جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 2090 تال  

مىكروبلوگ يېڭىلىقلىرى

بارخاندىن ئاۋاز _ ئەزىز ھېيت [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  190
يازما سانى: 945
نادىر تېمىسى: 1
تېللا: 2006
تۆھپە : 1
توردا: 324
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-6-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-4 23:50:55 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
                سۆيگۈدە بار ئاشىق-مەشۇقلا

                   ئەزىز ھېيت كۈن


                 يولدا ماڭغان بىر جۈپلەر خوشال.
                 سۆيۈپ ئۆتەر يۈزىنى شامال.
                 ئىچ-ئىچىدىن ئېيتىشىدۇ ھال.
                 بىرى چىنار،بىرى مەجنۇنتال.
                سۆيگۈدە بار ئاشىق-مەشۇقلا.

                 ئارا يېقىن، كۆڭلى تېخىمۇ
                 ئوخشاش يايرار تېنى-جېنىمۇ،
                 ئويلاپ يۈرمەس كۆرۈپ ھېچكىممۇ
                «  بىرى ياشمۇ؟ بىرى قېرىمۇ ؟»
                 سۆيگۈدە بار ئاشىق-مەشۇقلا.

                 قول تۇتۇشۇپ ماڭار پىيادە
                 قەلبى بولۇپ ئەركىن ئازادە
                 سۆيگۈ سېھرى بولغاچ زىيادە
                 شۇنداق ماڭار دىدەك،شاھزادە.
                 سۆيگۈدە بار  ئاشىق مەشۇقلا.
           
                   ئاستا يانداپ ئۆتىدۇ پىكاپ.
                   قويماس ئۇلار بۇرۇلۇپ قاراپ.
                   تاكسىچىلار يۈرمەيدۇ ئويلاپ:
                   بىرى نامرات قىز،بىرى باي جاناپ.»
                   سۆيگۈدە بار  ئاشىق مەشۇقلا.

                  شۇ بىر جۈپكە  شۇ ۋاقىت گۈزەل
                  تۇيىلىدۇ ھەر مىنۇت  ھەسەل.
                  تۇنۇش بىركىم ئۇچراپ قالسا دەل.
                  دىمەس: « بۇلار ئايرىلغان ئەۋەل.»
                  سۆيگۈدە بار ئاشىق-مەشۇقلا.

                   يولدەك ئۇزۇن ھاياتلىق يولى
                    ئايرىلمايدۇ ئۇلارنىڭ قولى.
                     شۇنداق ماڭار قىزى ھەم ئوغلى
                     يوقالمايدۇ  سۆيگۈنىڭ ھۇلى.
                     سۆيگۈدە بار ئاشىق-مەشۇقلا.


كېتىۋېتىپ كېلىۋاتقىنى شامال.يەنە ئۆزۈم بولىشىممۇ مۇمكىن.

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  190
يازما سانى: 945
نادىر تېمىسى: 1
تېللا: 2006
تۆھپە : 1
توردا: 324
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-6-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-4 23:55:26 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تامغا سۆزلەش


ئەزىز ھېيت  كۈن



بىۋاپا-توزكوردەك  يۈزسىز  ئەمەسسەن،

قارايسەن ھەر كىمگە  ئۇدۇل  تىكىلىپ.

تېشىڭغا  ئىچىڭمۇ  ئوخشاشتۇر  سېنىڭ،

تۇرار بىر خىللىقىڭ  دائىم  بىلىنىپ.



ھازازۇل  بىشەمدەك  چالۋاقىمايسەن،

ئۆزۈڭنىڭ،ئۆزگىنىڭ  يۈزىنى ئاياپ.

  ھەتتا يەر-ئاسمانمۇ ساڭا ئوخشاش تام،

نۇرلۇق تام -قۇياشنىڭ تەبەسۇممى ساپ.



  مەڭگۈلۈك قۇلاقسەن،يۇمۇلماس كۆزسەن،

   ئۆزگۈرۈپ  قالمايسەن مىڭ يىل  ئۆتسىمۇ.

   بىۋاپا توزكوردىن سەن يۈزمىڭ ياخشى،

   ئوبرازىڭ يۈتمەيدۇ  تۇرقۇڭ يۈتسىمۇ.



   بىر ئۆمۈر يۈز كېلىش-ئېسىل  پەزىلەت،

   چىن ئادەم روھىغا يارالغان كىيىم.

    ئەپسۇس راست تىلسىز سەن،تىلىڭ بار بولسا

    ھەممىگە  شۇ ھەقتە  سۆزلەيتىڭ  بەلكىم.




كېتىۋېتىپ كېلىۋاتقىنى شامال.يەنە ئۆزۈم بولىشىممۇ مۇمكىن.

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  190
يازما سانى: 945
نادىر تېمىسى: 1
تېللا: 2006
تۆھپە : 1
توردا: 324
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-6-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-4 23:59:13 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يوپۇرماق سىرى



ئەزىز ھېيت كۈن



ئۆز  تىلىدا   سورىدى ھاۋا:

نېچۈن سالقىندا تۇرالمايسەن جىم ؟

تۈگىمەيدۇ  پىچىرلاشلىرىڭ

سېنى شۇنداق مەستخۇش قىلغان كىم ؟



ئۆز تىلىدا   ئېيتى يوپۇرماق:

سالقىن شامال ئەسلى مۇزىكا.

شۇ كۈي چىقىپ ئىگىز جايلاردىن

كەڭلىكلەرگە  تارايدۇ ئاستا.



دەل-دەرەخنى دەيدۇ كىم جانسىز ؟

مەڭگۈ-مەڭگۈ تۇرىدۇ  ئۆرە.

يۈكسەكلىككە چەكسىز ئىنتىلىپ،

كۆككە قاراپ  ئۆرلەيدۇ يەنە.



كىملەر دەيدۇ  دالىنى ھېسسىز؟

ئۇ ئەسلىدە  پايانسىز  كۆڭۈل.

گۈل،تىكەنمۇ،پاخلان بۆرىمۇ

سىغىپ كېتەر ئۇنىڭغا  پۈتكۈل.



كىملەر  دەيدۇ زىمىننى  جانسىز؟

تىنىقىدۇر- ھاۋا،-سەن ئۆزۈڭ.

جېنى بولۇپ دەريا ئاققىدۇ،

دولقۇنلارنى كۆرگەنسەن ئۆزۈڭ؟



زىمىن-غايەت تەنلىك جانلىقتۇر

روھى پارلار  يۈكسەك تاغلاردا.

