بارخاندىن ئاۋاز
( لىرىك داستان)
ئەزىز ھېيت كۈن
ئۆتەر كارۋان،يۈتەر كارۋان چۆل ئارا.
قايسى چاغدا دىققەت قىلغان كىم ماڭا؟
ماڭا ئوچۇق ئاسمان -ئالەم كۆزىلا.
ماڭا ئايان يۈكسەكلىكنىڭ كۆڭلىلا.
ئېيتاي يۈرەك سۆزلىرىمنى ئاسمانغا،
يەتكۈزگەي كەڭ جاھانغا،ھەر جانغا.
سۆزنى باشلاي ئاۋال بەك-بەڭ ئۇزاقتىن.
دېڭىزلاردىن چەتتە قالغان تۇپراقتىن.
قۇرغاق جايلار ئاز ئەمەستۇر دۇنيادا.
قۇملۇق زىمىن ، دەشتى-چۆل بار كۆپ جايدا.
دىمەي قوياي چۆللەشكەننى بىر-بىرلەپ.
سۆزلىرىمنى ئېيتاي يىغىپ-تۈگەللەپ.
سۇ مەنبەسى ئاز ساي-قۇملۇق جايلاردا.
ئۇزاق داۋام قىلغان قۇرغاق ھاۋادا،
سۇ قۇرىدى،چۆپ قۇرىدى كۈنسىرى.
شامال توپا،قۇم سورىدى يىلسىرى.
ئۆتتى ۋاقىت قۇچاق ئاچتى باياۋان.
ئاچ دىۋىدەك غەلۋە قىلدى قۇم بوران.
زۇمچەك دۆڭلەر بىنا بولدى بىر-بىلەپ.
پاكار-پاكار ئۆيلەر كەبى تۈزدى سەپ.
بوران بىلەن قۇم كۆچتى تاغ كۆچكەندەك.
ئويمان يەرگە ئىگىز كۆكتىن چۈشكەندەك.
بىنا بولدى چۆلدە پاكار داۋانلار.
ۋە ئاتالدى ئۇنىڭ ئىسمى بارخانلار.
ئەشۇ بارخان-پاكار داۋان –مەندۇرمەن.
نەزەر –نىگاھ،-دىققەتلەردىن چەتتۇرمەن.
چۆل قۇشلىرى ئۇچۇپ ئۆتەر ئۈستۈمدىن.
جان-جانۋارلار ئايرىلمايدۇ كۆكسۈمدىن.
مېنى ئەگىپ ئۆتۈپ كېتەر ئادەملەر.
ئات-ئۇلاقتا ئېلىپ ئېغىر قەدەملەر.
ئويلاپ قويماس قانداق پەيدا بولغان؟ دەپ.
قانداق مەنا- ھىكمەت،سىرغا تولغان ؟ دەپ.
بىلسە ئۇلار تەبىئەتنىڭ سىرىنى،
نە سىر بەلكى مەۋجۇتلۇقنىڭ تىلىنى.
ئەقىل كۆزى بىلەن قاراپ قۇملارغا،
نەزەر سېلىپ ئۆتكەن مىڭ-مىڭ يىللارغا
كۆڭلىگە نەق-ئېنىق ساننى پۈككىدۇ.
كۈرمىڭ يىللىق تارىخىمنى بىلىدۇ.
تېشىمدىكى ھىكمەت –سىردۇر ئۇ پەقەت.
ئىچىمدىدۇر ئەسلى چوڭقۇر ھەققىقەت !
ئاڭلىدىڭمۇ سۆزلىرىمنى كۆك ئاسمان؟
سېنى مەندەك تىترەتتىمۇ ھاياجان؟
.
چۆلدە مەڭگۈ يۈتمەيدىغان داۋان بار.
قوزۇق بولۇپ كۆچمەيدىغان بارخان بار.
يۇلغۇن بار جاي ھاياتلىقنىڭ ماكانى.
باردۇر ياشناش-ئاۋاتلىشىش ئىمكاننى.
يۇلغۇن رەڭگى قانغا ئوخشاش قىزىلدۇر.
خاسىيىتى،خىسلىتى بەك ئېسىلدۇر.
شامال-بوران كۆمۈۋەتسە قۇم بىلەن.
جىم ياتمايدۇ ،قېيدىمايدۇ غۇم بىلەن.
چىڭ تىرەجەپ بوي سوزۇيدۇ،كۆكلەيدۇ.
غۇلاچ يېيىپ باغجانلايدۇ،گۈللەيدۇ.
بوران كەلسە غەزەپ بىلەن دىۋەيلەپ،
ئالا-تاغىل زۇۋان بىلەن ئەۋزەيلەپ.
كۆكرەك كېرىپ،مەزمۇت تۇرۇپ قورقمايدۇ.
زەربىلەردە ئىگىلسىمۇ سۇنمايدۇ.
ئۇنى ئاز دەپ قۇرغاق ھاۋا قىينايدۇ.
چاڭقىغاندا كۆكتىن يامغۇر ياغمايدۇ.
توشقان-بۆجەن شاخ-غولىنى غاجايدۇ
ھاشارەتلەر يىلتىزىنى شورايدۇ.
تۇشمۇ –تۇشتىن كەلسىمۇ چىڭ قىيناقلار.
دائىم قات–قات بولسىمۇ شۇ توساقلار.
ھەركەت قىلىش-ئۆسۈپ تۇرۇش تىلىكى،
قەيسەر قىلار يۇلغۇنلارنى ھەققىقى.
نەملىك، قۇۋەت ئېلىپ يەرنىڭ قېتىدىن،
ھاياتى كۈچ ئۇرغۇيدۇ ئىچ-ئىچىدىن.
تەلۋە بوران نەرە تارتىپ تۇرسىمۇ.
باشلىرىغا توپا –قۇملار قونسىمۇ،
غەيرەت بىلەن توختىماستىن سىلكىنەر.
پۈتمەس قۇۋەت،چىدام بەرگەچ ئانا يەر.
ئەسلى چۆلدە كۆرەش –جەڭنىڭ ئۆتكۈررى.
داۋام قىلار ئۈزۈلمەستىن ھەر كۈنى.
جەسسۇر يۇلغۇن قېرىندىشى-سۆكسەكلار.
قەيسەرلىكى،ئىرادىسى يۈكسەكلەر.
تىزىلىدۇ قۇمغا قارشى رەت بولۇپ.
يۇلغۇن بىلەن قول تۇتۇشقان سەپ بولۇپ.
تىركىشىشتە ئۆتەر ھەر بىر دەقىقە.
خەۋپ،ئەجەل ماراپ تۇرار ھەمىشە.
دېڭىز يۈزى تىمتاس،جىمجىت بولسىمۇ
قېتىپ-ئۇيۇپ قالغاندەكلا تۇرسىمۇ.
تەكتى مەۋجى ئۇرۇپ شىددەت ئاققاندەك
ھەممە جانلىق بىر –بىرىنى يۇتقاندەك.
چۆلدە ھايات-مامات جېڭى شىددەتلىك.
بوران يۇلغۇن ئېلىشىدۇ دەھشەتلىك.
تىنجىمايدۇ،كۆمۈۋېتىش،باسسۇرۇش.
توختىمايدۇ باشنى ئەگمەي تىك تۇرۇش.
بوران كېلەر قۇم،توپىنى كۆچۈرۈپ.
ئۆسۈملۈكنى قۇم ئاستىغا چۆكۈرۈپ.
بوران تىنسا، ئاسمان پەلەك قۇيۇنلار،
سەكسەن قوللۇق دىۋىلەردەك پىقىرار.
شامال،بوران كۆڭلى قارا-بەكمۇ شۇم.
ھەر دەقىقتە ئۆسۈملۈكنى يۇتار قۇم.
قەيسەر يۇلغۇن توختىمايدۇ ئۆسۈشتىن.
ئامان قالار قۇم ئاستىغا چۆكۆشتىن.
بوران توختاپ قالسا شامال توختىماس.
« سۇ ئۇخلىسا ئۇخلار،دۈشمەن ئۇخلىماس.»(1)
قونغان چاڭ-قۇم كۈندىن-كۈنگە ئىگىزلەر.
جەسسۇر يۇلغۇن دۆڭ ئۈستىدە تىك كۆكلەر.
ھەر دەقىقتە،ھەر مىنۇتتا ئەشۇ جەڭ.
كۈندۈزدىمۇ،كېچىدىمۇ ئەشۇ جەڭ.
ھازىردىمۇ بولماقتا دەل ئەشۇ جەڭ.
جەڭنىڭ سېپى باياۋاندا بەكمۇ كەڭ.
يۇلغۇن ياشناپ كەلدى بارخان ئۈستىدە.
بەرق ئۇرار جەسسۇرلىغى ھۆسنىدە.
بوران قۇمدا يۇلغۇنلارنى كۆمەلمەي.
ئۆرلىشىگە ياساپ بېرەر پەلەمپەي.
يېلىنجايدۇ يۇلغۇن رەڭگى چوغ كەبى.
كۆرىنىدۇ يىقىلماس بىر تۇغ كەبى.
نىمە قەيسەر قىلغان جەسسۇر يۇلغۇننى؟
نىمە بەرگەن ۋۇجىدىغا يالقۇننى؟
نىمە ئۈچۈن مىڭ يىلدىمۇ ياتمايدۇ؟
نىمە ئۈچۈن تىك ئۆسۈشتىن يانمايدۇ؟
نىمە ئۈچۈن ئۇ ئەزەلدىن مەردانە؟
نەدىن كەلگەن ئۇنىڭدىكى ئىرادە؟
نىمە ئۈچۈن يەر-زىمىننى سۆيىدۇ؟
باياۋاننى ماكان قىلىپ ئۆسىدۇ؟
نىمە ئۈچۈن جەزىرىدىن كەچمەيدۇ؟
سۈيى ئەلۋەك،مۇنبەت جايغا كۆچمەيدۇ؟
نىمە ئۈچۈن ساقلاپ كەلگەن رەڭگىنى؟
نىمە ئۈچۈن ئۆزگەرتمەيدۇ ئەسلىنى؟
نىمە ئۈچۈن ھېس قىلمايدۇ تەنھالىق؟
كۈلپەتلەردىن،قىسمەتلەردىن ئۇۋاللىق ؟
نىمە ئۈچۈن ھارغۇزىدۇ بوراننى؟
ئۇيۇل قىلىپ يۇغۇرىدۇ توزاننى؟
نىمە ئۈچۈن مۇنبەت ساقلار تۇپراقنى؟
ئاسراپ قالار ئوت-چۆپلەرنى- شىۋاقنى؟
نىمە ئۈچۈن جانۋارلارنى باققىدۇ؟
ھەممىگە تەڭ كەڭرى قۇچاق ئاچىدۇ؟
ھاياتلىقنىڭ ئۇ بىر جەڭچى-ئەسكىرى.
چىدام بىلەن پۈتكەن باتۇر قەيسىرى.
مەۋجۇت بولۇش-ھايات قېلىش تىلىكى
يۇلقۇندۇرار يۇلغۇنلارنى ئەسەبى.
ئۆرلەش-ئارمان يۇلغۇنلارغا ھەققىقى.
چوڭقۇر،يوغان يىلتىز ئۇنىڭ يۈرىكى
جانلىنىدۇ گۈپۈلدىگەن يۈرەكتەك.
يۇلقۇنىدۇ ئىگىز كۆكتەك -يۈكسەكتەك.
يول ئالغۇسى بار بوشلۇققا-ئاسمانغا.
كېڭەيگۈسى بار كەڭلىككە،ھەر يانغا.
شامال -بوران ياسىسىمۇ مەن-بارخاننى،
كۆمەلمەيدۇ يۈرەكتىكى ئارماننى.
ياشىسىمۇ باياۋاندا-دوزاقتا،
خەتەر،توساق،قىيناق،كۈلپەت،ئازاپتا،
ھەر خىل ئوتتا يۇلغۇن چىقار تاۋلىنىپ.
مەۋجۇت قالار،ھايات قالار تاللىنىپ.
يۇلغۇن سۆيەر يەر-زىمىننى،-ۋەتەننى
ئەسلىتىدۇ چۆللەر ئارا چىمەننى.
ئانا يەرنى سۆيۈش-ئۇلۇق سۆيگۈدۇر
ۋاپادارلىق،ساداقەتتۇر،ئىزگۈدۈر.
شامال يەرنى بوشىتىدۇ،سورۇيدۇ.
يۇلغۇن يەرنى چىڭىتىدۇ-قورۇيدۇ.
قونغان توپا چىم بوپ چىڭىپ قاتىدۇ.
چۈنكى ئۇنى چىنە-شۇمبا ياپىدۇ.
دۆڭنى قات-قات چىرماپ ئالار يىلتىزلار.
كۈندىن-كۈنگە يېڭىلىنار كۆپ بىخلار.
دۆڭ ئۈستىدە يۇلغۇن رەڭگى كۆركەمدۇر.
ھۇلى پۇختا، يىلتىز مەزمۇت، مەھكەمدۇر.
كېتەلمەيدۇ بوران دۆڭنى كۆچۈرۈپ.
قات-قات يىلتىز بىلەن قوشۇپ كۆتۈرۈپ.
سۆزلىرىمنى ئاڭلا يەنە كۆك ئاسمان.
يۇلغۇنلارغا تەشەكۈرۈم كۆپ ھامان.
ئۇ بولمىسا توزار ئىدىم كۈل بولۇپ.
جاھىل شامال،نەس بورانغا گۆل بولۇپ.
ئۇ بولمىسا يۈرەر ئىدىم نەلەردە؟
بىلمەي قايان بېرىشىمنى غەملەردە.
بولساممۇ مەن ئەسلى بوران ھۇجىمى.
يۇلغۇنلارغا سالغان ئازاپ،زۇلىمى.
ئالدى مېنى ئۆز قوينىغا سىغدۇرۇپ.
مەزمۇت بارخان قىلدى چىڭداپ،يۇغۇرۇپ.
بولساممۇ مەن ئەسلى ئۇنىڭ دۈشمىنى
كۆردى مېنى ئەتىۋارلىق مېھمىنى.
قوينى بولدى پاناگاھىم-ماكانىم.
ئۇ يەكلىسە قايەرگىمۇ باراردىم؟
ئۇ قىلچىلىك رەنجىمىدى مېنىڭدىن.
مېھرى بولغاچ ئېرىپ كەتتىم دىلىمدىن.
تۈۋرۈك بىلىپ باغرىغا چىڭ يېپىشتىم.
ياستۇق-تىيەك بولۇشقا راست كىرىشتىم.
شامال بوران بۇ ئەھۋالغا پايلىماي،
ھەيۋە قىلدى چاڭ توزۇتۇپ توختىماي.
بىر تەن بولغاچ يۇلغۇن بىلەن ئىككىمىز
ئۈزۈلمىدى تا ئەزەلدىن غەلبىمىز.
ئۆتكۈر يۇلغۇن مېنى قىلغاچ شوتىسى،
مەڭگۈ كەلمەس شامال بوران ئۇيقۇسى.
شۇڭا كۆچەر –يۈتەر قۇم دۆڭ ئەمەسمەن.
ھەسرىتىم بار،تەشۋىشىم بار دىمەسمەن.
يارالغانمەن كەسكىن جەڭدىن كۆرەشتىن.
يۇلغۇن بىلەن بىللە ئىگىز ئۆرلەشتىن.
سۆيۈنىمەن ئۇنى ئالغاچ بېشىمغا
تونۇتقاچقا جىمى يەرگە،ئىقلىمغا.
ھاياتلىقنىڭ ئۇ يىقىلماس بىر تۇغى.
ئۇلۇغ ئارزۇ،تەلپۈنۈشنىڭ ئوت-چوغى.
ئۆسۈملۈكنىڭ ئۇ ئەڭ سەر خىل بىر تۈرى.
كۆرەلەيمىز جانلىقلاردىن ھەم بۇنى.
قىل ئۈستىدە تۇرار ھەر چاغ مەۋجۇتلۇق.
ھەركەت-جاندىن توختاپ قالسا بولار يوق.
مەۋجۇتلۇقتىن كەلگەن ئەسلى قەيسەر روھ.
شۇ روھ سىڭگەن ئۆسۈملۈكلەر ھەم ئۇلۇق.
ئالماي تۇرۇپ جانلىقلارنى بىز تىلغا
قويساق ئاڭلىق ئادەملەرنى ئالدىغا.
ئېيتقان سۆزۈم يېتەلەرمۇ كۆڭلىگە؟
ئازراق تەققاس قىلالارمۇ ئۆزىگە ؟
يۇلغۇن كەبى قەھىرماننى كۆرەرمۇ؟
ئۆلمەس روھى-تەلپۈنۈشىنى بىلەرمۇ؟
چۈشىنەرمۇ يۇلغۇنلارنىڭ سىرىنى؟
مەۋجۇتلۇقتا زاھىر بولغان تىلىنى ؟
مەۋجۇتلۇقنى رەسمى كىتاپ كۆرەرمۇ؟
دەرس ئېلىشنى ،چۈشىنىشنى بىلەرمۇ؟
سېزەلەرمۇ مەۋجۇتلۇقنىڭ روھىنى ؟
ھاياتلىققا مەنبە بولغان رولىنى ؟
ئاڭلىغانسەن سۆزلىرىمنى كۆك ئاسمان؟
سۆزۈم پۈتمەس بۇلاق گويا ئوخچىغان.
يەتسە دەيمەن سۆزلىرىمنى ھەممىگە.
ئورناپ كەتسە ئىچ-ئىچىگە،-قەلبىگە.
يەتسە ئاۋال يىلتىزى يوق قامغاققا.
ئەخلەت بولۇپ لەيلەپ يۈرگەن ئاخماققا.
يەتسە ھەمدە تاپلار: قاۋان،قۇزغۇنغا.
تاپ تەڭدىشى – لامزەللىگە،-ھورۇنغا.
دەيمەن قاتتىق چۈچۈپ كەتسە،سىلكەنسە.
ئۆزلىرىگە چىن دىلىدىن يىرگەنسە.
مەۋجۇتلۇقنى ماھايەتتىن تونىسا
ھاياتلىقنى يېڭىۋاشتىن ئويلىسا.
ئۆزى ئۈچۈن تىكلەپ چىقسا ئىرادە.
ھەركەت جانلىق،جۇشقۇن بولسا ئىپادە.
غەيرەت بىلەن كۈچلەندۈرۈپ ئۆزىنى،
شادلاندۇرسا ئۆزىنى ھەم ئۆزگىنى
ئۇلارنى مەن جانلىق،قەيسەر بىلەتىم.
يۇلغۇن بىلەن بىللە خوشال كۈلەتىم.
ئەپسۇس قارا مەڭگۈ قارا ، ئاق بولماس.
ئويمان مەڭگۈ ئويمان، قەتئى تاغ بولماس.
ئېيتسام گەپنىڭ مېغىزىنى-جېنىنى.
ئوق ( مەركەز) بىلىمىز ھايات-مامات گېپىنى.
ھاياتلىق دەل-سوقۇپ تۇرغان يۈرەكتە.
ماماتلىقنى يېڭىپ تۇرغان تىلەكتە.
مەۋجۇتلۇق دەل-جىم تۇرماسلىق،-ھەركەتتە.
نەپەس بىلەن تاشمۇ مەۋجۇت ئەلۋەتتە. ( 2)
سېسىمايدۇ سۇ ئېقىشتىن يانمىسا.
قۇرىمايدۇ بىخ كۆكلەشتىن قالمىسا.
ئوت ۋە سۇدۇر ھايات بىلەن ماماتلىق.
مەڭگۈ-مەڭگۈ ئايرىلالماس غەم-شادلىق.
مەنلا ئەمەس شۇنداق مەنا بەرگۈچى،
جىمى نەرسە شۇنداق مەنا بەرگۈچى.
سۆزلەر ئۇلار مەۋجۇت ھالەت-تىلىدا.
جاھان شۇنداق،ئالەم شۇنداق ئەلۋىدا !
ئىزاھات
( 1) « سۇ ئۇخلىسا ئۇخلار،دۈشمەن ئۇخلىماس » -بۇ مىسرا
« دە دە قورقۇت چۆچەكلىرى» دىن ئېلىندى.
( 2) نەپەس بىلەن تاشمۇ مەۋجۇت-قاتتىق جىسىملارنىڭ بىرى
بولغان تاشنىڭ ئىچكى جەھەتتە نىسپى ھاۋا ئۆتكۈزۈشچانلىققا ئىگە بولۇش
خۇسۇسىيىتى بىلەن چىرىپ كەتمەيدىغانلىغىغا قارىتىلغان.
2010-يىل،بۈگۈر،
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ئەزىز ھېيت كۈن تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-4-4 18:25