-
版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
logs/40740037.html
غەلىتە جىننىس رېكورتلىرى
ساقىلى بىلەن پويىزنى سۆرىگەن ئادەم: 2001-يىلى ئىسپانىيىلىك سېمىر ساقىلى بىلەن ئېغىرلىقى 6069 قاداق كېلىدىغان پويىزنى سۆرىگەن.
مېدىرلىماي ئەڭ ئۇزۇن ئۆرە تۇرغان ئادەم: 1997-يىلى ھىندىستانلىق بۇراكىش 20 سائەت 10 مىنۇت 6 سېكۇنت مىدىرلىماي ئۆرە تۇرغان.
بەدىنىگە ئەڭ ئۇزۇن ۋاقىت سەرپ قىلىپ رەسىم سىزغا ئادەم: 2003-يىلى ئەنگلىيىلىك كىرىس بىر چولپاننىڭ رەسىمىنى بەدىنگە توپتوغرا 33 سائەتتە سىزىپ چىققان.
ئەڭ كۆپ تۇغقان ئايال: 1997-يىلى ئامېرىكىلىق بوبىنىڭ ئايالى كاسىلىن يەتتە كېزەك تۇغقان.
كېرەكسىز نەرسىلەرنى ئەڭ كۆپ يۇتقان ئادەم: 1927-يىلى كانادالىق بىر ئايالنىڭ ئاشقازىنىدىن 2533 تال نەرسە چىقىرىۋېلىنغان. ئۇنىڭ ئىچىدىكى 947 سى قالپاقلىق مىخ ئىكەن.
بەدىنىنى ئەڭ كۆپ تەشكەن ئادەم: كۇبالىق لۇيىس بەدىنىنىڭ 230 يېرىنى تەشكەن.
يۈزىدە ئەڭ كۆپ قوشۇق تۇرغۇزالىغان ئادەم: 2007-يىلى مايدا ئامېرىكىلىق 12 ياشلىق ئۆسمۈر دىڭمۇ يۈزىگە 15 تال قوشۇقنى تەڭپۇڭ ھالەتتە 30 سېكۇنت تۇرغۇزغان.
ئەڭ كۆپ پۇتنى پۇرىغان ئادەم: ئامېرىكىلىق ماندىلىن ئابلىچ پۇت كېسەللىكى مۇتەخەسسىسى بىلەن بىرگە 15 يىل خىزمەت قىلغان، بۇ جەرياندا ئۇ جەمئىي 5600 پۇتنى پۇرىغان.
ئەڭ كۆپ سائەت يېگەن ئادەم: 1998-يىلى كورىيىلىك جىنشىڭ 1 سائەت 34 مىنۇتتا بەش دانە سائەتنى يەۋەتكەن.
ساقلىۋېلىش: Del.icio.us
ئىنكاسلار ۋە جاۋاپلار