جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 2095 تال  

مىكروبلوگ يېڭىلىقلىرى

بارخاندىن ئاۋاز _ ئەزىز ھېيت [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  190
يازما سانى: 946
نادىر تېمىسى: 1
تېللا: 2008
تۆھپە : 1
توردا: 324
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-6-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-10 00:58:37 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
        ئانا   يۇرت   قەسىدىسى
             (  مۇخەمەس)
     ( چەتئەلدە ئۇزۇن يىل تۇرۇپ قايتىپ كەلگەن بىر مۇھاجىر بوۋاي تىلىدىن)


          ئەزىز ھېيت كۈن


         تەلپۈنۈپ كەلدىم يىراقتىن ئانا يۇرتنى  كۆرگىلى.
         ئانا بۈگۈر تۇپرىغىنى  كۆزلىرىمگە  دۈرگىلى.
        ماڭا بولغان نەچچە  ئون يىل يۇرتىمىزدىن كۆچكىلى.
        بولدى ھەم كۆپ يىل ئۇنى  مەن سېغىنىشتا ئۆتكىلى،
        كەلدى پەيت ئاخىر ماڭا  ئۇنىڭغا  قەددىم پۈككىلى.

       بىر كۆرۈپ ھەيرەتتە قالدىم يۇرتىمىز  جامالىنى.
       مىسلى جەننەتكەنغۇ دىدىم سۈپ-سۈزۈك رۇخسارىنى.
       يۈرىكىمگە كەلدى باسقۇم كەڭرى گۈلشەن ۋادىنى،
       مەستانە ئاشىق بولۇپ كەزدىم  پايانسىز دالىنى.
       كەلدى زەپمۇ ياخشى پۇرسەت چىن دىلىمدىن كۈلگىلى.

       ئەسلى مەن ئۇز ھۆسنىگە  تاڭ قالارىمنى بىلمىگەن،
       ھۆر زاماندا يۇرتىمىزدا ئۆزگىرىش بوپتۇ تۈمەن.
       زامانىۋى سىياقىدا يوق ئىكەن نۇقسان-ئىۋەن.
       شەرقى ئەشمە،غەربى لايسۇ قالمىدى مەن كەزمىگەن.
       ئىچ-ئىچىمدىن تاشتى زوقۇم يۇرت ئارىلاپ كەزگىلى.

       ئاق ئۆرۈك بىلەن قېقىنىڭ  تەمى بەك شىرىن-لەزىز.
       ساپ-سېرىق كەھىرۋا گويا،پوستى سۈزۈك ھەم نېپىز.
       شاپتۇلىمۇ،قوغۇنىمۇ كاتتىدۇر،ئەتلىك –سېمىز.
       يۇرتىمىز جىمى نىمىتى ئەتىۋار- جاندەك ئەزىز.
       تۇيغۇمىز بار ئانا  يۇرتنىڭ سۆيگۈسىنى سەزگىلى.

       زورىيىپتۇ خەلقىمىزنىڭ پاراسىتى ئۆزگىچە،
       كۈچىيىپتۇ خەلقىمىزنىڭ جاسارىتى ئۆزگىچە.
       گۈللىنىپتۇ يۇرتىمىزنىڭ  قىياپىتى ئۆزگىچە،
       ئۇلغۇيىپتۇ يۇرتىمىزنى  ئىناۋىتى ئۆزگىچە.
       بوپتۇ ئوتتۇز يىل تەرەقىيات يولىغا كىرگىلى.

      ئانا بۈگۈر ئۆزگە جاينى بىر سېنىڭدەك كۆرمىدىم.
      ياخشى كۈن كۆرسەممۇ ئۆزگە جايدا ئىزچىل كۆنمىدىم.
       بىر ئۆمۈر بىر ساڭا كۆيدۈم ئۆزگە جايغا كۆيمىدىم.
      مېنى كەچۈر ياش چېغىمدا ساڭا  قان-تەر تۆكمىدىم.
      بولدى كۆپ زامان سېنى مەن مۇققەدەس جاي بىلگىلى.

