شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ تەكلىپلىك يازغۇچىلىرىغا ئۇقتۇرۇش(1)
«شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ تەكلىپلىك يازغۇچىلارنى تەكلىپ قىلىش لاھىيەسىنى يولغا قويۇش چارىسى»دىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەر بويىچە، تەكلىپلىك يازغۇچىلىرىمىزنىڭ 2012-يىللىق ئىجادىيەت نەتىنجىلىرىنى تىزىملاش ۋە ستاتىستىكا قىلىش،ئىجادىيەت قوشۇمچە ھەققىنى ئەمىلىلەشتۇرۈش خىزمىتى رەسمىي باشلاندى.بۇ خىزمەتنى تېز ۋە ئۈنۈملۈك ئورۇنداش ئۈچۈن بارلىق تەكلىپلىك يازغۇچىلىرىمىزغا مۇناسىۋەتلىك ئىشلارنى تۆۋەندىكىدەك ئۇقتۇرىمىز.
1.تىزىملاش ۋە ستاتىستىكا قىلىش،ئىجادىيەت قوشۇمچە ھەققى بېرىش دائىرىسىگە كىرىدىغان ئەسەرلەر،تەكلىپلىك يازغۇچىلىرىمىزنىڭ 2012-يىلى 1- ئاينىڭ 1-كۈنىدىن2012-يىلى 12-ئاينىڭ 31-كۈنىگىچە بولغان ۋاقىتتا، مەملىكەت ئىچىدە ئاشكارە تارقىتىلىدىغان ئەدەبىي ژۇرناللاردا ئېلان قىلىنغان ھېكايە،پوۋېست، شىئېر، نەسىر، ئەدەبىي ئاخپارات، ئەدەبىي ئوبزور قاتارلىق ئەسەرلەردىن بولۇشى كېرەك.باشقا ژانىرلاردىكى ئەسەرلەر ھېساپ قىلىنمايدۇ. نەشرياتلاردىن نەشر قىلىنغان رومان ۋە توپلاملار بۇ دائىرىگە كىرمەيدۇ.
2. تەكلىپلىك يازغۇچىلىرىمىز بىر يىلدىن بۇيان ئېلان قىلغان ئەسەرلىرىنىڭ تېمىسى، ژانىرى،ئېلان قىلغان ژۇرنال، ۋاقتى قاتارلىقلارنى بىزگە يازما ماتىريال شەكلىدە تەمىنلەپ بېرىش بىلەن يەنە شۇ ئەسەر ئېلان قىلىنغان ژۇرنالدىن چوققۇم بىر پارچىدىن ئەۋەتىپ بېرىشى كېرەك.
3. ئىجادىيەت قوشۇمچە ھەققى پوچتىدىن ئەۋەتىپ بېرىلىدۇ. پۇل سېلىش ۋە ئېلىشقا قولايلىق بولۇشى ئۈچۈن تەكلىپلىك يازغۇچىلىرىمىز چوقۇم كىملىكىنىڭ نۇسخىلانغان كوپىيەسى بىلەن مۇقىم ئالاقىلىشىش ئادرىسى ۋە پوچتا نومۇرى قاتارلىق ئۇچۇرلارنى ئەسەرلىرى بىلەن بىللە بىزگە ئەۋەتىپ بېرىشى كېرەك.
4. تەكلىپلىك يازغۇچىلىرىمىزنىڭ 2012-يىللىق ئىجادىيەت نەتىنجىلىرىنى تىزىملاش ۋە ستاتىستىكا قىلىش خىزمىتىنىڭ مۇددىتى ھازىردىن باشلاپ 2013-يىلى 3-ئاينىڭ 31-كۈنىگىچە بولىدۇ.مۇشۇ ۋاقىت ئىچىدە بىزگە مۇناسىۋەتلىك ماتىرياللارنى يەتكۈزۈپ بەرمىگەنلەر بۇ يىللىق ئەسەرلەرنى تىزىملاش ۋە ستاتىستىكا قىلىش،ئىجادىيەت قوشۇمچە ھەققى ئېلىش ھوقۇقىدىن ئۆزلىكىدىن ۋازكەچكەن بولۇپ سانىلىدۇ.
5. تەكلىپلىك يازغۇچىلىرىمىزنىڭ 2013-يىللىق ئىجادىيەت نەتىنجىلىرىنى تىزىملاش ۋە ستاتىستىكا قىلىش، ئىجادىيەت قوشۇمچە ھەققىنى ئەمىلىلەشتۈرۈش خىزمىتى پەسىلدە بىر قېتىم ئېلىپ بېرىلىدۇ. قولايلىق بولۇشى ئۈچۈن ھەممە يازغۇچىلىرىمىزنىڭ 2013-يىلى ئېلان قىلغان ئەسەرلىرىنى شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە بىزگە ئۇددۇللۇق يوللاپ تۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز.
6.ئۇيغۇر تىلىدا يېزىلغان ئەسەرلەرنى تاپشۇرىۋېلىش ئادرىسى:
ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي دوستلۇق يولى 716-نومۇر شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتى :ئەيبۇ ياقۇپقا تېگىدۇ.
پوچتا نومۇرى:830000
乌鲁木齐市友好南路716号:新疆作家协会 艾布 收
7.قازاق، قىرغىز،موڭغۇل تىللىرىدا يېزىلغان ئەسەرلەرنى تاپشۇرىۋېلىش ئادرىسى:
ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي دوستلۇق يولى 716-نومۇر شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتى: قاناتگۈلگە تېگىدۇ.
پوچتا نومۇرى:830000
乌鲁木齐市友好南路716号:新疆作家协会 哈那提古丽 收
8.تېلىفۇن نومۇرلار:
ئەيبۇ ياقۇپ: 0991-4527645
قاناتگۈل: 0991-4511231
شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتى
2013-يىلى 3-ئاينىڭ 6-كۈنى