كۈندۈز قۇياش،تۈندە يۇلتۇزلار

ھەۋەس بىلەن باقار سامادا.



كۆك ئاسماننى كىم دەيدۇ ئەينەك؟

ئاسمان ئەسلى ئالەمنىڭ كۆزى.

ئەلمىساقتىن تا  ئەبەتكىچە

سۈرەت بولۇپ قالار يەر يۈزى.



مۇھەبەتلىك ئالەم  ئەسلى بۇ،

ھەممە سۆيگۈ  بىلەن يارالغان.

سۆيگۈسىدە  نۇرلۇق قۇياشنىڭ,

بۇ ئالەمگە  كۈندۈز  تارالغان.



ھەسەن-ھۈسەن كۆكتە پارلايدۇ،

جىمىرلايدۇ  تۈندە  يۇلتۇزلار.

تەڭكەش بولۇپ يىلتىز،يۈرەككە،

سەكرەپ ئاقار  دەريادا سۇلار



بۇ ئالەمدە  ھەممە جۈپلۈكتۇر،،

سالقىن ماڭا  شۇنداق سۆزلەيدۇ.

ئۇ شىۋىرلاپ، مەنمۇ پىچىرلاپ

سۆھبىتىمىز راست تۈگىمەيدۇ.



ئۆزىمىزنىڭ تىلى -مەڭگۈلۈك،

ئۇ يەنە بىر  گۈزەل مۇزىكا.

مۇھەبەتلىك بۇ كەڭ ئالەمدە

تەسىرلەنمەي مەنمۇ نېمىشقا؟



كۈيلەر ،كۈيلەر يېقىملىق كۈيلەر

مەس قىلىدۇ جىمجىت كېچىنى.

شىۋىرلىغان سالقىن شامالدىن

مەن سېزىمەن زىمىن دىلىنى.



ئانا زىمىن  ئۇلۇغ  مەڭگۈگە

سۆيگۈسىنى تەكشى تاراتتى.

ئەشۇ سۆيگۈ تومۇرلار بىلەن

يىلتىزلاردا جان بولۇپ ئاقتى.



يورۇق كۈندۈز ،دىلبەر كېچىلەر

ھەممىگە زەر،شىرىن دەملەردۇر.

ئاتالساممۇ  ئاددى يوپۇرماق

جىسمىم سانسىز-سانسىز لەۋلەردۇر.



دەرەخلەرنىڭ لېۋى مەندۈرمەن،

سۆيىلىمەن  نۇرغا، ھاۋاغا.

سۆيگۈم بىلەن  يېشىل باھارنى

بېرىمەن بۇ كەڭرى دۇنياغا.



پىچىرلايمەن سۆيگۈ  ھەققىدە،

قەلبى تەشنا  كۈرمىڭ قىز بولۇپ.

كەڭ زىمىنغا  تاراپ  يېشىللىق،

قالىمەن نى –نى ۋادىلاردا

يۈتمەس سىما،ئۆچمەس ئىز بولۇپ.

سالقىن بىلەن ئېيتقان  كۈيىمىز

تاراپ كېتەر زىمىن  قوينىغا

مەڭگۈ يۈتمەس جىمجىت سۆز بولۇپ.



2008-يىل،بۈگۈر


كېتىۋېتىپ كېلىۋاتقىنى شامال.يەنە ئۆزۈم بولىشىممۇ مۇمكىن.

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  190
يازما سانى: 945
نادىر تېمىسى: 1
تېللا: 2006
تۆھپە : 1
توردا: 324
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-6-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-5 00:06:11 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇلۇغ   بەدئى  ئەسەر قەسىدىسى
                    ( مەسنەۋى)


              ئەزىز ھېيت كۈن



دۇرشۇناسلار  بىلگىنىدەك  دۇر-گۆھەرنىڭ  قەدرىنى،
چىن ئۇلۇغ ئەدىپ بىلۇر  ئۇلۇغ ئەسەرنىڭ  قەدرىنى.

ئەڭ سۈزۈك تاش بولغىنىدەك بەك ئۇزاقتا  دۇر گويا
بولغۇسىدۇر بەك  ئۇزاقتا ئەڭ ئۇلۇغ ئەسەر  بىنا.

قىلغۇسى ئۇنى بىنا  شائىر ، ئەدىپنىڭ  ئۆتكۈرى،
تىل ۋە ئۇلۇغ تەسەۋۇر يىتۈكى-مۇتەپەككۈرى.

دەل بولار قىممەتتە  ئۇنى  بىباھا ئالماس  دىسە،
تەپەككۈر ئوكيانىدا  كارۋان ئۈچۈن كومپاس دىسە.

نامايەن قىلغىنىدەك  كۈن ئەكسىنى  سۇ قەترىسى،
ئۇ،نى سەرخىل ئىجادىيەت جەۋھىرى-سەمەرىسى.

كۆزى ئوچۇقتۇر  تارىخنىڭ  ئەلمىساق زامانىدىن.،
بارچە كەچمىش ئۆتتى بىر-بىرلەپ تارىخ نىگاھىدىن.


يۈتتى نى مەشھۇر شەھەر، ئۆلمەس  ئەسەرلەر يۈتمىدى.
ئۆلدى نى داڭدار خاقان،ئۇلۇغ  ئەدىپلەر  ئۆلمىدى.

روھى زىمىندا ئۈزۈلمەي ئاقتى غول بەدئى  ئېقىن،
ئەڭ ئېسىل دۇردانىلەر بولدى بىنا  ئىلگىر- كىيىن.

بار جىمى مىللەتتە  شاھانە ئەسەرلەر  پەللىسى،
بىر-بىرىدىن كاتتا،ئېسىل،ئۇز،جۇلالىق ھەممىسى.

نى ئەدىپلەر ئۆتتى قەلەم دۇلدۇلىنى چاپتۇرۇپ.
بەدئى دىت،يۈكسەك تالانتتا ئۆزگىچە دۇنيا قۇرۇپ.

ھەر بۈيۈك ئەسەر –يېڭى جاھان،-گۈزەل ئالەم  گويا.
بىر كىرىپ قالغان ئادەمنىڭ چىققۇسى كەلمەس ئاڭا.

ئاشتى قىممىتى ھەسىلەپ يىل،-زامان ئۆتكەنسىرى.
كەڭ جاھانغا بولدى مەشھۇر،بەك ئەزىز بىلگەنسىرى.