      گاز ئەمەس ئېقىپتۇ سۆيگۈ-مۇھەبەت شاڭخەي تامان.
      پەمىدۇر،ئۆرۈك،قوغۇن بېرىپتۇ چەتئەلگە  راۋان.
      تۈزۈلۈپتۇ يۈكسىلىشكە  يېڭى ئۇلۇغۋار  پىلان.
      كەلگۈسى ھاللىق جەمىيەت بوپتۇ  غايىۋى نىشان.
      بولغۇسى بىزگە ماياك بۈيۈك غايە يۈكسەكلىكى.

     ئانا بۈگۈر جەڭدە خەلقىڭ پەلىلەر ئاتلاپ تۇرار.
     مەيدىنىڭدا سىمۋولىڭ بوپ ئاچقۇچىڭ چاقناپ تۇرار.
     يوللىرىڭدا بارچە كارۋان توختىماي قاتناپ تۇرار.
     چۆلدە توغراق،تاغدا شەمشاد،قارغىيىڭ ياشناپ تۇرار.
     تۇغىلىمىز سېنى مەڭگۈ چىن يۈرەكتىن سۆيگىلى.

    جانلىنىپتۇ كەڭ ساھەدە يېڭى تېخنىكا،ئۇچۇر.
   پەن-ئىلىم،ئۆتكۈر كەسىپ ھەر جايغا بولماقتا كۇزۇر.
   شان قۇچىدۇ ماركا،توۋار بولسا چىن ئېسىل،-پۇزۇر.
   ئەلا مەھسۇلات ئاۋۇسا ئىستىمالدا بار ھوزۇر.
   چوڭ تارازىدۇر بۈگۈن تېخنىكا،سۈپەت ئۆتكىلى.

   قۇت-بەخت ئەمەسمۇ ؟ قوينۇڭ تۆھپە بىلەن گۈللىسە.
   ئۆم-ئىناق خەلقىڭ كۆرەشتە غەلبە بىلەن ئۆرلىسە.
   شات كۆڭۈللەر سېنى كۈن-تۈن ئىچ-ئىچىدىن كۈيلىسە،
   راست تۈگىمەس مىڭچە  داستان شەرىپىڭنى سۆزلىسە.
   ھىكمىتىڭ چوڭ بىر قامۇس، بولماس بىراقلا تۆككىلى.

   ئارمىنىم يوق ئانا بۈگۈر سەندە بىر كۈن ياشىسام.
   ئارمىنىم يوق قۇچاقىڭدا بالىلاردەك يايرىسام.
   ئارمىنىم يوق چال-قېرى چېغىمدا بىر رەت ياشنىسام.
   بىر ئەمەس يۈز مىڭ ئۆلەي سەندىن زەرىچە قاھشىسام !
   ئەيلە رۇخسەت جەسسىدىمنى تۇپرىغىڭغا كۆمگىلى !

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئەزىز ھېيت كۈن تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-4-12 16:48  


كېتىۋېتىپ كېلىۋاتقىنى شامال.يەنە ئۆزۈم بولىشىممۇ مۇمكىن.

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  190
يازما سانى: 946
نادىر تېمىسى: 1
تېللا: 2008
تۆھپە : 1
توردا: 324
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-6-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-10 01:18:27 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
              شەيتان تەزكىرىسى

              ئەزىز ھېيت كۈن

            سەن ئەزەلدىن شەكىلسىز  مەخلۇق،
            ھىلەڭ باررۇ لىكىن جېنىڭ  يوق.
            سېنى يېقىندىن ئىزدىسەك ئەسلى
            سەن ئەمەسمۇ  ئادەمنىڭ  نەپسى؟
            ياكى بىر شۇملۇق سەن ئەڭ قەبىھ !

             مۆكۈۋالساڭ  ئەرلەر كۆڭلىگە،
             باشلاپ كېتىسەن قىزلار ھۆسنىگە.
             ئەرلەر گويا ئەسەبى قاپلان،
             قىز-چوكانلار ھۈركىگەن توشقان،
             يۇمران تەنلەر بولىدۇ  پايخان.

             ھەمراھ بولساڭ خەسىس بىر بايغا،
             قول سوزغۇزسەن ھەتتاكى ئايغا.
             ئۆتەر شۇ باي بۇرۇتنى مايلاپ،
             ئىچى روزا،تېشى ھېيت ئويناپ.
             كېتەر گۆرگە  بايلىقنى تاشلاپ.

             گەر كۆرۈنسەڭ  نادانغا  پۇل بوپ،
             كېتەر ئۇنىڭ  كۆزى نۇرلۇنۇپ.
              ئۇ ئايلىنار ئويىدا  پۇلغا،
              پۇل غالچىسى-ئەڭ سادىق قۇلغا.
              ئانىسىنى تونىماس ئەمما.

               ھەسەتخورغا يولۇقساڭ  ئەگەر،
               بايرام قىلىپ قانغىچە  كۈلەر.
               ئادەم غاجاپ پۈركەر ئۇستتىخان
               بوۋاقلارمۇ غەيۋەتكە  نىشان.
                سۆكۈلىدۇ  ھەتتاكى  ئاسمان.

                يولۇقساڭ بىر شۆھرەتپەرەسكە،
                نۇر بەرگىنىڭ شۇ ئاپتاپپەرەسكە.
                ئېلىپ قاچار ئۇ قۇرۇق ھارۋىنى،
                 كۆككە يېتەر  سالغان داۋرىڭى.
                 چاقماقتەك تىز ئۆچىدۇ ئۈنى.

                 يولۇقساڭ گەر بىر تەخسەكەشكە،
                 يەتكىنىڭ شۇ ئەڭ جاپاكەشكە.
                 ئىگىلمەكنى قىلىپ ئۇ قالقان،
                 پەگادىلا  توختىماس  ھامان.
                 قىزىل گۈلدەك  كۈلگىنى يالغان.

                كىرىپ قالساڭ پاھشە كۆڭلىگە،
                 سېھىر بېرىسەن شاللاق كۆزىگە.
                 كوچىدا ئۇ يۈرمەس نىشانسىز.
                 قېشىدا ئوق  ئاتار  پىستانسىز.
                 پۇلدارلارنى  قويار  ئىشتانسىز.

                  
                  شۇملۇق بولۇپ قونساڭ كۆڭۈلگە
                  ھوقۇش قونغاندەك  بولىدۇ  گۈلگە.
                  گال سىقىشىسەن ئار،-ۋىجدان بىلەن،
                  سەن يوقالساڭ  دىللار  بولغۇسى-
                  ئاق كۆڭۈللۈك، پاكلىققا  ۋەتەن.


                   ئاياندۇرسەن  رەڭۋاز بولساڭمۇ،
                    ناز-كەرەشمىلىك تەناز بولساڭمۇ.
                    سېنى بوغۇپ غەزەپتە قىزغىن،
                    يولاتمىساق كۆڭۈلگە  يېقىن.
                    يۈتەرسەنمۇ  شۇندىمۇ لىكىن؟...

كېتىۋېتىپ كېلىۋاتقىنى شامال.يەنە ئۆزۈم بولىشىممۇ مۇمكىن.

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  190
يازما سانى: 946
نادىر تېمىسى: 1
تېللا: 2008
تۆھپە : 1
توردا: 324
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-6-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-10 18:33:34 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
توغراق ،سەزگۈر قاتارلىق تورداشلارنىڭ شئېىرلىرىمنى كۆرۈپ،مەزمۇنىغا كۆڭۈل بۆلگەنلىكىگە رەخمەت.

كېتىۋېتىپ كېلىۋاتقىنى شامال.يەنە ئۆزۈم بولىشىممۇ مۇمكىن.

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  190
يازما سانى: 946
نادىر تېمىسى: 1
تېللا: 2008
تۆھپە : 1
توردا: 324
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-6-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-10 18:39:29 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قاسىم ئوسمان غازى،مەسۇد ئيسا،ياسىن ئىمىن ئۈمىد ،ئوت ماكانى  قاتارلىق قېرىنداشلارنىڭ دوست بولۇش ئۇچۇرى يوللىغانلىقىغا تەشەكۇر.ئالدىراشلىق سەۋەبىدىن جاۋاپ قايتۇرۇپ بولالماي قالدىم.قېرىنداشلارنىڭ يەنى ماڭا دوستلۇق ئۇچۇرى يوللىغان ۋە يوللاپ بولالمىغان بارلىق مۆھتىرەملەرنىڭ خالىسا مېنى دوستى كۆرۈشىنى ئۈمىد قىلىمەن. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئەزىز ھېيت كۈن تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-4-12 16:50  


كېتىۋېتىپ كېلىۋاتقىنى شامال.يەنە ئۆزۈم بولىشىممۇ مۇمكىن.

