كۆرۈش: 7382|ئىنكاس: 4

«تەكلىپلىك يازغۇچىلىرىمىز» مەخسۇس تېمىسى  تاقاش [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  11
يازما سانى: 674
نادىر تېمىسى: 3
تېللا: 2394
تۆھپە : 232
توردا: 1458
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-29

تۆھپىكار ئەزا مۇنەۋۋەر مۇھەررىر  مۆتىۋەر

يوللىغان ۋاقتى 2012-4-26 23:41:02 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتى تەكلىپلىك يازغۇچىلىرىنىڭ ئىسىملىكى


    2013-يىلى2-ئاينىڭ 27-كۈنى ئېچىلغان «شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتى 7-نۆۋەتلىك 6-قېتىملىق دائىمىي ھەيئەتلەر كېڭەيتىلگەن يىغىنى» دا بۇلتۇر تەكلىپ قىلىنغان تەكلىپلىك يازغۇچىلىرىمىزغا يېڭىدىن بىر قىسىم يازغۇچىلارنى كۆپەيتىپ تولۇقلاش قارارى ئېلان قىلىندى. تۆۋەندە ئۇلارنىڭ تولۇق ئىسىملىكى بىلەن يېڭىدىن بېكىتىلگەن «شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ تەكلىپلىك يازغۇچىلارنى تەكلىپ قىلىش لاھىيەسىنى يولغا قويۇش چارىسى»نى بۇ تېمىدا قايتىدىن ئېلان قىلىمىز.  
    بۇندىن كېيىن تەكلىپلىك يازغۇچىلىرىمىزغا مۇناسىۋەتلىك بارلىق ئۇقتۇرۇشلىرىمىز بۇ تېمىدا ئۇددۇللۇق ئېلان قىلىنىپ تۇرىدۇ. تەكلىپلىك يازغۇچىلىرىمىزنىڭ  بۇ تېمىغا ھەر ۋاقىت نەزەر ئاغدۇرۇپ تۇرىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

بىرىنچى: ئۇيغۇر يازغۇچىلار (20 نەپەر)

1.ئەنۋەر ھوشۇر
2.رىزۋانگۈل يۈسۈپ
3.ئابلىكىم ھەسەن
4.زۇلپىيە كۆلتىگېن
5.مۇھەممەتسالى مەتروزى
6.رىسالەت مەردان
7.ئەكپەر ئىمام كۆكبۆرە
8.چىمەنگۈل ئاۋۇت
9.ئۆمەر ئابدۇللا ئەرقۇت
10.ئاسىمجان ئوبۇلقاسىم
11.ئەنىۋەر ناسىرى
12.نۇرگۈل ئەبەي
13.مەتتۇرسۇن ئېلى
14.تۇرسۇنجان مۇھەممەت
15.ئابباس مۇنىياز
16.ۋاھىتجان ئوسمان
17.ياسىن زىلال
18.تۇرسۇن مەھمۇت
19.غوجىمۇھەممەت مۇھەممەت
20.ئالتۇنگۈل رەجەپ

ئىككىنچى: قازاق يازغۇچىلار (10 نەپەر)

1.مادانىيات مۇقاتاي
2.ئېرلان نۇردىقان
3.تۇرسۇنبېك بايجۈما
4.باھارگۈل غوپۇر (باھار بېردىبېك)
5.جېڭىس رېيىسقان
6.ئېرىسباي توقتار
7.خۇماربېك جۇانخان
8.خاربېك نۇرغالى
9.بەيبىت كېرەكباي
10.بىلىسبەك ئابدۇلئەزىز

ئۈچۈنچى: قىرغىز يازغۇچىلار (3 نەپەر)

1.گۈلزىيا قىدىربېك
2.ئابدۇراخمان ئەزىز ئوغلى
3.مەھەممەتتۇرسۇن توختاسۇن

تۆتىنچى: موڭغۇل يازغۇچىلار (3 نەپەر)

1.كىمجىلا
2.يېئېردا
3.ئا. بادۇمۇ


بەشىنچى: تاجىك يازغۇچى (1 نەپەر)

1.باتۇرخان ئاتاخان


شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتى
2013-يىل2-ئاينىڭ 28-كۈنى








ھازىرغىچە 3 ئادەم باھالىدىتىللاسى يىغىش سەۋەبى
پاكزات + 50
مىھىر + 10
ئھرچىن + 10 --------

ھەممە باھا نومۇرى : تىللاسى + 70   باھا خاتىرىسى

idraksoft

Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  11
يازما سانى: 674
نادىر تېمىسى: 3
تېللا: 2394
تۆھپە : 232
توردا: 1458
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-29

تۆھپىكار ئەزا مۇنەۋۋەر مۇھەررىر  مۆتىۋەر

يوللىغان ۋاقتى 2013-3-1 12:25:56 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ تەكلىپلىك يازغۇچىلارنى تەكلىپ قىلىش لاھىيەسىنى يولغا قويۇش چارىسى

   شىنجاڭنىڭ كۆپ مىللەتلىك ئەدەبىيات ئىشلىرىنى تېخىمۇ تېز تەرەققى قىلدۇرۇش،كۆپلەپ نادىر ئەسەرلەرنى يارىتىش،شىنجاڭنىڭ يازغۇچىلار تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى يەنىمۇ ئىلگىرلىتىش، ھاياتى كۈچى ئۇرغۇپ تۇرغان كۆپ مىللەتلىك ئىجادىيەتچىلەر قوشۇنىنى ئۇيۇشتۇرۇش ئۈچۈن،مەملىكىتىمىزنىڭ ھەرقايسى ئۆلكە، ئاپتۇنوم رايۇنلىرىدىكى يازغۇچىلار جەمىئىيەتلىرى ئېلىپ بارغان يازغۇچىلار تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنىڭ ئۈنۈملۈك تەجىربىلىرىگە ئاساسەن،شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتى تەكلىپلىك يازغۇچىلارنى تەكلىپ قىلىش، ئىجادىيەت نەتىنجىلىرىنى مۇكاپاتلاش لاھىيەسىنى يولغا قويۇشنى قارار قىلدى.

   بۇنىڭ كونكىرىت يولغا قويۇلۇش چارىسى تۆۋەندىكىلەردىن ئىبارەت:

1.تەكلىپلىك يازغۇچىلار ۋەتەننى، پارتىيەنى، سوتسىيالىزىمنى قىزغىن سۆيىشى، كۈچلۈك مەسئۇلىيەت ۋە بۇرۇچ تۇيغۇسىغا ئىگە بولۇشى، تەكلىپلىك يازغۇچىلارنىڭ كۆرۈنەرلىك ئىجادىيەت نەتىنجىلىرى ۋە نىسىپەتەن يۇقۇرى ئىجادىيەت قىزغىنلىقى بولغان بولۇشى كېرەك.تەكلىپلىك يازغۇچىلار چوققۇم شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى ۋە نوپۇسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايۇنى تەۋەسى ئىچىدىكى يازغۇچىلاردىن بولۇشى كېرەك.

2. تەكلىپلىك يازغۇچىلار ياش ۋە ئوتتۇرا ياش يازغۇچىلاردىن تەركىپ تاپىدۇ. يېشى ئەڭ چوڭ بولغاندا 60 ياشتىن ئاشمىغان بولۇشى كېرەك.ئۇلارنىڭ ئىچىدە 45 ياشتىن تۆۋەن يازغۇچىلار 40%تىن تۆۋەن بولماسلىقى لازىم. تەكلىپلىك يازغۇچىلار نامزاتلىرىنى شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتى ۋە جايلاردىكى ئەدەبىيات – سەنئەتچىلەر بىرلەشمىلىرى كۆرسىتىدۇ،جەمئىيىتىمىزنىڭ ئەزالىرى ئۆزىنى ئۆزى كۆرسەتسىمۇ بولىدۇ. جەمئىيىتىمىز رەھبەرلىرى ۋە مۇتەخەسىسلەردىن تەشكىل تاپقان تەكلىپلىك يازغۇچىلارغا رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپىسى تەكلىپلىك يازغۇچىلار نامزاتلىرىنىڭ سالاھىتىنى تەكشۈرۈپ بېكىتىپ، ئاپتونۇم رايۇنلۇق ئەدەبىيات – سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى پارتىگۇرۇپىسى ۋە ئاپتونوم رايۇنلۇق پارتىكوم تەشۋىقات بۆلۈمى ئەدەبىيات – سەنئەت باشقارمىسىغا يوللاپ تەستىقلاتقاندىن كېيىن كۈچكە ئىگە بولىدۇ.

3.تەكلىپ قىلىنىدىغان يازغۇچىلارنىڭ مۇددىتى ئىككى يىل بولۇپ، ھەر ئىككى يىلدا تەكلىپ قىلىنىدىغان يازغۇچىلار 37 نەپەر ئەتىراپىدا بولىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇر تىللىق يازغۇچىلار 20 نەپەر ئەتىراپىدا، قازاق تىللىق يازغۇچىلار 10 نەپەر ئەتىراپىدا ،باشقا مىللەتلەر تىلىدا ئەسەر يازىدىغان يازغۇچىلار7 نەپەر ئەتىراپىدا بولىدۇ.

4. تەكلىپلىك يازغۇچىلارنىڭ تەكلىپ مەزگىلىدە مەملىكەت ئىچىدە ئاشكارە تارقىتىلىدىغان ئەدەبىي ژۇرناللاردا ئېلان قىلىنغان يېڭى، ئىجادىي ئەسەرلىرىگە خەت سانىغا قاراپ ھەر مىڭ خېتىگە 100 يۇەندىن قوشۇمچە ئىجادىيەت ھەققى بېرىلىدۇ.(شىئېرلارنىڭ 10 مىسراسى 1000 خەت قىلىپ ھېساپلىنىدۇ) ۋەزىپە ھېسابىغا كىرىدىغان ئەسەرلەر: ھېكايە، شىئېر، نەسىر، ئەدەبىي ئاخپارات، ئەدەبىي ئوبزور قاتارلىق ژانىرلار بىلەنلا چەكلىنىدۇ. باشقا ژانىرلاردىكى ئەسەرلەر ھېساپ قىلىنمايدۇ. نەشرياتلاردىن نەشر قىلىنغان كىتاپلارنى ۋەزىپە ھېسابىغا كىرگۈزۈشكە بولمايدۇ. ھەر بىر تەكلىپلىك يازغۇچىنىڭ يىلدا ئالىدىغان قوشۇمچە ئىجادىيەت ھەققى 10 مىڭ يۈەندىن ئېشىپ كەتمەيدۇ.

5. تەكلىپلىك يازغۇچىلار تەكلىپ مەزگىلىدە ئاپتونوم رايۇنلۇق پارتىكوم تەشۋىقات بۆلۈمى، ئاپتونۇم رايۇنلۇق ئەدەبىيات – سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى ۋە يازغۇچىلار جەمىئىيىتى ئۇيۇشتۇرغان تۈرلۈك ئۈگىنىش، مۇھاكىمە، يىغىن، ئېكىسكۇرسىيە ۋە باشقا پائالىيەتلەرگە ئاكتىپلىق بىلەن قاتنىشىشى كېرەك. ئىككى قېتىمدىن ئارتۇق سەۋەپسىز قاتناشمىغانلار، تەكلىپ مەزگىلىدە يازغۇچىلارنىڭ ئوبرازىغا نۇقسان يەتكۈزىدىغان قىلمىشلارنى سادىر قىلغان ياكى باشقا ئېغىر سەھۋەنلىكلەرنى ئۆتكۈزگەنلەرگە بولسا يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ھەر ۋاقىت تەكلىپنى بىكار قىلىش ھوقۇقى بولىدۇ.

6. تەكلىپلىك يازغۇچىلار ئېلان قىلغان ئەسەرلىرىنىڭ ئەسلى نۇسخىسى ۋە كىملىكىنىڭ كۆپەيتىلگەن نۇسخىسىنى شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىگە ئۇختۇرۇش قىلىنغان ھامان ئەۋەتىپ باھالاشقا قاتناشتۇرۇشى كېرەك.

   بۇ يولغا قويۇش چارىسى تەكلىپلىك يازغۇچىلىرىمىزنىڭ 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ ئېلان قىلغان ئەسەرلىرىگە تەدبىقلىنىدۇ.



شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتى

2013-يىل 2-ئاينىڭ 28-كۈنى



www.xjzjxh.com ئەدەبىيات ئۈچۈن بولسا بىزگە قېتىلىڭ!

Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  11
يازما سانى: 674
نادىر تېمىسى: 3
تېللا: 2394
تۆھپە : 232
توردا: 1458
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-29

تۆھپىكار ئەزا مۇنەۋۋەر مۇھەررىر  مۆتىۋەر

يوللىغان ۋاقتى 2013-3-6 22:06:40 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ تەكلىپلىك يازغۇچىلىرىغا ئۇقتۇرۇش(1)



«شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ تەكلىپلىك يازغۇچىلارنى تەكلىپ قىلىش لاھىيەسىنى يولغا قويۇش چارىسى»دىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەر بويىچە، تەكلىپلىك يازغۇچىلىرىمىزنىڭ 2012-يىللىق ئىجادىيەت نەتىنجىلىرىنى تىزىملاش ۋە ستاتىستىكا قىلىش،ئىجادىيەت قوشۇمچە ھەققىنى ئەمىلىلەشتۇرۈش خىزمىتى رەسمىي باشلاندى.بۇ خىزمەتنى تېز ۋە ئۈنۈملۈك ئورۇنداش ئۈچۈن بارلىق تەكلىپلىك يازغۇچىلىرىمىزغا مۇناسىۋەتلىك ئىشلارنى تۆۋەندىكىدەك ئۇقتۇرىمىز.



1.تىزىملاش ۋە ستاتىستىكا قىلىش،ئىجادىيەت قوشۇمچە ھەققى بېرىش دائىرىسىگە كىرىدىغان ئەسەرلەر،تەكلىپلىك يازغۇچىلىرىمىزنىڭ 2012-يىلى 1- ئاينىڭ 1-كۈنىدىن2012-يىلى 12-ئاينىڭ 31-كۈنىگىچە بولغان ۋاقىتتا، مەملىكەت ئىچىدە ئاشكارە تارقىتىلىدىغان ئەدەبىي ژۇرناللاردا ئېلان قىلىنغان ھېكايە،پوۋېست، شىئېر، نەسىر، ئەدەبىي ئاخپارات، ئەدەبىي ئوبزور قاتارلىق ئەسەرلەردىن بولۇشى كېرەك.باشقا ژانىرلاردىكى ئەسەرلەر ھېساپ قىلىنمايدۇ. نەشرياتلاردىن نەشر قىلىنغان رومان ۋە توپلاملار بۇ دائىرىگە كىرمەيدۇ.



2. تەكلىپلىك يازغۇچىلىرىمىز بىر يىلدىن بۇيان ئېلان قىلغان ئەسەرلىرىنىڭ تېمىسى، ژانىرى،ئېلان قىلغان ژۇرنال، ۋاقتى قاتارلىقلارنى بىزگە يازما ماتىريال شەكلىدە تەمىنلەپ بېرىش بىلەن يەنە شۇ ئەسەر ئېلان قىلىنغان ژۇرنالدىن چوققۇم بىر پارچىدىن ئەۋەتىپ بېرىشى كېرەك.



3. ئىجادىيەت قوشۇمچە ھەققى پوچتىدىن ئەۋەتىپ بېرىلىدۇ. پۇل سېلىش ۋە ئېلىشقا قولايلىق بولۇشى ئۈچۈن تەكلىپلىك يازغۇچىلىرىمىز چوقۇم كىملىكىنىڭ نۇسخىلانغان كوپىيەسى بىلەن مۇقىم ئالاقىلىشىش ئادرىسى ۋە پوچتا نومۇرى قاتارلىق ئۇچۇرلارنى ئەسەرلىرى بىلەن بىللە بىزگە ئەۋەتىپ بېرىشى كېرەك.



4. تەكلىپلىك يازغۇچىلىرىمىزنىڭ 2012-يىللىق ئىجادىيەت نەتىنجىلىرىنى تىزىملاش ۋە ستاتىستىكا قىلىش خىزمىتىنىڭ مۇددىتى ھازىردىن باشلاپ  2013-يىلى 3-ئاينىڭ 31-كۈنىگىچە بولىدۇ.مۇشۇ ۋاقىت ئىچىدە بىزگە مۇناسىۋەتلىك ماتىرياللارنى يەتكۈزۈپ بەرمىگەنلەر بۇ يىللىق ئەسەرلەرنى تىزىملاش ۋە ستاتىستىكا قىلىش،ئىجادىيەت قوشۇمچە ھەققى ئېلىش ھوقۇقىدىن ئۆزلىكىدىن ۋازكەچكەن بولۇپ سانىلىدۇ.



5. تەكلىپلىك يازغۇچىلىرىمىزنىڭ 2013-يىللىق ئىجادىيەت نەتىنجىلىرىنى تىزىملاش ۋە ستاتىستىكا قىلىش، ئىجادىيەت قوشۇمچە ھەققىنى ئەمىلىلەشتۈرۈش خىزمىتى پەسىلدە بىر قېتىم ئېلىپ بېرىلىدۇ. قولايلىق بولۇشى ئۈچۈن ھەممە يازغۇچىلىرىمىزنىڭ 2013-يىلى ئېلان قىلغان ئەسەرلىرىنى شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە بىزگە ئۇددۇللۇق يوللاپ تۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز.



6.ئۇيغۇر تىلىدا يېزىلغان ئەسەرلەرنى تاپشۇرىۋېلىش ئادرىسى:


ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي دوستلۇق يولى 716-نومۇر شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتى :ئەيبۇ ياقۇپقا تېگىدۇ.

پوچتا نومۇرى:830000

乌鲁木齐市友好南路716号:新疆作家协会  艾布 收


7.قازاق، قىرغىز،موڭغۇل تىللىرىدا يېزىلغان ئەسەرلەرنى تاپشۇرىۋېلىش ئادرىسى:


ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي دوستلۇق يولى 716-نومۇر شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتى: قاناتگۈلگە تېگىدۇ.

پوچتا نومۇرى:830000


乌鲁木齐市友好南路716号:新疆作家协会  哈那提古丽  收


8.تېلىفۇن نومۇرلار:


ئەيبۇ ياقۇپ:   0991-4527645     


قاناتگۈل:       0991-4511231   

   

                                             شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتى


2013-يىلى 3-ئاينىڭ 6-كۈنى


www.xjzjxh.com ئەدەبىيات ئۈچۈن بولسا بىزگە قېتىلىڭ!

Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  11
يازما سانى: 674
نادىر تېمىسى: 3
تېللا: 2394
تۆھپە : 232
توردا: 1458
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-29

تۆھپىكار ئەزا مۇنەۋۋەر مۇھەررىر  مۆتىۋەر

يوللىغان ۋاقتى 2013-4-9 12:26:21 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

تەكلىپلىك يازغۇچىلىرىمىزنىڭ 2012-يىلىدىكى ئىجادىيەت نەتىنجىلىرى






خەت سانى


ئېلان قىلغان ژۇرنال ۋە ۋاقتى


ژانىرى


ئەسەر نامى


ئىسىم -فامىلىسى



22000


«يېڭى قازتېشى»2012-يىل5-سان


ئەدەبىي خاتىرە


شىمالدىكى ئۇنتۇلماس كۈنلەر


تۇرسۇنجان مۇھەممەت



98000


«تارىم»2012-يىل11-12-سان


پوۋېست


بەخت تەبىرى


تۇرسۇنجان مۇھەممەت



11000


«يېڭى قازتېشى»2012-يىل3-سان


ماقالە


2011-يىلىدىكى ئەدەبىياتىمىزغا نەزەر


ئەنۋەر ھوشۇر



9000


«تارىم»2012-يىل12-سان


ماقالە


ئەدەبىي تەنقىتچىلىكتە نىمىلەر كەم


ئەنۋەر ھوشۇر



7000


«تۇرپان»2012-يىل3-سان


ماقالە


نادىر ئەسەرنىڭ ئۆلچىمى


ئەنۋەر ھوشۇر



6000


«يېڭى قازتېشى»2012-يىل5-سان


ماقالە


يېزىشنىڭ شەرىپى، يازماسلىقنىڭ ئازابى


ئەنۋەر ھوشۇر



6000


«خ.پ ئالى تېخنىكومى ژۇرنىلى»2012-يىلى 3-سانى


ماقالە


شائىر،تارىخچى موللا نىياز قارى توغىرسىدا


ئەنۋەر ھوشۇر



5000


ئۈستىدىكى ژۇرنال2012-يىلى 4-سان


ماقالە


موللا سالىھ ۋە ئۇنىڭ شىئېر ئىجادىيىتى ھەققىدە


ئەنۋەر ھوشۇر



34000


«تارىم»2012-يىل12-سان


ھېكايە


غەمگۈزار


ئابباس مۇنىياز



8000


«تۇرپان»2012-يىل3-سان


ھېكايە


مازار بالىسى


ئابباس مۇنىياز



20000


«ئاقسۇ ئەدەبىياتى»2012-يىل4-سان


ئەدەبىي خاتىرە


ئىستەكلەر ئەۋجىدە نىمە سەۋدا


ئابباس مۇنىياز



3000


«ئاقسۇ ئەدەبىياتى»2012-يىل4-سان


ماقالە


2012-يىللىق نوبىل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكۈچى-مو يەن


ئابباس مۇنىياز



7000


«يېڭى قاشتېشى»2012-يىل1-سان


ھېكايە


رەھمەت دەپ قويۇڭ


نۇرگۈل ئەبەي



33000


«تەڭرىتاغ»2012-يىل2-سان


پوۋېست


كەچكۈزدىكى غېرىپلىق


نۇرگۈل ئەبەي



8000


«تارىم»2012-يىل3-سان


ھېكايە


مىكرو ھېكايىلەر


نۇرگۈل ئەبەي



3000


«تۇرپان»2012-يىل3-سان


ھېكايە


ئانام ئەتكەن لەغمەن


نۇرگۈل ئەبەي



11000


«يېڭى قاشتېشى»2012-يىل5-سان


ھېكايە


ئۆمۈرلۈك ئاشىق


نۇرگۈل ئەبەي



21000


«تارىم»2012-يىل5-سان


ھېكايە


گۇناھلىق سۆيگۈ


نۇرگۈل ئەبەي



6000


«شىنجاڭ ئاياللىرى»2012-يىل3-سان


ھېكايە


قايتا تەكلىپ


نۇرگۈل ئەبەي



72000


«تارىم»2012-يىل5-6-سان


پوۋېست


مىليۇن ئەتىرگۈل


ئەكبەر ئىمام كۆكبۆرە



6000


«تۇرپان»2012-يىل4-سان


شىئېرلار


دولقۇنلاپ ئاقىدۇ ئېچىلغان گۈللەر


ئەكبەر ئىمام كۆكبۆرە



5000


«تەڭرىتاغ»2012-يىل4-سان


شىئېرلار


ئاياللىق تۇيغۇمنى قۇچاقلايمەن چىڭ


رىسالەت مەردان



4500


«قۇمۇلئەدەبىياتى»2012-يىل3-سان


شىئېرلار


كۈتۈش كوچىسى


رىسالەت مەردان



3000


«يېڭى قاشتېشى»2012-يىل4-سان


ماقالە


ئائىلە - مۇقەددەستۇر


رىسالەت مەردان



2000


«شىنجاڭ ياشلىرى»2012-يىل3-سان


شىئېرلار


شىئېر يازغۇم كېلىۋاتىدۇ


رىسالەت مەردان



2500


«جۇڭگو مىللەتلىرى»2013-1-سان


شىئېرلار


ئىككى شىئېر


رىسالەت مەردان



7000


«مىللەتلەرئەدەبىياتى»2012-6-سان


شىئېرلار


ئاۋازلىق ئوقيا


ۋاھىتجان ئوسمان



2000


«تەڭرىتاغ»2012-يىل5-سان


شىئېرلار


ئىككى شىئېر


ۋاھىتجان ئوسمان



3000


«شىنجاڭ ياشلىرى»2012-يىل2-سان


شىئېرلار


سېنى دىدىم


ۋاھىتجان ئوسمان



3500


«تارىم»2012-يىل8-سان


شىئېرلار


مېنى تاشلاپ كەتمىدى پىراق


ۋاھىتجان ئوسمان



8000


«ئاقسۇ ئەدەبىياتى»2012-يىل1-سان


شىئېرلار


مەن شىئېر يېزىۋاتقاندا


ۋاھىتجان ئوسمان



4500


«تەڭرىتاغ»2012-يىل4-سان


شىئېرلار


دادامنىڭ شەجەرىسى


ۋاھىتجان ئوسمان



9000


«تارىم»2012-يىل12-سان


ماقالە


ئايال قەلەمكەشلەرگە ئۈچ تەۋسىيە


مەتتۇرسۇن ئېلى



4000


«يېڭى قاشتېشى»2012-يىل5-سان


ماقالە


مەمتىمىن ئابدۇۋەلىنىڭ ئىجادىيىتىگە باھا


مەتتۇرسۇن ئېلى



2000


«تارىم غۇنچىلىرى»2012-12-سان


ھېكايە


ئاتىنىڭ يېشى


ئەنىۋەر ناسىرى



8000


«تارىم»2013-يىل1-سان


ھېكايە


دەرۋازا


ئەنىۋەر ناسىرى



11000


«ئىلى دەرياسى»2012-يىل1-سان


ھېكايە


چىراغ ياققۇچى


ئەنىۋەر ناسىرى



5000


«ئىلى دەرياسى»2013-يىل1-سان


ھېكايە


نوچى ئايال


ئەنىۋەر ناسىرى



9000


«ئىلى دەرياسى»2012-يىل4-سان


ئەدەبىي خاتىرە


ئاق تاغلار


ئەنىۋەر ناسىرى



8000


«ئىلى دەرياسى»2012-يىل4-سان


شىئېرلار


ئۈرۈك چىچىكى


ئاسىمجان ئوبۇلقاسىم



5000


«ئىلى دەرياسى»2012-يىل5-سان


ماقالە


چاغىستايلىق شائىر بوۋاي


ئاسىمجان ئوبۇلقاسىم



6000


«تەڭرىتاغ»2012-يىل5-سان


شىئېرلار


بىر ياپراقمەن ئاداققى بىر تال


ئاسىمجان ئوبۇلقاسىم



5000


«جۇڭگو مىللەتلىرى»2012-1-سان


نەسىر


نەسىرلەر


غوجىمۇھەممەت مۇھەممەت



5000


«شىنجاڭ ياشلىرى»2012-يىل4-سان


شىئېرلار


دەرەخلەردىن تىللا ياغار


غوجىمۇھەممەت مۇھەممەت



6000


«يېڭى قاشتېشى»2012-يىل3-سان


شىئېرلار


ھەممە ئادەم بىر گۈل،گۈلۈستان


غوجىمۇھەممەت مۇھەممەت



33000


«مىللەتلەرئەدەبىياتى»2012-6-سان


پوۋېست


داۋۇت دىڭ قۇلاق


ئۆمەر ئابدۇللا ئەرقۇت



16000


«تۇرپان»2012-يىل4-سان


ئەدەبىي خاتىرە


جەنۇبىي تاغدىكى ھاياجانلىق دەملەر


ئۆمەر ئابدۇللا ئەرقۇت



29000


«تۇرپان»2012-يىل2-سان


پوۋېست


ئابلىمىت


ئۆمەر ئابدۇللا ئەرقۇت



10000


«تۇرپان»2012-يىل3-سان


ھېكايە


خەس


تۇرسۇن مەخمۇت



10000


«قۇمۇلئەدەبىياتى»2012-يىل3-سان


ھېكايە


توپا ياغقان كۈندىكى مەن


تۇرسۇن مەخمۇت



26000


«تەڭرىتاغ»2012-يىل3-سان


پوۋېست


دەز


تۇرسۇن مەخمۇت



30000


«تارىم»2012-يىل9-سان


ھېكايە


تەنھالىقنىڭ يەنە بىر قانىتى


تۇرسۇن مەخمۇت



13000


«يېڭى قاشتېشى»2012-يىل6-سان


ھېكايە


ئابدۇقادىرنىڭ دادىسى


تۇرسۇن مەخمۇت



17000


«قەشقەر»2012-يىل5-سان


پوۋېست


قەشقەرلىق ئايال


زۇلفىيە كۆلتىگىن



6000


«تارىم»2012-يىل5-سان


ھېكايە


قارلىق كېچىدىكى ئەر


زۇلفىيە كۆلتىگىن



8000


«قەشقەر»2012-يىل1-سان


ھېكايە


بەخت ھارپىسى


رىزۋانگۈل يۈسۈپ



7000


«تارىم»2012-يىل11-سان


ھېكايە


كىملىك


ئالتۇنگۈل رەجەپ




12000

«ئىلى دەرياسى»2012-يىلى1-سان

ئەدەبىي خاتىرە

ئەجەم ۋادىسىغا پەرۋاز
ئابلىكىم ھەسەن


7000
«ئىلى دەرياسى»2012-يىلى4-سان

شىئېر

ئابرال ئانا
ئابلىكىم ھەسەن

ئىلاۋە: يۇقۇردىكى ستاتىغا «شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ تەكلىپلىك يازغۇچىلارنى تەكلىپ قىلىش لاھىيەسىنى يولغا قويۇش چارىسى»دىكى بەلگۈلىمىلەر بويىچە،يازغۇچىلىرىمىزنىڭ نەشر قىلغان كىتاپلىرى ۋە گېزىت، ئىچكى قىسىمدا تارقىتىلىدىغان ژۇرناللاردا ئېلان قىلغان ئەسەرلىرى كىرگۈزۈلمىدى.
ستاتىدا تولۇق بولماي قالغان ئەھۋاللار بولسا يازغۇچىلىرىمىزنىڭ دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىشىنى سورايمىز.
ئەسەرلىرىنى يوللاپ بەرمىگەن يازغۇچىلىرىمىزنىڭ ئەسەرلىرىنى تېزدىن بىزگە يەتكۈزۈپ بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

www.xjzjxh.com ئەدەبىيات ئۈچۈن بولسا بىزگە قېتىلىڭ!

Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  11
يازما سانى: 674
نادىر تېمىسى: 3
تېللا: 2394
تۆھپە : 232
توردا: 1458
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-29

تۆھپىكار ئەزا مۇنەۋۋەر مۇھەررىر  مۆتىۋەر

يوللىغان ۋاقتى 2013-8-22 11:59:48 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ تەكلىپلىك يازغۇچىلىرىغا ئۇقتۇرۇش(2)

«شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ تەكلىپلىك يازغۇچىلارنى تەكلىپ قىلىش لاھىيەسىنى يولغا قويۇش چارىسى»دىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەر بويىچە، تەكلىپلىك يازغۇچىلىرىمىزنىنىڭ 2013-يىلى 1-ئايدىن 8-ئايغىچە بولغان ئىجادىيەت نەتىنجىلىرىنى تىزىملاش ۋە ستاتىستىكا قىلىش،ئىجادىيەت قوشۇمچە ھەققىنى ئەمىلىلەشتۇرۈش خىزمىتى رەسمىي باشلاندى.

تۆۋەندە مۇناسىۋەتلىك ئىشلارنى تۆۋەندىكىدەك ئۇقتۇرىمىز:

1.تىزىملاش ۋە ستاتىستىكا قىلىش،ئىجادىيەت قوشۇمچە ھەققى بېرىش دائىرىسىگە كىرىدىغان ئەسەرلەر،تەكلىپلىك يازغۇچىلىرىمىزنىڭ 2013-يىلى 1- ئاينىڭ 1-كۈنىدىن8-ئاينىڭ  ئاخىرىغىچە بولغان ۋاقىتتا، مەملىكەت ئىچىدە ئاشكارە تارقىتىلىدىغان ئەدەبىي ژۇرناللاردا ئېلان قىلىنغان ھېكايە،پوۋېست، شىئېر، نەسىر، ئەدەبىي ئاخپارات، ئەدەبىي ئوبزور قاتارلىق ئەسەرلەردىن بولۇشى كېرەك.باشقا ژانىرلاردىكى ئەسەرلەر ھېساپ قىلىنمايدۇ. نەشرياتلاردىن نەشر قىلىنغان رومان ۋە توپلاملار بۇ دائىرىگە كىرمەيدۇ.

2. تەكلىپلىك يازغۇچىلىرىمىز بىر يىلدىن بۇيان ئېلان قىلغان ئەسەرلىرىنىڭ تېمىسى، ژانىرى،ئېلان قىلغان ژۇرنال، ۋاقتى قاتارلىقلارنى بىزگە يازما ماتىريال شەكلىدە تەمىنلەپ بېرىش بىلەن يەنە شۇ ئەسەر ئېلان قىلىنغان ژۇرنالدىن چوققۇم بىر پارچىدىن ئەۋەتىپ بېرىشى كېرەك.

3. ئىجادىيەت قوشۇمچە ھەققى پوچتىدىن ئەۋەتىپ بېرىلىدۇ. پۇل سېلىش ۋە ئېلىشقا قولايلىق بولۇشى ئۈچۈن تەكلىپلىك يازغۇچىلىرىمىز چوقۇم كىملىكىنىڭ نۇسخىلانغان كوپىيەسى بىلەن مۇقىم ئالاقىلىشىش ئادرىسى ۋە پوچتا نومۇرى قاتارلىق ئۇچۇرلارنى ئەسەرلىرى بىلەن بىللە بىزگە ئەۋەتىپ بېرىشى كېرەك.

4.ئۇيغۇر تىلىدا يېزىلغان ئەسەرلەرنى تاپشۇرىۋېلىش ئادرىسى:

ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي دوستلۇق يولى 716-نومۇر شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتى :مېھرايغا تېگىدۇ.

پوچتا نومۇرى:830000

乌鲁木齐市友好南路716号:新疆作家协会  米合拉依 收

7.قازاق، قىرغىز،موڭغۇل تىللىرىدا يېزىلغان ئەسەرلەرنى تاپشۇرىۋېلىش ئادرىسى:

ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي دوستلۇق يولى 716-نومۇر شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتى: قاناتگۈلگە تېگىدۇ.

پوچتا نومۇرى:830000

乌鲁木齐市友好南路716号:新疆作家协会  哈那提古丽  收

8.تېلىفۇن نومۇرلار:

مېھراي:          0991-4510785      

قاناتگۈل:       0991-4511231      



www.xjzjxh.com ئەدەبىيات ئۈچۈن بولسا بىزگە قېتىلىڭ!
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش