جېكسوننىڭ ئۆلگەندىن كېيىنكى رەسىمى سوتتا ئاشكارىلاندى |
(مايكول جېكسوننىڭ ئۆلۈشتىن بىر كۈن ئاۋۋالقى ۋە ئۆلگەندىن كېيىنكى رەسىمى)
ئامېرىكىنىڭ داڭلىق مودا ناخشا شاھزادىسى مايكول جېكسوننىڭ ئۆلۈمى سىر بولۇپ قالدى،ئۇنىڭ شەخسى دوختۇرى كاندېلا مولى قاتىل دېگەن گۇمان بىلەن ئەيىبلەندى.بۇ دېلوغا قارىتا ئامېرىكا لوس ئانجىلىس سوت مەھكىمىسى 27-سېنتەبىر بۇ دېلوغا قارىتا ئوچۇق سوت ئاشتى. سوتتا،تەپتىش تەرەپ جېكسوننىڭ 2009-يىلى ئالەمدىن ئۆتۈشتىن بىر يېرىم ئاۋۋالقى تېلېفونغا كۆچۈرۈۋېلىنغان ئاۋازىنى قويدى.مايكىفىن سوت مەھكىمىسى سىرتىدا يىغلاپ تۇرۇپ<<مولى قاتىل>>دېدى. بۇ تېلېفونغا ئېلىنغان ئاۋازدا كۆرسىتىلىشىچە،مايكول جېكسۇن گەرچە گەپ سۆزلىرى ئېنىق مۈجمەل بولسىمۇ ناخشا كېچىلىكى ھەققىدە سۆزلەشمەكچى بولغانلىقى چىقىپ تۇرىدۇ،ئۇ مۇنداق دېگەن<<مەن ناخشا مەستانىلىرى مەيداندىن ئايرىلىدىغان چاغدا مەن بۇنداق ئېسىل ناخشا كېچىلىكىنى بىر ئۆمۈر كۆرۈپ باقمىغان دېيىشىنى بەكمۇ ئۈمىد قىلىمەن>>. تەپتىش ئەمەلدارى سوتتا مۇنداق دېدى:بۇ 2009-يىلى 5-ئاينىڭ 10-كۈنىدىكى تېلېفوندا سۆزلەشكەن مەزمۇن،بۇ مولىىڭ ئاستىرتىن كۆزىتىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ،بەلكىم زەن سېلىپ ئاڭلىغان بولۇشى مۇمكىن،ئەمما بۇ ئاۋاز ئۇنىڭ iPhone غا ئېلىنغان.دېمەك بۇنى مۇراي بىلىدۇ.ئۇ 2009-يىلى 5-ئايدا يەنى مايكول جېكسۇن ئۆلۈشتىن بۇرۇن بىر يېرىم ئاي بۇرۇن ئۇنىڭغا نېمە ئىش قىلدى؟مايكول جېكسۇن دەل مۇشۇ خىل داۋالاش ئۈچۈن ئۆلگەن. مۇراي ھەر كۈنى كەچتە ئۇنىڭغا كۆپ مىقداردا تىنچلاندۇرۇش دورىسى ئىچكۈزگەن.تەپتىش تەرەپ مۇنداق دەپ قارىدى:مولى مايكول جېكسوننىڭ ئىشىنىدىغان شەخسى دوختۇرى تۇرۇپ ئۇنىڭ بالدۇر ئۆلۈپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى،زاستاتىللار ئۆمىكى مۇراينى مايكول جېكسوننىڭ ئۆلۈمىدە مەسئۇلىيىتى بار دەپ قاراپ،ئۇنىڭغا 4 يىللىق قاماق جازاسى ھۆكۈم قىلىپ دوختۇرلۇق كىنىشكىسىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشنى قارار قىلدى. مولى ۋە ئۇنىڭ ئادۋوكاتى ئادەم ئۆلتۈرگەنلىكىنى ئىنكار قىلدى شۇنداقلا ئۇ بەرگەن دورىنىڭ مايكول جېكسوننىڭ ئۆلۈشىنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى ئىكەنلىكىنى ئىنكار قىلدى،مۇراينىڭ ئادۋوكاتى مايكول جېكسۇن دورىنى ئۆزىنى كۆپ مىقداردا ئىچىۋېلىپ ئۆلگەن،-دېدى.
[ئاپتورى: مەنبەسى: ۋاقتى: 2011-9-30 15:25:19 ئۇقۇلۇشى: 1142 قېتىم] |
|