[تۇرسۇنتوختى ھاجىمنىڭ «گۈلباغ سودا سارىيى»نىڭ 4- قەۋىتىدە ئېچىلغان كۇتۇپخانا بىلەن كىتابخانا بىرلەشكەن كاتتا، شۇنداقلا ئۇلۇغ ئىشىنىڭ شاھىدى بولغانىدۇق.]
ئابدۇرېھىم زۇنۇن ئەپەندى، يۇقارقى بايانىڭىزدا ‹‹كۈتۈپخانا، كىتاپخانا›› توغرىلىق گەپ چىقىپ قالدى، بولۇپمۇ ‹‹كىتاپخانا››نىڭ قانداق خۇشخەۋەر ئىكەنلىگىدىن بىزنى ئېىقراق خەۋەرلەندۈرگەن بولسىڭىز؟
ھەرقانداق خۇشخەۋەرنىڭ ئاۋال دىيارى خوتەن (قورتەن- ئۇيغۇر تەنلىكلەر)دىن چىشىغا قاراپ <<روبائىيات ۋە غەزەلىيات>>تىكى تۈنجى غەزىلىمنى <<خوتەن ھەققىدە غەزەل>>دىن باشلىغانمەن:
خوتەن تەرىپىدە غەزەل
ئۇيغۇرۇمدا بىر مۇھەببەت، ئەۋجىدۇر:«گۈل-گۈل خوتەن!»
يىلتىزىمنىڭ مەنبەئىي ئۇ، تۇتىيا سۈرگىل خوتەن!
ئەسلى-ۋەسلىڭدۇر راۋاجى بۇ «تۇران»،«تۈ*ركىي» خەلق،
نەسلى ساپ، ۋىجدانىي قاندىن گىن-ئۇدۇم ئەۋزەل خوتەن.
بەش ئىرا ئۆتتى زاماندىن نۇسرىتى فۇرقەت بىلەن،
«تۇر»،«ئوغۇز»،«ئارى»چە«زال»دىن،«ئەرتۇڭا»،«خالخال» خوتەن.
بىرسى تارىم، بىر«ئۇرۇمقاش» مەشرىقى ئاققان تامان،
ئول«ئىتىل»- ئۇدئەل مۇرەن، دولقۇن ياساپ يۈرگىل خوتەن.
«سول تەرەپتە ‹كىنئۇرۇم› بار...شەھرى كۆپ...ئاۋات دىيار»:
مەرگىزى-«كىن»دۇر، يىپەك- «ئۆرۈم» ئىدىڭ بىلگىل خوتەن.
ئۈجمىدە باققان پىلە تەقدىم ئېتەر سانسىز تۇخۇم،
داشتا قاينايدۇ غوزەكلەر يىپ-يىپى سۈزگىل خوتەن.
ئۇرچىقى زەريىپتا كاللەك، رەڭ بېرەر يۇلغۇن چېچەك،
كۈزدە توغراق ياپرىقىدىن ھال رېڭى ئۈزگىل خوتەن.
ئول يىپەك باپكارىغا ئارقاق سالار رەڭلىك ئەجەپ،
ئۆرىشى زەريىپ بىلەن رەڭدار يىپەك سەرخىل خوتەن.
گۈل چېكەر قىزلار گىلەمگە سۆيگىنى ئەفكار قىلىپ،
قالدۇرۇپ دۇنيانى ھەيرەت، زىلچىسى مىڭ خىل خوتەن.
قاش تېشى دەريانى قۇدرەت قىلدى ئەجداتقا مادار،
بولدى ھامىي پۇشتى-قانغا قارنى كەڭ، ھەقدىل خوتەن.
يەتكۈزۈپ بۇ «يۈ»گە ئەجدەر قاش تېشى «گەز»دىن ھۈنەر،
قول ئۇزاتتى دوستقا چىندىن، كۆڭلى ئاق ساپدىل خوتەن.
مەشرىقى مەغرپ تامان، تايلاپ يىپەك كارۋان يۈرەر،
كەڭ ئېچىپ دۇنياغا قولنى دوستلىرى ھاسىل خوتەن.
ئۆرپى-ئادەت سەندە جەۋلان، مەنىۋى خىسلەت بۆيۈك،
مىللىتىم روھىغا تۈۋرۈك «تۇر-تۇران» پاسىل خوتەن.
ھەق-ئادالەت تەرىپىدە، كىم سېنى ئەركەك دېمەس؟
چاپسىمۇ كاللاڭنى مىڭ رەت، قەھرى خوپ جاھىل خوتەن.
دەۋرى كۈلسە سەنمۇ كۈلدىڭ، قەھرىتان قىشتىن چىقىپ،
كۆڭلى تەققاس قاش تېشىغا مۇڭلىرى «ئۆزھال» خوتەن.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا muhammadbarhan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-6-4 00:52