ئامېرىكا ئاممىسىنىڭ ئوبامانى قوللاش نىسبىتى تۆۋەنلەپ كەتتى |
سوخۇ تورىنىڭ 7-ئاينىڭ 21 - كۈنىدىكى خەۋىرى، ئەنگلىيە ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ 7-ئاينىڭ 21-كۈنىدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، 7-ئاينىڭ 20-كۈنى ئامېرىكىدا ئېلان قىلىنغان ئەڭ يېڭى ئەل رايىنى سىناش نەتىجىسىدىن مەلۇم بولۇشىچە، جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسىنىڭ ئاساسلىق زۇڭتۇڭ نامزاتى رومنىينى قوللاش نىسبىتى ئاشقان، ئامېرىكىنىڭ ھازىرقى زۇڭتۇڭى براك ئوبامانىڭ قوللاش نىسبىتى ئۇنىڭ بىلەن تەڭلىشىپ قالغىلى تاس قالغان. قارىغاندا، بۇ ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوبامانىڭ 2010-يىلىدىكى چوڭ سايلامدىكى تەقدىرى ئۈچۈن چېلىنغان بىر قېتىملىق ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى ئىكەن. ئامېرىكا ئاممىۋى سىياسەتلەرنى تەكشۈرۈش ئورگىنى ئېلان قىلغان بۇ قېتىملىق ئەل رايىنى تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە، ئامېرىكا پۇقرالىرىنىڭ ئوبامانىڭ قوللاش نىسبىتى %46 گە يەتكەن بولۇپ، بۇ سانلىق مەلۇمات يېقىنقى بىر قېتىملىق سانلىق ئەل رايىنى تەكشۈرۈش تەكشۈرۈش نەتىجىسىدىكى سانلىق مەلۇمات بىلەن ئاساسىي جەھەتتىن تەڭلىشىپ قالغان. ئەمما كېلەر نۆۋەتلىك زۇڭتۇڭ سايلىمىدىكى ئەڭ قىزىق نۇقتا بولۇۋاتقان زۇڭتۇڭ نامزاتى رومنىينى قوللاش نىسبىتى %45 كە چىقىپ، ئۇنىڭ قوللاش نىسبىتى ئوبامانىڭ قوللاش نىسبىتى بىلەن تەڭلىشىپ قالغىلى تاسلا قالغان. بۇ خىل ئەھۋال زۇڭتۇڭ ئوبامانىڭ بېسىمىنى يەنىمۇ ئاشۇرۇۋەتكەن. ئەمما، 2008-يىلىدىكى زۇڭتۇڭ سايلىمىدا، ئوباما مۇستەقىل سايلىغۇچى ئاممىنىڭ قوللىشىغا تايىنىپ، زۇڭتۇڭلۇققا سايلانغانىدى. ئەمما ھازىر مۇستەقىل سايلىغۇچىلار ئىچىدىكى %49 ئامما ئوبامانىڭ ئۇدا سايلىنىشىغا قارشىلىق بىلدۈرۈۋاتىدۇ. نۆۋەتتە، ئۇلارنىڭ قوللاش نىسبىتى %44 كە چۈشۈپ كەتتى. ئۇنىڭدىن باشقا، يەنە بىر ئەل رايىنى تەكشۈرۈش نەتىجىسىدىن مەلۇم بولۇشىچە، كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ ئوبامانىڭ ئېتىراپ قىلىش نىسبىتى %42 بولۇپ، %48 ئامما ئوبامانىڭ خىزمەت قىلىش ئىپادىسىدىن نارازى ئىكەن. ئەمما، نۇرغۇنلىغان ئانالىزچىلار كېلەر يىللىق سايلامدا ئوباما ئۆزىنىڭ باشقا رىقابەتچىلىرىگە قارىغاندا زور ئەۋزەللىككە ئىگە دەپ قاراشماقتا. چۈنكى ئوبامانىڭ سايلام ئۈچۈن توپىلىغان پۇلىنى ناھايىتى زور بولغاننىڭ ئۈستىگە نۆۋەتتە، ئامېرىكا ئىقتىسادىنىڭ ئەسلىگە كېلىشىدە ئۈمىد بار ئىكەن. تونۇشتۇرۇلۇشىچە، ئىشسىزلىق نىسبىتىنىڭ يۇقىرىلاپ كېتىشى ھەمدە دۆلەت قەرزىنىڭ ئاساسىي قانۇندا بەلگىلەنگەن يۇقىرى چەككە يېقىنلاپ قېلىشى قاتارلىقلار ئوبامانى قوللاش نىسبىتىنىڭ تۆۋەنلەپ كېتىشىدىكى ئاساسلىق سەۋەبلەر ئىكەن.
[ئاپتورى: مەنبەسى: ۋاقتى: 2011-7-21 19:17:20 ئۇقۇلۇشى: 126 قېتىم] |
|