەمنى بىراۋ تېپىۋېلىپ ماڭا قايتۇرۇپ بەرمەكچى بولغاندەك خۇشاللىققا چۆمدۈم، شۇنداقلا بىر تۇرۇپ ئىشەنگۈم كەلمىدى، تور ھەمدە QQ راستلا ئەسلىگە كېلەرمۇ؟

      سائەتنىڭ تېزراق 10 بولۇشىنى كۈتتۈم، ئاخىرى 10 مۇ بولدى، بىراق تورنى ئاچسام ئېچىلمىدى، يەنە بىر ئاز كۈتتۈم، يەنە ئېچىلمىدى، ئاخىرى بۇ خەۋەرنى يالغانغا چىقىرىپ، ئۇخلاپ قالدىم، ئەتىسى ئەتىگەن ئورنۇمدىن تۇرۇپلا بىر خىل ئۈمىد ھەم ئۈمىدسىزلىك ئارىلاشقان ھېسسىيات ئىلكىدە ئالدىراپ تورنى ئاچتىم، دېگەندەك تور ئېچىلغان ئىدى! ئاۋۋال QQ رىمنى، ئارقىدىن بۇ سۆيۈملۈك بىلوگۇمنى ئاچتىم، ھەممىسى ئىلگىرىكىدەك، شۇ پېتى تۇرۇپتۇ!!!

       بۇ خەۋەرنى ئالدىراپ يېقىن – يورۇقلىرىم، دوست – بۇرادەرلىرىمگە يان تېلېفون قىسقا ئۇچۇر ئارقىلىق يەتكۈزدۈم...

      مانا، ئالاقە تورى ئەسلىگە كەلتۈرۈلگىلىمۇ ھەش – پەش دېگۈچە ئىككى ھەپتە بولۇپ قاپتۇ، بىلوگداشلار بىلەن پاتراق ئەسرا بولۇش ئۈچۈن يېڭىلىمىغىلى 10ئاي بولغان بىلوگ خاتىرىلىرىمنى تېزراق يېڭىلاشقا ئالدىرىدىميۇ، خىزمەت ئالدىراشلىقى ۋە باشقا ئالدىراشلىقلار سەۋەبلىك ھازىرغىچە يېڭىلىيالمىدىم. بۇنىڭ ئۈچۈن ئۈزۈرلۈكمەن بىلوگداشلىرىم. ئەمدى بۇنىڭدىن كېيىن خۇدايىم بۇيرىسا بىلوگۇم داۋاملىق يېڭىلىنىپ تۇرغۇسى، يېڭى –يېڭى مەزمۇنلار سىلەرگە سۇنۇلغۇسى...كىرىپ تۇرۇڭلار، پىكىر يېزىپ تۇرۇڭلار، بىلوگ يۈزىدە يەنە 10 ئاي ئىلگىرىكىدەك ئەسرالىشايلى...


    收藏到:Del.icio.us




    评论

  • ئۇنىڭ گىپىنى قىلماڭ، مەن بىلوگىمنىڭ ئارقا باشقۇرۇش سەھنىسىگە كىرىپ قايمۇقۇپلا كەتتىم دىسە~~~ ھە نىمە بولسا ھازىر ئىسىمگە كىلىۋالدىم....


  • ئەسسالامۇئەلەيكۇم ، يولباش ئەپەندى ؟ قانداق ئەھۋاللىرى ؟
    خۇداغا مىڭ مەرتىۋە شۈكرە ، ئىشلىرىمىز ياخشى بولۇپ، تورمۇ ئەسلىگە كەلدى . بۇندىن كېيىن يەنە ئەسلىدىكىدەك ئەسرالىشىپ تۇرىمىز . ئامان بولغايلا !
    YOLBASH回复ئۇيغۇرتېكىن说:
    ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام، ئۇيغۇر تېكىن ئەپەندى
    شۇنداق، ھەممە ئىش ئەسلىگە كەلدى، بۇنىڭدىن كېيىن داۋاملىق ئەسرالىشىپ، بىلوگلىرىمىزنى تېخىمۇ رەڭدار ۋە موللاشتۇرايلى، بىلوگۇمغا قەدەم تەشرىپ قىلغىنىڭىزغا ۋە ئىنكاس يازغىنىڭىزغا رەھمەت، داۋاملىق كىرىپ تۇرۇڭ!
    2010-05-28 18:45:10
iframe name="hiddenIFrame" id="hiddenIFrame" width=0 height=0>