Rank: 2

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  292
يازما سانى: 4
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 32
تۆھپە : 0
توردا: 3
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-5-7
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-10 22:01:51 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
گاز ئەمەس سۆيگۈ-مۇھەبەت ئېقىپتۇ شاڭخەي تامان......
بۇخوشال بولۇپ مەدىھيە ئوقۇيدىغان گەپ ئەمەستى .....ئەقىللىق زىيالى ئۆز بىلىمىنى مىللىتىنىڭ مەنپەتى ئۇچۇن ئىشلىتىدۇ

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  190
يازما سانى: 946
نادىر تېمىسى: 1
تېللا: 2008
تۆھپە : 1
توردا: 324
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-6-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-11 00:14:29 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  پەرھات  ئەپەندى ئەشۇ مىسرانى مۇشۇ زىمىننىڭ مۇھەبىتى دەپ چۈشىنىش خاتا  ئەمەس.چۈنكى مۇشۇ زىمىندا ئەسلىدە مېھىر بولغانلىقى ئۈچۈن سۇيۇقلۇق -نېفىت -گازغا ئايلىنالغان.ۋە كىيىنلىك بولغان بۈگۈنكى كۈندە شەرققە ئاققان.شۇڭا   مېھىر دىيىش خاتا ئەمەس.گازنىڭ ئۆزى ئېنىرگىيە ،ئېسسىقلىق،-ئىللىقلىق يەتكۈزىدۇ.دىيارىمىز ئادەملىرى مېھرىبان.زىمىنمۇ ھەم مېھىرلىك.

كېتىۋېتىپ كېلىۋاتقىنى شامال.يەنە ئۆزۈم بولىشىممۇ مۇمكىن.

Rank: 2

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  42
يازما سانى: 22
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 68
تۆھپە : 0
توردا: 8
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-6-1
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-11 11:57:39 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى خەۋەركەن، تىرىشسىڭىز ئابدۇللا سۇلايماندىن ئېشىپ كەتكۈدەكسىز...

Rank: 2

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  42
يازما سانى: 22
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 68
تۆھپە : 0
توردا: 8
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-6-1
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-11 11:58:24 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى خەۋەركەن، تىرىشسىڭىز ئابدۇللا سۇلايماندىن ئېشىپ كەتكۈدەكسىز...

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  190
يازما سانى: 946
نادىر تېمىسى: 1
تېللا: 2008
تۆھپە : 1
توردا: 324
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-6-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-11 12:05:32 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  ئەيسا يۈسۈپنىڭ گېپىنىڭ قانداق مەنىدە ئىكەنلىكىنى سېزەلمىدىم.«ئابدۇللا سۇلايماندىن ئېشىپ  كەتكۈدەكسىز» دىگەن گەپ تەنە گەپمۇ؟ ياكى مۇئايەنلەشتۈرۈشمۇ؟

كېتىۋېتىپ كېلىۋاتقىنى شامال.يەنە ئۆزۈم بولىشىممۇ مۇمكىن.

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  190
يازما سانى: 946
نادىر تېمىسى: 1
تېللا: 2008
تۆھپە : 1
توردا: 324
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-6-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-11 13:13:24 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مېنىڭچە دۆلەت زىمىن پۈتۈنلىكى،چوڭ بىرلىكنى ئۇلۇغلاش بىر ئېسىل ئەنئەنە.ئۇ  ئەنئەنە ھەر مىللەتنىڭ مىللى ئالاھىدىلىكى ۋە يەرلىك ئالاھىدىلىكىنى چەتكە قاقمايدۇ.

كېتىۋېتىپ كېلىۋاتقىنى شامال.يەنە ئۆزۈم بولىشىممۇ مۇمكىن.

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  190
يازما سانى: 946
نادىر تېمىسى: 1
تېللا: 2008
تۆھپە : 1
توردا: 324
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-6-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-11 13:51:39 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شئېىرلاردىكى ئايرىم مىسرالار ئەمەس بەلكى بىر پۈتۈن شئېىرنىڭ ئالاھىدىلىكى ھەققىدە پىكىر قىلىش لىللا ئىش بولىدۇ.شۇنداقلا ئايرىم مىسرانى بىر پۈتۈن شئېىر بىلەن بىرلەشتۈرۈپ قارىغاندا ئاندىن مەنا يارقىنلىشىدۇ.

     

كېتىۋېتىپ كېلىۋاتقىنى شامال.يەنە ئۆزۈم بولىشىممۇ مۇمكىن.

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  190
يازما سانى: 946
نادىر تېمىسى: 1
تېللا: 2008
تۆھپە : 1
توردا: 324
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-6-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-11 17:24:45 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۈتۈپخانا  ھەققىدە  مۇخەمەس
            ( مۇخەمەس)

       ئەزىز ھېيت كۈن


     بۈيۈك يىگانە سارايسەن  نامىڭ ئاسمانغا تەڭداشسىز،
     ئىلىم گۆھىرىنى چايقايسەن نامىڭ ئوكيانغا تەڭداشسىز.
     كى ئەنگۈشتەرگە ئەڭ بايسەن نامىڭ زور كانغا تەڭداشسىز،
    مۆجىزە كۆكىدە  ئايسەن نامىڭ  ئەدنانغا  تەڭداشسىز
     ئالەمشۇمۇل ئۇلۇغ  جايسەن نامىڭ جاھانغا  تەڭداشسىز.

    كى سەندە نازۇ-نىممەت يوق لىكىن ئەقىلگە  ھىممەت بار.
    تىيىن پارچىسى ھەتتا يوق  لىكىن پۇل سىرى-ھىكمەت  بار.
    نە مال-توۋار زەررىسى يوق لىكىن بىباھا  قىممەت  بار.
    ھورۇنغا سەندە ئامەت  يوق  لىكىن زىرەككە  پۇرسەت بار.
    قۇدرەتتىن مەڭگۈ قالمايسەن نامىڭ زور كانغا  تەڭداشسىز.

    ئۇۋىسى سەن ئۇلۇغ ماركىس كەبى داھى-رەھمىنانىڭ،
    بۆشىكى سەن تالاي ئاقىل،تالاي قابىل ۋە دەنانىڭ،
    گۈزەل باغ-جەنئىتىدۇرسەن ئۇچۇر بىلىمگە  تەشنانىڭ،
    ئەبىدى كۆركى-تاجىسەن جىمى ئالەم، بۇ دۇنيانىڭ.
    ئېسىل خىسلەتتە  چاقنايسەن  نامىڭ دەۋرانغا تەڭداشسىز.




سېنى قۇرغان ئارىستوتىلمۇ؟ سۇئال باشلايدۇ ئىراغا.
تەۋەرۈك مۇققەدەس پۈتۈك، ئابىدە، مەڭگۈ  تاشلارغا.
ئۇزاق تارىخ شاھىدى نى جەزىرە،قانچە دەرياغا،
قەدىمدىن كەلگۈگە باققۇچى كۆز-غالبانە تاغلارغا.
كەئىبەدەك قىبلىگاھسەن نامىڭ ئىمانغا  تەڭداشسىز.

ئىسسىق- سوغنى كۆرۈپ ئۆتۈك جاھان بىلەن بولۇپ تەڭداش،
مۇشاقەتتە،ھالاۋەتتە  جاھان بىلەن  بولۇپ غەمداش.
كۈيۈپ كەلدىڭ...كۈلۈپ كەلدىڭ جاھان بىلەن بولۇپ رەڭداش.
بۈگۈنگە كەڭ قۇچاق ئاچتىڭ جاھان بىلەن بولۇپ يولداش.
تەرىپ-مەدھىگە راست بايسەن نامىڭ  داستانغا  تەڭداشسىز.


خادىمىڭ  كۆزگە  كۆرۈنمەس  كى ئاب –ھاۋاغا ئوخشايدۇ.
باھار تۇغقۇچى ئۈنسىز بىخ –ئاددى گىياھقا  ئوخشايدۇ.
مۇھەرىر كەبى نامسىز مەرد،-جانى پىداغا  ئوخشايدۇ.
يورۇق شام ئەكسى ئۇستاز- تۆھپىكار پۇقراغا ئوخشايدۇ.
ئاقىللار سەجدىگاھىسەن نامىڭ  بوستانغا  تەڭداشسىز.




بۈگۈ يۇلتۇزغا ئايلاندىڭ جىمى رايۇن ۋە  دۆلەتتە.
ئەزىزلەندىڭ بولۇپ قىبلە مەدەنى خەلق ۋە مىللەتتە.
قۇرۇلدۇڭ ھەتتا  مىليۇنلاپ،كەنت،زاۋۇتتا،مەكتەپتە.
قەلبلەرنى سۈزۈلدۈردۈڭ  بىلىم نۇرى-مەرىپەتتە.
ئائىلىلەردە ھەم بارسەن  نامىڭ چولپانغا تەڭداشسىز.


دىلى كور،روھى مەجرۇھقا  بىھىش سەندىن ترالغۇسى.
ئىلىم نۇرى ،پاراسەتتە ئادەم قايتا  يارالغۇسى.
قابىل ئەۋلاد كامالەتتە  باھادىرلار  ئاتالغۇسى.
پىلانتلار بولار جەزمەن  غالىپلارنىڭ  قونالغۇسى.
ئادەمگە روھى ئاتاسەن  نامىڭ روھ-جانغا تەڭداشسىز.


تەرىپىڭگە ئاجىز بۇ تىل بىرمۇ دەل-توغرا سۆز كەلمەس.
مۇۋاپىق سۆز ئالەم بولسا  تەرىپىڭگە يەنە يەتمەس.
سىپاتىڭنى قەسىدىدە  يورۇتۇشقا  قىلىپ ھەۋەس،
يىغىپ چولتا-قۇراق سۆزنى ئەزىز چىن يازدى مۇخەمەس.
يورۇقلۇق تۇغقۇچى تاڭسەن نامىڭ ئارمانغا  تەڭداشسىز.



كېتىۋېتىپ كېلىۋاتقىنى شامال.يەنە ئۆزۈم بولىشىممۇ مۇمكىن.

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  190
يازما سانى: 946
نادىر تېمىسى: 1
تېللا: 2008
تۆھپە : 1
توردا: 324
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-6-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-11 17:29:53 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
     لەززىتىدىن يامان مەينىڭ ھەسرىتى
              (   ساتىرا   )

      ئەزىز ھېيت كۈن


    مەيخانە بولسۇن قايەردە  بىرمۇ  مەيخور  بولمىسا ؟
    نە بېرىلسۇن  مەيگە مەيخور  مەيدە ھوزۇر بولمىسا؟

   مەي-شاراپ بوپ كەلدى ئەسلىدىنلا  شەيتان  ئەلچىسى،
   مەيگە تېگىشمەستى زابوي جېنىنى  گۆل  بولمىسا.

   يوق بولسا نەس مەي تۇيقسىز نىم بوپ كېتەر جاھان،؟
   ئۇخلىماس مەي ئىشلىگۈچى،مەيپۇرۇش  پۇل  بولمىسا.

   ئىشلىگۈچى،ساتقۇچى ساتقانغا،مەس  ئازغانغا  خۇش،
   سەن  بولساڭ چېچەن ئۆكۈن،ئېچىن ياكى كۈل بولمىسا.

   مەي سۈزۈك سۈزۈلدۈرەر  ئەقلى خىرە  خامۇشلىنى،
   ئۇلغىيار خامۇشلىغى تۇيغۇچى كۆڭۈل  بولمىسا.


   نى ئاشىق-يار مەستانىسى مەيگىمۇ  مەستانىدۇر،
   ئىككى مەسلىك بىر بولۇپ  مەجنۇن قىلار،كۆر بولمىسا.


   « يار  ئەكسى مەيدە !» دەپ چىققان كەبى قەدەھتىن سادا،
   ئىچسە ئاز گۈل يۈز جامالى مەيدىمۇ  گۈل بولمىسا؟

   تۈلكىلەرمۇ  بولسا  غەرق، بولىدۇ  راستچىل  كىشى،
   مەي قىلامدۇ قۇۋنى  سادا  كۈچى  چوڭقۇر بولمىسا.

   بەزمىلەردە بارچە سەتەڭ  ئەڭ  ئوماق  توشقان  گويا،
   پۇرسىتى كېلەمدۇ  قايتىپ  مەسلەر  جەسسۇر  بولمىسا.

   ئاي دالىدا  نازىنىنغا  مەس بېرەر  تالاي قەسەم،
   ئايلىنامدۇ يۆگىمەچكە  مەخپى،قۇسسۇر  بولمىسا؟

   قارلىغاچتەك توختىماس جىمىكى مەسنىڭ  تىللىرى،
   ھەر سورۇن بولامدۇ سۈزۈك  ساقىدا  سۈر بولمىسا؟



   مەي نامەردنى مەرد،گاداينى شاھ،ئاجىزنى قىلدى شىر،
   جىم تۇراتى مەيدىدە مەي خاسىيىتى  زور بولمىسا.

   بەزىلەر  پىيالە،بەزىلەر  پۇچۇق قاچا  بىلەن
   پەيزى قىلار بوتكا،پەگادا خوشال تۆر  بولمىسا.


   بارچە مەسنىڭ جىسمى ئەركىن،روھى مەينىڭ تۇتقۇنى،
   گاچچىنى قىلامدۇ شوخ ناخشىچى مەي  ھۆر  بولمىسا.

   جىمىكى ئارزۇ-تەلەپ يۈرۈشكۈسى بىر مەي بىلەن،
   يىپ بولامدۇ  ھەممىگە  مەي نامى مەشھۇر بولمىسا؟

    بىئەجەل كەتتى نى ئەركەك ،توزىدى قۇت  گۈللىرى،
    دەردنى مىراسى قىلىش ھىچكىمگە  زۈرۈر بولمىسا.

    ئۆزى ئەمەس مەينى مەس قىلدىغۇ  مەي ئىجادچىسى؟
    ئۆزگىرەمدۇ بالغا  زەھەرمۇ تەپەككۈر  بولمىسا؟

     ساق تۇغۇلۇپ مەس ياشاپ ئۆتكەن غاپىللار  يوق ئەمەس،
     ئەرگە مەي ئابى ھايات- مەڭگۈگە  ئۆمۈر  بولمىسا؟

     ئىچمىگەننى  مەيگە زورلاش  ساقىلارنىڭ  كالتىكى،
     ئېچىلاردى نىمىدە كۆڭۈل  شۇ كۇزۇر بولمىسا؟

     مەي شاراپنىڭ لەززىتىدىن ھەسرىتى دەھشەت يامان،
     گۆردە كۆرەر ئۆزىنى كىم  مەيگە  سەزگۈر  بولمىسا.


      مەي ئەسلى ئادەمنى ئازدۇرغۇچى  ئىبلىس دورىسى،
      مەينى ئۆزىدىن يىراق قىلىشتا ئۆتكۈر بولمىسا.

      تەڭرىگە،كۆككە ئەمەس  ۋىجدانغا قىللى ئىلتىجا،
      تىلىكىمىز،تەلىپىمىز دىلدا قۇبۇل بولمىسا!
   




بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئەزىز ھېيت كۈن تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-4-12 16:58  


كېتىۋېتىپ كېلىۋاتقىنى شامال.يەنە ئۆزۈم بولىشىممۇ مۇمكىن.

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  190
يازما سانى: 946
نادىر تېمىسى: 1
تېللا: 2008
تۆھپە : 1
توردا: 324
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-6-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-11 19:12:47 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
              بۇلاق   سۆيگۈسى

            ئەزىز ھېيت كۈن

         بەكمۇ تاتلىق  ۋىلىقلىغان  بۇلاقلار،
          مەڭگۈ جۆرمۇ  كۈلكىسىگە  قۇياشنىڭ؟
          تىمتاس زىمىن  ھوزۇرىنى  سۈرىدۇ،
          بۇلاقلارنىڭ  شوخ كۈيلىرىنى تىڭشاشنىڭ.
          ئەكسىمۇ ئۇ بېقىشقاندا جۇپ كۆزلەر،
          ئوخچۇپ تۇرغان  زور خوشاللىق،كۆز ياشنىڭ.

          بۇلاقلارنىڭ  ۋىلىق-ۋىلىق  كۈلكىسى،
          ئەكس ئېتەمدۇ مەسۇم،يۇمران بوۋاقتا؟
          بۇلاق زىمىن،-يەر كۆكسىدە  كۈلەمدۇ؟
          بوۋاق كۈلگەن كەبى ئىللىق  قۇچاقتا.
          شۇ شوخ كۈلكە كەلگەن ئەسلى قايەردىن؟
          يارىلامدۇ زىمىن مېھرى- ئوچاقتا؟

          تىمتاسلىقتا  تىنچ  ئاققان  شوخ  كۈيدە،
          ئىللىق  تۇيغۇ،نازۇك سېزىم  دەۋرەيدۇ.
          دەل-دەرەخلەر مەستخۇش ھالدا شىۋىرلاپ،
          سەلكىن بىلەن  يىنىكىنە  تەۋرەيدۇ.
          چاڭقاق گىياھ،گۈللەر  قېنىپ  كەۋسەرگە،
          چەكسىز ئورمان،كەڭ  دالىلار  گۈللەيدۇ.

        شوخلىغىدا  ياشارتىدۇ  ھەممىنى،
        بۇلاقلارنىڭ  ۋىلىق-ۋىلىق  كۈلكىسى.
        يارىتىدۇ بىھېساپ  پاك سۆيگۈنى،
        ئوخچۇپ تۇرغان ئانا زىمىن سۆيگۈسى.
        ئاسايىشلىق گۈزەل باھار پەيزىدىن ،
        جىمى جانلىق خوشاللىققا  چۆمگۈسى.

        كۈلكە بولۇپ تاراپ كەتكەن بۇلاقلار،
        قۇيۇلىدۇ  تەشنا يەرگە  قان بولۇپ.
        ھايات بېرىپ زىرائەتكە  مەڭگۈلۈك،
        باشاقلاردا پىششىپ چىقار  دان بولۇپ.
        بارلىق جانلىق  ئايرىلمايدۇ  كەۋسەردىن،
        ھاياتلىققا  ئۆتەر مەڭگۈ جان بولۇپ.

        تەڭكەش بولۇپ سايراپ تۇرار بۇلبۇللار،
        شۇخ ئاڭلانغان سۈزۈك بۇلاق كۈيىگە.
        سانسىز سۆيگۈ ئىز قالدۇرغان  مەڭگۈلۈك،
        بۇلاق بويى-دەل-دەرەخلەر تۈۋىگە.
        يەرنىڭ  ئوتلۇق مېھرى-بۇلاق كۈيىدە
        تولار ھەممە گۈزەللىككە،سۆيگۈگە.


كېتىۋېتىپ كېلىۋاتقىنى شامال.يەنە ئۆزۈم بولىشىممۇ مۇمكىن.

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  190
يازما سانى: 946
نادىر تېمىسى: 1
تېللا: 2008
تۆھپە : 1
توردا: 324
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-6-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-11 19:15:51 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
                          مۇز  تەسىراتى

                        ئەزىز ھېيت كۈن


                 كاچات  بولۇپ  تەگدىڭ  قىزىق كاللىغا،
                  كىردىڭ  يەنە  ئەسەبىيلىككە  مىق بولۇپ.
                  تاغىل زۇۋان-غەۋغا  ئۆچتى  شىپپىدە،
                  گاراڭ  باشلار تاڭدەك سۈزۈك،زىل بولۇپ.

                   تەنتەكلەرنى  پېشكەل  بولۇپ  كۈتىسەن،
                   سىلكىنىدۇ يىگىنىدە   بۇرنىغا.
                   سېپ قويىسەن  سوغۇققانلىق، پارەسەت،
                   تونۇر كەبى  قىزىپ كەتكەن  كاللىغا.


                    سەن ئەسلىدە  ئالجىغانلار  دورىسى،
                    سىلكىنىشتىن  تۈزەلگەنلەر  ساناقسىز.
                    تەنتەكلىكنىڭ  تومۇزىنى سوۋۇتقىن،
                    تۈزەلمەيمىز سەن شاپىلاق-كاچاتسىز  !

كېتىۋېتىپ كېلىۋاتقىنى شامال.يەنە ئۆزۈم بولىشىممۇ مۇمكىن.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


يازغۇچىلار تورىمىزنىڭ يېڭى بېتى ئېچىۋىتىلگىنىگە:
ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش