
جۇڭگو ئاخبارات تورى خەۋىرى : 28-ئاپرېل ، فۇجيەن ئۆلكىسى فۇچىڭ جامائەت خەۋپسىزلىكى چېگرا مۇداپىئە چوڭ ئەترىتىنىڭ ئوفىتسېر–ئەسكەرلىرى فۇجۇدا بىر ئالاھىدە زور يالغان پۇل دېلوسىنى پاش قىلغان بولۇپ ، ئۈچ جىنايەت گوماندارى 490 مىڭ يۈەن ساختا پۇل بىلەن قولغا چۈشكەن . بۇ يۈز يۈەن قىممىتىدىكى يالغان پۇللار 2005-يىللىق نۇسخىلار بولۇپ ، نومۇرى YX86824553 ، YX86824554 ۋە YX86824555 دىن ئىبارەت ئۈچ خىل ئىكەن .