شۇ ئېسىل دۇر  خەزىنىسى ھەممە مىللەتتە  پەخىر،
ئاۋۇدى ئۇ،قانچە ئەۋلات  توختىماي قىلغاچ ئەجىر.


دىلغا-دىل  تۇتاشتى تىل ۋە تەرجىمە  كۈۋرۈك بولۇپ،
ئۆزگە تىل ئوقۇلدى ئۆز تىلدا  روشەن،سۈزۈك بولۇپ.

مىللىتىنىڭ پەخرى، شانى-كاتتا قەلەم  ساھىبى-
ئەڭ نادىر ئەسىرى بىلەن بولدى « نوبىل » نائىلى.

چىقتى روياپقا تۈمەنلىگەن  ئېسىل رومان يەنە،
ياندى ئىجات ئاسمىنىدا مىڭلىغان  چولپان يەنە.

چىن ئۇلۇغ ئەسەر پۈتۈش-بىر دۇنيا قۇرغاندەك ئۇلۇغ.
چىن ئۇلۇغ ئەدىپ بولۇش-ئەۋلىيا بولغاندەك ئۇلۇغ.

چىن ئۇلۇغ قەلەم ساھىبى تەۋەلۇت  قىلار  ئۇنى،
ئەڭ يىتۈكلەرگە  نىسىپ ئىجادتا  ئۇلۇغلۇغ  يولى.

نى-نى ھىرىسمەن بۇ يولغا  قويغۇسى قىزغىن قەدەم.
قالمىغاي يەتمىگىچە مەنزىلىگە  يورغىدىن  قەلەم  !

        2006-يىل، بۈگۈر
   



كېتىۋېتىپ كېلىۋاتقىنى شامال.يەنە ئۆزۈم بولىشىممۇ مۇمكىن.

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  190
يازما سانى: 945
نادىر تېمىسى: 1
تېللا: 2006
تۆھپە : 1
توردا: 324
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-6-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-5 00:12:25 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
             باھار  لىرىكىسى

             ئەزىز ھېيت كۈن


           باھار كەلدىڭ مەيىن بىر تۈستە ،
            جىلۋەڭ ئارا توزدەك رەڭ تۈزەپ.
            قويىۋەتتىڭ شوخ سەزگۈلىرىڭنى
            دەريالاردا ئاقتى كۈۋەجەپ.
            جانلىق رەڭدار مەنزىرە بولۇپ،
            يېيىلدىك چەكسىز ئۇپۇققىچە.
            ساڭا مەپتۇن تىنىق كۆك ئاسمان،
            ۋە پاختاسىمان مامۇق بۇلۇتقىچە.
            شىۋىرلايدۇ دالىلاردا شاماللار،
            يوپۇرماقلار تەۋرىنىدۇ شىۋىرلاپ.
            جۈپ كېپىنەك،جۈپ-جۈپ سايىلەر،
            كۆرىنىدۇ بوشلۇق كۆزىگە قىمىرلاپ.

     باھار  سەن كىمگە تالىق؟
             ساڭا كىم تالىق؟
             بەلكىم مەڭگۈ بىلمەي كېتىپ قالارسەن؟
             سەن بەلكىم زىمىننىڭ شىرىن بىر چۈشى
             بەلكىم سەن زىمىننى شىرىن چۈشۈڭدە كۆرۈپ ئۆتەرسەن؟
              تەۋەلۇت بولۇپ نامەلۇم  جايدا
                        

              سەن زىل، گۈزەل ،ئەڭ نازۇك تۇيغۇدا
              زىمىنغا ئاستا يېتىپ كەلگەن پەرىزات !
              سەن بىلەن ياشنايدۇ زىمىن.
              سەن بىلەن كۈلىدۇ زىمىن.
              سەن بىلەن كۈلىدۇ ھايات.


              پەرىزاتتەك باھار نەقەدەر گۈزەلسەن ؟
              سۆيىسەن يۇلقۇنۇپ مۇققەدەس زىمىننى
              بارچە سىما ،جىمى مەۋجۇدىيەتنى
              سۆيىلىسەن ھەم  ھەممە-ھەممىگە.
              يەنە ئاتەش يۈرەكلەرگە  ساناقسىز.
              سەن تا خازان پىلدىرلاپ يۈتكىچە
              قالىدۇ شەبنەمدىن قاتقان ئاداققى تامچە.
              
     
                گۈزەل باھار  نەقەدەر قەدىرلىكسەن ؟
                ئېچىلىپلا  توزىغان قىزىل گۈلدەك ؟
                غىل-پال چاقناپ يۈتكەن ھەسەن-ھۈسەندەك ؟
                ئېچىشىدۇ ساڭا قانمىغان تەشنا يۈرەك !
  
                  سەن توختاپ قال مەڭگۈ پەرىزات بولۇپ !
                 سەن قېتىپ قال ئەڭ گۈزەل كۆرۈنۈش بولۇپ !
                 سەن كۈلۈپ قال، جەننەتنىڭ سىماسى بولۇپ !
                 پەۋەس قانسۇن  ئالەم گۈزەللىكىڭگە.
                 دىللار يەتسۇن سېنىڭ  قەدرىڭگە.


                  باھار  كېتىپ قالمىغىن !
                  تۇرىۋەرگىن ئەشۇ گۈزەل ھالىتىڭدە.
                  كۈلىۋەرگىن يېقىملىق قىياپىتىڭدە.
                  گۈلدەك نازۇك،سەرۋىدەك قامىتىڭدە.
                  سۇغارغىن يۈرەكنى،پۈتكۈل ئالەمنى
                  بۇلاقتەك ئۈزۈلمەس كۈي-مۇھەبىتىڭدە !

كېتىۋېتىپ كېلىۋاتقىنى شامال.يەنە ئۆزۈم بولىشىممۇ مۇمكىن.

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  190
يازما سانى: 945
نادىر تېمىسى: 1
تېللا: 2006
تۆھپە : 1
توردا: 324
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-6-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-5 00:59:21 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
       ئايغىر  تۇياقلىرىدىن  چاچرىغان ئوت

         (لىرىك داستان)

       ئەزىز ھېيىت  كۈن

                 1

      بولۇپ يەر شارىنىڭ كىچىك سىماسى

    كۆرۈنەر گوياكى  بەيگە  مەيداننى.

    ئىلاھى جانۋاردەك ئۇچقۇردۇر ھەر ئات

    سۆيۈنەر ئېتىدىن  چەۋانداز  جانى.

               2

    ئات تۇياقلىرىنىڭ  دۈپۈرلەشلىرى

    باشلايدۇ  خىيالنى ئۇزاق-ئۇزاققا.

    تۆت مىڭ يىل ئىلگىرى ئاتنى كۆندۈرۈپ،(1)

    ئىنسانلار ئېرىشكەن تالماس قاناتقا.

     موڭغۇلىيە يايلىغى ،جەنۇبى سىبىر،

     سېلىنگا،تۇغلا ۋە ئورخۇن دەرياسى،

     ئىسسىق كۆل،پەرغانە،تەڭرى تاغ،پامىر،

    بولغان تا قەدىمدىن يايلاق دۇنياسى.

    كاسپى دېڭىزىدىن تا بايقالغىچە،

    ئالتاي تاغلىرىدىن  تا بالقاشقىچە،

     ئوردۇس يايلىغىدىن تا ئورالغىچە،

     يەنسەي دەرياسىدىن يورۇڭقاشقىچە،

    قۇرۇم تاغلىرىىن سىر-ئامۇغىچە،

    قىرىمدىن تا دوناي دەرياسىغىچە.

    بالقان،نورمادىيە،ھەم بېرتانىيەدىن

    بىر پۈتۈن قۇرۇقلۇق  دۇنياسىغىچە

    ئۆتكەن كۆچمەن خەلق تۇلپار چاپتۇرۇپ.

    دالىلار ،سايلاردا ئىزلار  قالدۇرۇپ.

    ئات تۇياقلىرىدىن  چاچرىغان ئۇچقۇن،

   تاشلارنىڭ ئۈستىدە يانغان چوغ بولۇپ.

                         3

    تۇلپارلار كىشنىگەن جەڭ مەيدانىدا

   قىلىچلار سوقۇلۇپ ياڭرىغان سادا.

   دەھشەتلىك جەڭلەردە بويالغان قانغا

   كۆز يەتكۈسىز سايلىق-بىپايان دالا.

   باتۇرلار ياشىغان ئاتنىڭ  ئۈستىدە،

   قالدۇرغان تارىختا ئۆچمەس شانلىق بەت.

   مۇناپىق ناكەسلەر  ھاڭلاردىن غۇلاپ

    ئەزەلدىن يېڭىلمەي كەلگەن جاسارەت.

    ئۆتكەن ئات چاپتۇرۇپ ھون باتۇرلىرى،

     شىددەت ئۈن ياڭراتقان ئاۋازلىق ئوقيا.(2)

   ھونلارنىڭ تەڭداشسىز سۈر-ھەيۋىسىدە

    كەلگەن زىل-زىلىگە قەدىمكى دۇنيا.

   ئاق بوز ئاتلىقلار غەرىپ تەرەپتىن

   كۆك تۇلپار –ئاتلىقلار شەرق تەرەپتىن،



               چىلان تورۇقلۇقلار  شىمال تەرەپتىن،

               تۇم قارا ئاتلىقلار  جەنۇپ تەرەپتىن،(3)

               ياساپ « بەيدىڭ تېغى مۇھاسىرسى»نى(4)

               پەيدا قىلغان غەربى خەن قوشۇنىنىڭ

               ئەڭ ئېغىر –ئەجەللىك ھالسىرشىنى.

               « پىڭچىڭ شەھرىدە تارتۇق دەرد-ئەلەم،

               يەتتە كۈن ئاچلىقتا بولدى ماغدۇر كەم،

               ئوقيانىمۇ  ئەپلەپ  ئاتالمىدۇق ھەم.» (5)

               دىيىشىپ لەشكەرلەر يىگەن چەكسىز غەم.

               ئاخىرى يوقالغان ھون سەلتەنەتى

               تارىخ سەھنىسىدە ھەيۋىسى سۇنۇپ.

               قالغاچقا جەڭگىۋار ئاتلىق قوشۇنلار

               شەرقى خەن سۈرىنىڭ بەلگىسى بولۇپ.

               سىبىرلار،جورجانلار،تۇرا -قاڭقىللار

               ئۆتكەن ھون قەۋمىنىڭ ئىزىنى بېسىپ.

                تۈركلەر ،ئۇيغۇرلار ،قىتان،موڭغۇللار،

               ئۆتكەن كەينى-كەينىدىن سۈرەنلەر سېلىپ.

                شۇ قىقاس –سۈرەننى ئەسلەيدۇ  تاغلار

                ئەسلەيدۇ بىپايان  ۋادا-تۈزلەڭلەر.

                چۈش بولۇپ  ساقلاندى دالا كۆڭلىدە

                  تارىختا بولغان سان-ساناقسىز جەڭلەر.



                            4

                  ئات،ئەشۇ قاناتسىز يۈگرۈك جانۋار

                  تارىخقا بەرگەن ئۇلۇغ يۈكسېلىش.

                  ياراتقان باتۇرلۇق دەۋرى ئۇزاقتۇر

                  يۈتمەس قورال بولغان ئۆتكۈر تىغ –قىلىچ.

                   ماكان تۇتقان ئۇچقۇر تۇلپار ئۈستىدە

                    چىڭگىزخاندەك ئالىپ نى-نى مەردانلار.

                   شەرقكە ھەم غەرىپكە قىلغان يۈرۈشتە

                    تۇتاشقان ئۆز-ئارا نى-نى بوستانلار.

                    ئات يۈدۈپ يەتكۈزگەن مەدەنىيەتنى،

                     بولغان نى مىللەتلەر ئارا قوشۇلۇش.

                     مىسىردا،،بابىلدا، يۇنان،جوڭگودا

                     تۇغدۇرغان ئىمپىريە  بىرلىك-يۇغرۇلۇش.

                                  5

                   ئات،ئەشۇ قاناتسىز يۈگرۈك جانۋار

                    جەملەنسە ئوخشار نىل( 6) ئۆركەشلىرىگە

                     بىپايان سايلىقلار مەيداندۇر چەكسىز

                   ئات تۇياقلىرىنىڭ دۈپۈرلەشلىرىگە.

                  كۈرمىڭ تەكرارلانغان ئەشۇ مەنزىرە

                   ئەسلىتىپ دەھشەتلىك قارا بوراننى.

                   ئايلاندۇرغان چۆلگە،خارابىلىككە



                    نى مەشھۇر شەھەرنى،ھەيۋەت قورغاننى.

                    ھەمدەپنە بۇيۇمى بوپ كۆمۈلگەن ئاتلار

                     نى داڭدار شاھلارنىڭ قەبرىگاھىغا.

                     كۈن،ئايدىن تۆرەلمىش ئەشۇ ئوغلانلار-

                     بېرىشنى ئويلىغاچ ئەڭ ئېسىل دۇلدۇل-

                     ئۈستىدە تەڭرىنىڭ  كەڭ دەرگاھىغا

                      مەردلەر ماكان تۇتقان ئاتنىڭ ئۈستىدە،

                      ياشىغان ھەم قارا بوراندەك كۆچۈپ.

                      سۈيى ئەلۋەك،كەڭرى يايلاق ئىزدىگەن.

                       قاتمۇ-قات قارلىق چوڭ تاغلاردىن ئۆتۈپ.

                        نى قەۋم ئاتالغان يايلاق مىللىتى،

                        جانغا جان ئۇلىغان ئات تۆھپىسىدە.

                       نامايەن  قەدىمكى بۈيۈك سەلتەنەت،

                       چاپچىغان ھەر ئاتنىڭ  سۈر-ھەيۋىسىدە.

                                6

                       بۈگۈنمۇ  چوڭ سەھنە-بەيگە  مەيداننى،

                       قوزغايدۇ دىللاردا  ئوتلۇق  ھاياجان.

                       بەيگىدە  قۇش كەبى ئۇچقان ھەر تۇلپار،

                       ئېتىللار  ئالدىغا  گويا  ئوقسىمان.

                        گۈزەللەر چۈمىدۇ  شىرىن  خىيالغا،

                         سېغىنىپ « ئاق  ئاتلىق شاھزادىسى»نى.



                  قويىدۇ  ئۆزىنى سىرلىق  دۇنياغا،

                  بىلگەچ « مىڭ بىر كېچە» ھىكايىسىنى.

                  قاتمۇ-قورشاۋلىق قەلئە  ئىچىگە

                  كىرسە بىر باھادىر  ئاتلىق باستۇرۇپ،

                   ساناقسىز زەپەردەس لەشكەر ئىچىدىن،

                  ئالسا بىر گۈزەلنى چامغۇر قىپ يۇلۇپ.

                  ئوڭ قولدا قىلىچنى زەرىپلىك شىلتىپ،

                    سول قولدا گۈزەلنى ئاتقا قوندۇرۇپ،

                    تىز چاپسا « زورۇ»دەك قامالنى يېرىپ،

                    كۆمۈش ساپلىق قامچا  ئوينۇتۇپ.

                     باھادىرغا مەھكەم چاپلاشسا گۈزەل،

                      ھايات-ماماتتا بىر  جانانى بولۇپ.

                      زومىگەر ئاتىسى-شاھنىڭ ئوردىسى

                      ھەرە ئۇۋىسىدەك كەتسە چۇگۇلۇپ.

                        لەكمىڭ لەشكەر قالسا قوغلاپ يېتەلمەي

                      تۇلپار ئۇچسا  كۆككە  چاڭنى توزۇتۇپ.

                      ئاشىغى يوقاتسا  توسقان لەشكەرنى،

                       خەتەرلىك ھاڭلاردىن تاشتەك دوملۇتۇپ.

                       گۈزەل بىر ئورمانغا  يەتسە  ئاخىرى

                        ئەجەلدىن،خەتەردىن تامام قۇتۇلۇپ.

                         گىلەمدەك يېيىلغان چۆپلۈك  ئۈستىدە

                         ئىككەيلەن كەتسە بىر جانۇ-تەن بولۇپ.

                         تۇلپار تۇتسا بىر جۈپ قۇلىقىنى تىك،

                         دەرەخزار چېتىدە كۈزەتتە تۈرۇپ.

                         كەچقۇرۇن قانىتى بولغان تۇلپارنى

                          سۇ ئەمەس قويسا چىن مېھرىدە يۇيۇپ.

                          ئىككىسى بولغاچ چىن قاناتلىق جۈپلەر،

                          بارسا ئەڭ گۈزەل جايلارغا  ئۇچۇپ.

                          سۆيگۈدە يارالغان گۈزەل قىسىسى

                           تارالسا  جاھانغا  ھىكايە بولۇپ.

                                     7

                  قىقاسقا  تولغان شۇ بەيگە  مەيداننى،

                  دىققەتنى ئاتىدۇ  ھازىرغا  ئوق قىپ.

                  ئادەملەر گويا ئات ،دۇنيا  مەيداندۇر،

                  مۆڭدىلىش غەلبىنى قويىدۇ يوق قىپ.

                   رىقابەت –بەيگىدۇر ئاجايىپ كەسكىن،

                   بەك قاتتىق  سىنايدۇ  شىر بىلەن شىرنى.

                   غەلبىمۇ ھازىردا، نەسلىك  ھازىردا،

                   ھەركىم ئۆزى يارىتار  ئاچقۇچلۇق سىرنى.

                   ھاياتلىق دەريادۇر مەڭگۈ توختىماس،

                    ھەر ئادەم گوياكى  چېپىۋاتقان ئات.

                    رىقابەت –ئۇزاق سوزۇلغان بەيگىدە،

                     ئەقىل ۋە جاسارەت بوپ كەلگەن قانات.

                                        8     

                     جالالىدىن رۇمى  ئېيتقان بۇرۇنلا

                     « ئادەم-ئات ئۈستىدىكى يولۇچى» دەپ.

                     ئات-گەۋدە،-بەدەننى كۆرسەتسە شەكسىز،

                      دەل روھتۇر « يولۇچى» دىگەن يارقىن گەپ.

                      تېنىمىز راست  ئاتتۇر  بىزنى كۆتۈرگەن

                      روھىمىز تۇرىدۇ  ئۇنى  تىزگىنلەپ.

                      بىز مىنىپ « تەن» ناملىق شۇ ئېتىمىزغا،

                      بارىمىز  غايىۋى  پەللىگە  ئۆرلەپ.

                     تەن يەنە  روھىمىز ئۆيى-ماكاننى.

                     ياشىغان تىرىك ھەر جاننىڭ ماكانى.

                     تەن يەنە  مۇكەمەل بولغان ماشىنا

                     بېرىدۇ  مەۋجۇتلۇق،ياشاش ئىمكاننى.

                      شۇڭا بىز ئاتسىزمۇ  ئاتسىز ئەمەسمىز،

                    پۇتىمىزدا كىچىكلەر بۇ كەڭ يەر شارى.

                   بىز تەن-ئات  ئۈستىدە يولۇچىدۇرمىز،

                   ياشاشچۈن يەر شارى-بەيگە مەيداننى.

                                 9

                     قەدىمدىن كېلىدۇ كىشنىگەن تۇلپار

                   ھەم ئاتنىڭ ھەم ئادەم تېنى شەكلىدە.

                    ئاڭ،ئىدراك  زەررىچە  پەيدا بولمىسا

                   ئادەممۇ  ئاتتەك بىر  ئاتتۇر  ئەسلىدە.

                    ئات ئۇلۇغ،ئاتسىمان  بەدەنمۇ ئۇلۇغ،

                    كۆرەيلى كۆز ئەمەس ئەقىل كۆزىدە.

                    ئاڭ،ئەقىل-روھىمىز،-ئادەملىكىمىز

                    بار  تەڭرى قۇدرىتى  ئاڭنىڭ ئۆزىدە.

                    نەزەرنى يۆتكىسەك  جانلىقلارغا بىز،

                   ئات –ئۇلۇغ،زەپەرگە بەلگە،سىمۋول،قۇت.

                    قالىدۇ مەڭگۈلۈك كۆرۈنۈش بولۇپ،

                    ئايغىر تۇياقلىرىدىن چاچرىغان ئوت.



(1)-تارىخى ماتىرياللاردا ئاتنىڭ كۆندۈرۈلگەنلىكىگە تۆت مىڭ يىل بولغانلىغى      ئېيتىلىدۇ.           

  (2)-ھونلارنىڭ 2-ئەۋلاد پادىشاھى باتۇر تەڭرىقۇت ( مىلادىدىدىن ئاۋالقى 209-174- يىللار تەختتە ئولتۇرغان) ئاۋازلىق ئوقيانى كەشىپ قىلغان.  

(3)–شەرق،غەرىپ،شىمال،جەنۇپتىن ئىبارەت تۆت تەرەپ قەدىمكى دەۋىرلەردە كۆك،ئاق قىزىل،قارا قاتارلىق رەڭلەر ئارقىلىق بىلدۈرۈلگەن.ياكى رەڭ تەرەپلەر بەلگىسى بولغان.

(4)-مىلادىدىن بۇرۇنقى 199-يىلى 1-ئايدا خەن گاۋزۇ-لىيۇ باڭ بەيدىڭ تېغىدا ھونلارنىڭ 400 يۈزمىڭ كىشىلىك قوشۇنىنىڭ قورشاۋىدا قالغان ئەھۋالنى كۆرسىتىدۇ ( 5)- مەزكۇر ئۈچ مىسرا-( ئابدۇرھېم راخمان تەرجىمە قىلغان« خەن سۇلالىسى بىلەن ھونلارنىڭ 300 يىللىق ئۇرىشى» ناملىق  كىتاپنىڭ 30-بېتىدىن ئېلىندى)

(6)نىل-دۇنيادىكى بىرىنچى چوڭ دەريا –ئافىرقىدىكى نىل دەرياسىنى كۆرسىتىدۇ.      

         

               2010-يىل،بۈگۈر




بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئەزىز ھېيت كۈن تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-4-7 03:33  


كېتىۋېتىپ كېلىۋاتقىنى شامال.يەنە ئۆزۈم بولىشىممۇ مۇمكىن.

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  190
يازما سانى: 945
نادىر تېمىسى: 1
تېللا: 2006
تۆھپە : 1
توردا: 324
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-6-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-5 21:59:48 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
         ھەر ئاخشىمى چىقسا  تۇلۇن ئاي   

          ئەزىز ھېيت كۇن   

   

         ھەر ئاخشىمى  چىقسا تۇلۇن  ئاي،
         تۇرالمايمەن  سىزنى  ئويلىماي.
         ئاي كۈلسىمۇ  ماڭا ھەر  كېچە،
         كۈلمىدىڭىز، بۇنى  سورىماي.
  
         ھەر  ئاخشىمى  چىقسا تۇلۇن ئاي،
         تۇلۇن ئايغا  قارايمەن  تويماي.
         كۆرىنىسىز تۇلۇن ئاي  ماڭا،
         سەۋەبىنى  يۈرىسىز  ئۇقماي.

         ھەر  ئاخشىمى چىقسا  تۇلۇن ئاي،
         سىز قايەردە ؟ بۇنى  سورىماي.
         ماڭا ھەمراھ  پەقەت تۇلۇن ئاي،
         بىللە يۈردۇق سەيلىدىن قايتماي.

         ھەر  ئاخشىمى  چىقسا تۇلۇن ئاي،
          چىقامدۇ؟ دەپ سىزنى  سورىماي.
          سىز چىقارسىز  ئاي چىقمىغاندا،
          مەڭگۈ-مەڭگۈ بىر سىزنى ساقلاي.

كېتىۋېتىپ كېلىۋاتقىنى شامال.يەنە ئۆزۈم بولىشىممۇ مۇمكىن.

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  190
يازما سانى: 945
نادىر تېمىسى: 1
تېللا: 2006
تۆھپە : 1
توردا: 324
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-6-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-5 22:02:55 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
        تاڭ  سالقىنىغا

        ئەزىز ھېيت كۈن

        تاڭنىڭ نەمخۇش شامىلى،
        ھوزۇر  ئېلىپ  كەلدىڭمۇ؟
        پەرىزاتتەك بىر  قىزنىڭ ،
        ئۇز  چېھرىنى  كۆردۈڭمۇ؟

         خوشالمىكەن  چۈشىدە
         كۆرۈپتىمۇ جەننەتنى؟
         پەرىلەرگە  جۆر بولۇپ.
         سۈرۈپتىمۇ   لەززەتنى؟

         تاتلىقمىكەن  ئۇيقۇسى؟
          شىرىنمىكەن  تۇيغۇسى؟
          كېلەمدىكەن  كۆرۈنمەي،
          جاننى  ئېلىپ  قويغۇسى؟

          پەقەت سەنلا  سۆيدۈڭمۇ
          بالدەك شىرىن  لىۋىگە؟
          ئۇنداق بولسا   يولىما،
           كۆڭلۈمدىكى  شۇ  گۈلگە!

كېتىۋېتىپ كېلىۋاتقىنى شامال.يەنە ئۆزۈم بولىشىممۇ مۇمكىن.

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  190
يازما سانى: 945
نادىر تېمىسى: 1
تېللا: 2006
تۆھپە : 1
توردا: 324
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-6-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-5 22:06:01 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
         شاھ بولمىساڭمۇ شاھتەك ئۆت مەغرۇر

         ئەزىز  ھېيىت كۈن
     
       شاھ بولمىساڭمۇ شاھتەك ئۆت مەغرۇر،
       بېشىڭنى ئەگمە  تۇتقاندەك ماتەم.
       كاتتىلارغىمۇ ئۇدۇل قاراۋەر،
       ئۇلارمۇ ساڭا ئوخشاشلا ئادەم.


       قەددىڭنى تىك تۇت،غالچا بولمىساڭ.
        قاتلىشىپ قالما دۈمچەك بولمىساڭ.
      ئەمەلدارلاردىن سايە ئىزدىمە،
      راست بىر چۈپرەندە-پۈچەك بولمىساڭ.


      پۇقرا بولغانلىق-ھېچ گۇناھ ئەمەس.
      پۇقراغىمۇ بار كەڭ ياشاش يولى.
      پۇقراغا قانۇن كۆپ ھوقۇق بەرگەن،
      پۇقرالار ئەمەس ھېچكىمنىڭ قۇلى.
       نومۇسسىز،پەسكەش غالچىلار رازى
       ئانىسىنىمۇ  سولاپ بېرىشكە.


       مىڭ دوزاقتىمۇ روھى پاكلانماس،
       ئۇلار يارالغان پوداق كۆترۈشكە.
       شاھ بولمىساڭمۇ شاھتەك ئۆت مەغرۇر،
      ھېچ بىر گۇناھسىز باش ئىگىپ قالما.
      غورۇرلۇق ھەر بىر پۇقراغا ئىبرەت
      ئۆزلىرى كۆرگەن ئادەم ئىت-لالما.  

كېتىۋېتىپ كېلىۋاتقىنى شامال.يەنە ئۆزۈم بولىشىممۇ مۇمكىن.

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  190
يازما سانى: 945
نادىر تېمىسى: 1
تېللا: 2006
تۆھپە : 1
توردا: 324
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-6-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-5 22:13:03 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
                          ئۇيغۇر  قىزى

                     ئەزىز ھېيت كۈن
              
                 كۆكۈش كۆزلىرى مىسالى قۇياش
                 قاڭشىرىدۇر خۇددى  ئۇيۇلتاش،               
                 سېرىق چاچلىرى ئالتۇنغا رەڭداش،               
                    كالپۇكى قېلىن،قېشى قەلەمقاش.

              -لى بەي « شاڭيۈن غەزىلى » دىن   

      
            ئانارىڭنى يۈزۈڭدە كۆردۈم،            
            قىلىچىڭنى قەلەم قېشىڭدا.            
            چولپىنىڭنى كۆزۈڭدە كۆردۈم            
           چۈشلىرىڭنى سۇمبۇل چېچىڭدا.
            
           ھەسەن-ھۈسەن ئارتساڭ بېشىڭغا            
           مەھرۇم بوپتۇ باھار رەڭگىدىن.            
           پاكلىق سىڭگەن تەبەسۇممىڭغا         
            زۆھرا باقار كۆكنىڭ  قەھرىدىن.   
         
             سۈمۈرۋالسا ئوسما قېشىڭنى،              
             دورايدىكەن شەپەق مەڭزىڭنى.      
             ئەركىلەتسە  شامال چېچىڭنى         
             سۆزلەيدىكەن  غۇنچە قەلبىڭنى.


                        
              سەنەملىكتە دىلغا ياقىسەن.   
             نوزۇكللۇقتا  چاقماق چاقىسەن.            
             رىزۋانگۈلنى قىلىپ مەبۇدەڭ،              
              ئۈمىد بىلەن  تاڭغا  باقىسەن.
            
            جۇپ قوللۇڭ گۈل خۇددى ئۆزۈڭدەك،            
            ئىزىڭدىن گۈل ئېچىلدۇرىسەن.            
            چىۋەر،قەيسەر  ئاياللىققا  خاس،               
             ئېسىل خىسلەت يېتىلدۈرىسەن.
               
             رەپىقلىغىڭ قۇرىماس دەريا،                 
             سەنسىز چىقماس ھاۋاغا  تۈتۈن.               
              ئەللىيىڭدە ئۆسىدۇ دۇنيا،               
              ئىنسانلىقمۇ شۇندىلا پۈتۈن.

كېتىۋېتىپ كېلىۋاتقىنى شامال.يەنە ئۆزۈم بولىشىممۇ مۇمكىن.

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  190
يازما سانى: 945
نادىر تېمىسى: 1
تېللا: 2006
تۆھپە : 1
توردا: 324
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-6-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-5 22:15:40 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
           نامراتلىق سوغىسى

              ئەزىز ھېيت كۈن
      
            كۈيۈپ كەتتى بىر كۈنى جەننەت،
            ئوت- ئەجدىھا  تىلى  سوزۇلۇپ.
            ئەركىنلىككە  ئېرىشتى ئۇلار،
            قالغىنىدا قورۇق قول بولۇپ.

             كۈتىۋالدى پادىچى يىگىت،
             مۇڭلۇق نەينى چېلىپ كەپىدە.
             كۆرگەن  چاغدا  ئۆز قېرىندىشىنى،
              ياش ئەگىدى  باينىڭ  كۆزىدە.

              تەشنالىقتا  ئىچتى قېتىقنى،
              لىق تولدۇرۇپ  قوۋۇزلىرىغا.
              خاتىرجەملىك  بەرگەچ قانائەت،
              ساي تېشىدەك قېتىپ كەتكەن نان،
              كەپلەشمىدى  بوغۇزلىرىغا.
            
   

             پىشانىدىن   ئاققاندا  يامغۇر،
             كەلمەسلىككە قېچىپ كەتتى غەم.
             دۇنيانى چىڭ  چىشلىۋېلىشنى،
             ئۇنتۇلدۇردى ئېغىزدىكى  تەم.

              كەڭلىكتىكى ئاددى كەپىدە،
              بەك يېقىملىق  كۈلدى ئوماقلىق.
               يوقاتقاننى بەردى  قايتۇرۇپ،
               يىغلاپ كەلگەن گۈزەل نامراتلىق.

كېتىۋېتىپ كېلىۋاتقىنى شامال.يەنە ئۆزۈم بولىشىممۇ مۇمكىن.

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  190
يازما سانى: 945
نادىر تېمىسى: 1
تېللا: 2006
تۆھپە : 1
توردا: 324
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-6-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-5 22:17:48 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
           چىغىرتماق گۈلى  

           ئەزىز ھېيت كۈن


         چىغىتىماق گۈللىرى سۆسۈن   
           تارقىتىدۇ  ئەتراپقا پۇراق.         
          ۋىچىرلىغان  سېرىق قۇشقاچلار            
          كۆرۈنىدۇ  چىرايلىق،ئوماق.      
   
         كېتىپ بارار بىر قىز يىراقلاپ            
          شىرىن ھېستا  چىن مەستخۇش ببولۇپ.           
          خىيالىدا ئۆزى كۆكلەمگە         
          ئايلانغاندەك گۈزەل تۇيۇلۇپ.     
  
        كۆرۈنىدۇ  توپ-توپ ئۈجمەزار،            
         ئېكىنزارنىڭ قىرغاقلىرىدا.            
        جىلۋە قىلار چىغىتماق گۈلى            
         چىرايلىق قىز قۇلاقلىرىدا.         

         تەبى زىننەت  -چىغىتماق گۈلى            
         شوخ كۆرسىتەر باھار قىزىنى.         
         مەپتۇن دىللار قىز سىماسىدىن      
         قاچالمايدۇ ئېلىپ كۆزىنى.           
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئەزىز ھېيت كۈن تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-4-7 12:54  


كېتىۋېتىپ كېلىۋاتقىنى شامال.يەنە ئۆزۈم بولىشىممۇ مۇمكىن.

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  190
يازما سانى: 945
نادىر تېمىسى: 1
تېللا: 2006
تۆھپە : 1
توردا: 324
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-6-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-5 22:21:53 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
         مەردۇ-مەردان

         ئەزىز ھېيت كۈن


       تاغدىكى شەمشاد گويا قەددى ئۇنىڭ،
       كېلىدۇ دادىل  چامداپ يولۋاس كەبى.
       باھادىر ئوغلان بولۇپ ئۆتكەچكە ئۇ،
       ئۇرغۇيدۇ ئىچ-ئىچىدىن قۇدرەت تەبى.

       مىڭ قەسەم-ۋەدىنىمۇ  چۈشەر  بېسىپ،
       لەۋزى قىپ « ھەئە»دىگەن بىرلا  سۆزى.
       قولىغا سۇ قۇيالماس  كۈرمىڭ  نامەرد،
       بولغاچقا  كەم تېپىلار  مەردان ئۆزى.

       ۋەزنى بار تەمكىنلىكتە  تاغلارسىمان،
       سامادەك يۈكسەك بولغاچ روھى ئۇنىڭ.
       ئۇ قىلار خىتاپ ئادەم، ئالەمگىمۇ،
       زور سادا-گۈلدۈرماما ئۈنى ئۇنىڭ.

       تەڭكەشتۇر پاراسەتكە جاسارىتى،
       نۇر چاچار يۇلتۇز كەبى شانى ئۇنىڭ.
       قىلىدۇ جەۋلانىغا  لاچىن ھەۋەس،
       تىللاردا داستان ئىرۇر نامى ئۇنىڭ.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئەزىز ھېيت كۈن تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-4-7 12:53  


كېتىۋېتىپ كېلىۋاتقىنى شامال.يەنە ئۆزۈم بولىشىممۇ مۇمكىن.

Rank: 2

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  193
يازما سانى: 4
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 40
تۆھپە : 0
توردا: 6
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-5-16
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-6 15:09:49 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  قەۋەت-قەۋەت ئىگىز بىنالار
  ئۈزەلمەيدۇ يىراقتىكى بوستانلىقتىن كۆزىنى.

شۇنداق،ئېگىز بىنالار قۇمساڭغۇ تۇپراقنى، شاۋقۇنسىز ھاياتنى سېغىنىۋاتىدۇ. زامانىۋىيلىققا كۈنسىرى يەم بولۇپ بېرىۋاتقان ئەنئەنە بۇ مىسرالاردا ھەقىقەتەن ئورنىنى تېپىپتۇ.

يەي دېسە پۇقرا بېغىدىن پادىشاھ بىر ئالمىنى،
يىلتىزىدىن قومۇرۇپ تاشلار دەرەخنى غالچىسى.
كۆرسە سۇلتان بەش تۇخۇ

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  190
يازما سانى: 945
نادىر تېمىسى: 1
تېللا: 2006
تۆھپە : 1
توردا: 324
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-6-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-7 03:52:37 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  ئەسكەرتىش:

     ئەسلىدە يۇقۇرقيى ھەر بىر شئېىر « بارخاندىن ئاۋاز» ناملىق بىر ماۋزۇ ئاستىغا ئىنكاس شەكلىدە يېزىلغاندىكىن ئاپتور ئىسمى بولغان «ئەزىز ھېيىت كۈن» نى ئىشلەتمەسلىكىم  كېرەك ئىدى.لىكىن بەزىدە زۈرۈريەت كۆرۈلگەندە ئاپتور  نامى بىلەن ھېساپلاشماي، ئىنكاس بوشلىقىدىكى ئەسەر يۇلۇپ ئېلىنىپ خالىغان ئاپتور نامى ياكى ئاپتورسىز نامدا ئېلان قىلىندىغان ئەھۋال كۆرۈلىدۇ.ئىنكاس بوشلىقىدا بېرىلگەن ھەر بىر شئېىرنىڭ رەسمى ئاپتورى ئۆزۈم بولغاچقا    ھەر بىر شئېىرنىڭ ماۋزۇسىدىن كىيىن ئېېرىنمەي ھەر بىر شئېىرىم ئاستىغا ئۆز ئىسىم -فامىلەم ،تەخەلۇسۇمنى  تولۇق ئالدىم. بۇ كىيىنكى ئاۋارىچىلىقلاردىن ساقلىنىش ئۈچۈندۇر....

كېتىۋېتىپ كېلىۋاتقىنى شامال.يەنە ئۆزۈم بولىشىممۇ مۇمكىن.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


يازغۇچىلار تورىمىزنىڭ يېڭى بېتى ئېچىۋىتىلگىنىگە:
ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش