يەمەن ئارمىيىسى بازا تەشكىلاتىنىڭ تايانچ بازىسىنى يەنە بىر قېتىم توپقا تۇتتى |
مەنبە: news.sina.com.cn
2011-07-22 10:06
شىنحۇا تورىنىڭ7-ئاينىڭ21-كۈنىدكى خەۋىرى، يەمەننىڭ جەنۇبىدىكى ئەبيان ئۆلكىسى ھۆكۈمەت ئارمىيىسى 21-ئىيۇل يەنە بىر قېتىم بۇ ئۆلكىدىكى«بازا» تەشكىلانىڭ تايانچ بازىسىنى توپقا تۇتقان، ئاز دېگەندە 18 نەپەر«بازا» تەشكىلاتى قوراللىق ئۇنسۇرىنى ئېتىپ ئۆلتۈرگەن، ھەمدە ئوننەچچە ئادەمنى ئېتىپ يارلاندۇرغان. ئەبيان ئۆلكىسىدىكى بىر ھەربىي ئەمەلدارىنىڭ مۇخبىرغا دېيىشىچە، توپقا تۇتۇشتا «بازا» تەشكىلاتىنىڭ بەزى قورال-ياراغ ئامبىرى ۋەيران قىلىنغان. توپقا تۇتۇش جەريانىدا، ھۆكۈمەت ئارمىيىسى بىلەن«بازا» تەشكىلاتىنىڭ ئەزالىرى مۇشۇ ئۆلكىدىكى زىنجىبار شەھىرىنىڭ جەنۇبى كىرىش ئېغىزى ئەتراپىدا تۇتۇشۇپ كەتكەن، 7 نەپەر ھۆكۈمەت ئەسكىرى ئېتىشىشتا قازا قىلغان. يەمەن ھۆكۈمەت ئارمىيىسى 19-ئىيۇل ئەبيان ئۆلكىسىدىكى «بازا» تەشكىلاتىنىڭ تايانچ بازىسىنى توپقا تۇتۇپ، ئاز دېگەندە 9 نەپەر«بازا»تەشكىلاتى ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن، ئوننەچچە ئادەمنى يارلاندۇرغان. «بازا» تەشكىلاتى ئەرەپ يېرىم ئارىلىدىكى تارمىقى5-ئاينىڭ28-كۈنى ئەبيان ئۆلكىسىنىڭ زىنجىبار ئۆلكىسىنى ئىشغال قىلغاندىن بۇيان ھەمدە بۇ شەھەر «بازا» تەشكىلاتىنىڭ يەمەننىڭ جەنۇبىدىكى«مۇسۇلمان خەلىپە دۆلىتى» بولۇپ قۇرۇلغاندىن بۇيان، يەمەن ھۆكۈمەت ئارمىيىسى ئىزچىل ھالدا ھاۋا ھۇجۇمى ئارقىلىق«بازا» تەشكىلاتىنى توپقا تۇتقان، ئىككى تەرەپ قاتتىق ئېتىش، ئىككى تەرەپتىن يۈزنەچچە ئادەم قازا قىلغان.
[ئاپتورى: مەنبەسى: ۋاقتى: 2011-7-22 11:12:43 ئۇقۇلۇشى: 465 قېتىم] |
|