-
版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
logs/40797786.html
توققۇز خىل ياخشى تۇرمۇش ئادىتى
1. ھەر كۈنى 30 مىنۇت پىيادە يول يۈرۈڭ.
2. ھەر كۈنى 7 سائەت ئۇخلاشقا، ئۇيقۇنىڭ سۈپەتلىك،تولۇق بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىڭ.
3. ھەر كۈنى ئاز بولغاندىمۇ 4-5 ئىستاكان (2000 مىللىلېتىر) قايناقسۇ ئىچىڭ.
4. زىيادە تويۇنۇپ غىزالىنىشتىن ساقلىنىڭ.يەنى،تاماق يېگەندە%70ئەتراپىدا تويۇنۇشقا ئادەتلىنىڭ.
5. روھىي كەيپىياتىڭىزنى ھەر ۋاقىت تەڭشەپ، تۇرمۇشنى كۆڭۈللۈك ئۆتكۈزۈڭ، كىچىك ئىشلارغا چىچىلماڭ، مۇزىكا ئاڭلاش، گۈل پەرۋىش قىلىش، قۇش بېقىش، سەيلە قىلىش قاتارلىق ئىشلار ئارقىلىق كەيپىياتىڭىزنى تۇراقلاشتۇرۇشنى ئۈگىنىۋىلىڭ.
6. نورمال بەدەن ئېغىرلىقىڭىزنى ساقلاشقا دىققەت قىلىڭ، يەنى بوي ئېگىزلىكىڭىزدىن 105نى چىقىرۋەتكەندىن كىيىنكى سانلىق مىقدار سىزنىڭ ئەڭ ئۆلچەملىك بەدەن ئېغىرلىقىڭىز بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
7. ئەگەر سىز كۈن بويى ئىشخانىدا ئولتۇرۇپ خىزمەت قىلسىڭىز، ھەر بىر سائەتتە بىر قېتىم ئورنىڭىزدىن تۇرۇپ ئىختىيارىي ھەرىكەت قىلىڭ.
8. ئۈچ ۋاقلىق تاماقنىڭ قانۇنىيەتلىك،كۆپ خىل بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىڭ.ئادەتتە ناشتىلىقنى ئوبدان، چۈشلۈك تاماقنى نورمال،كەچلىك تاماقنى ئازراق يەڭ، ھايۋانات مايلىرىنى ئازراق، ئۆسۈملۈك مايلىرىنى كۆپرەك ئىستېمال قىلىڭ، ھۆل-قۇرۇق مېۋە ۋە كۆكتاتلارنى داۋاملىق ئىستېمال قىلىپ تۇرۇڭ.
9. ھاراق،تاماكىدىن ئۆزىڭىزنى تارتىڭ.بولۇپمۇ ھاراق بىلەن تاماكىنى تەڭ ئىستېمال قىلىشتىن ساقلىنىڭ. ئەگەر سىز تاماكىنى كۆپ چەكسىڭىز قايناقسۇنى كۆپرەك ئىچىپ تۇرۇڭ.مەنبە: باھادىر بىلوگى
收藏到:Del.icio.us
评论
ئېمىيېلدە سىزگە جاۋاپ خەت يازالمىدىم... (يەنلا شۇ ئىمتاھاننى دەپ). سەت بولدى. ... ھازىر گەرچە كۈندە تورغا چىقدىغان ۋاقتىم ئۇزۇن بولمىسمۇ،لىكىن بىلوگقا ئىزچىل كىرىۋاتىمەن،...دوسلۇرۇم ۋە مەن سىزنى قوللايمىز.... سىزنىڭ ئىشلىرىڭىزنىڭ ئوڭۇشلۇق، تىنڭىزنىڭ سالامەت بۇلشىنى تىلەيمىز.....
سىزنىڭ قىممەتلىك ۋاقتىڭىزنى چىقىرىپ بىزگە ياردەم قىلغىنىڭىزغا چىن دىلمىزدىن يەنەبىر قېتىم رەخمەت ئېيتىمىز... رەخمەت سىزگە يولباش ئەپەندى.
گەرچە ئككىمىز كۆرۈشۈپ باقمىغان، ئىنتىرنىتتلا پاراڭلاشقان بولساقمۇ، لىكىن سىز ماڭا ھەقىقى ياردەم قىلدىڭىز... تور دۇنياسىغا ئىشەنمەسلىكتەك بىرتەرەپلىمە قارشىمنى تۈپتىن ئۆزگەرتىڭىز...سىز بىلەن تۇنۇشۇپ، ئۇيغۇرۇمدىن يەنە بىر قېتىم چوڭقۇر سۈيۈندۇم....ئەمما، ۋاقتىم بەك قىس بولغانلىقى ئۈچۈن مەھەللەمنى تۇلۇق ئۇيغۇرچىلاشتۇرپ بولالمىدىم... ھەم بەزى نوقتىلارنى چۈشۈنەلمەي قالدىم.(كومپىيوتىر سەۋيەم ئانچە تۆۋەن ئەمەس بولمىسا)...
باشقا بىلوگلاردىن ماقالىلەرنى كۆردۇم. بىراق بەك يۈزەكى ئىكەن..... بەزىللىرنىڭ (ئىود) چۈشۈرۋېلىڭ، ئۇسلۇب چۈشۈرۋېلىڭ دەپ قۇيۇپ قويغان ئۇلىنىشلىرى ئىتىلىپ قاپتۇ.....
ئەگەر سىزنىڭ ۋاقتىڭىز بولسا مەھەللىنى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش ھەققىدە تەپسىلىراق چوڭ تىپتىكى بىر تېما يوللاپ قۇيغان بولسىڭىز.... بىز بىر ياتاقتىكى ئالتەيلەن سىزدىن كۆپ مىننەتتار بولغان بۇلاتتۇق.... تۇرمۇشڭىزغا خوشاللىق ، ئىشلىرىڭىزغا نەتىجە تىلەپ سىزنىڭ قوللۇغۇچىڭىز (ماتروس)
ھە راسىت. ئەسلىدە بۇلارنى ئۆزىمىز ھەپلىشىپ ئۆگەنسەك، تېخمۇ زېھنىمىز ئېچىلاتتى، بىراق ئىمتاھان ۋاقتى يېقىنلىشىپ قالدى... توغرا چۇشەنسىڭىز...
ئەمدى سىزنىڭ بىلوگىڭىزغا كەلسەك، مەن قايسى كۈنى سىزگە دېگەن ھېلىقى ئۇسۇل بىلوگ ياساشتىكى ئەڭ ئاساسىي ئۇسۇلدىن ئىبارەت. مەيلى سىز قانداقلا ئۇسلۇبنى ئىشلىتىڭ، جەريانى شۇنداق بولىدۇ. ئەمدىكى گەپ بىلوگىڭىزغا eot ياساشتىن ئىبارەت. eot بار بولغاندىن كېيىن، بىلوگىڭىزنى دۇنيانىڭ ھەر قانداق يېرىدە نورمال ھالەتتە كۆرگىلى بولىدۇ. خالىغان مەزمۇندىكى نەرسىلەرنى خالىغانچە ئېلان قىلسىڭىز بولىۋېرىدۇ. بىلوگىڭىزنى بېزەش، ھەرخىل ئۈنۈملەرنى قوشۇش قاتارلىق ئىشلارنى ئاستا – ئاستا تولۇقلىۋالسىڭىز بولىدۇ، ئۇسلۇبنىمۇ خالىغانچە ئالماشتۇرسىڭىز بولىدۇ.
مەن تەكلىپىڭىز بويىچە شۇ ھەقتىكى ماتېرىياللارنى ئۇزۇنغا قالمايلا يوللاپ قوياي، بۇ ھەقتىغۇ توردا نۇرغۇن ياخشى ماتېرىياللارمۇ بار، شۇنداق بولسىمۇ. ئىش بولسا يەنە ئالاقىلىشايلى...بىلوگىمنى دوستلىرىڭىزغا تەشۋىق قىلىپ قويۇشنى ئۇنۇتمىغايسىز.
ماۋۇ گەپنى ياخشى كۆرۇۋالدىم ..... كۈنگە بىر چايدان قايناق سۇ ئىچمىسەم
ئەمدى ...