س رونالدو كۇلۇب تەرىپىدىن ئاگاھلاندۇرۇلدى |
كىلەر يىللىق ياۋرۇپا لوڭقىسىنى تالىشىش پۇتبول مۇسابىقىسى ياۋرۇپادىكى بارلىق پۇتبول دۆلەتلىرنىڭ ئۆزىنىڭ شەرىپى ئۈچۈن كۈرەش قىلىدىغان ياخشى سەھنىسى. ياۋرۇپا لوڭقىسىنى تالىشىش پۇتبول مۇسابىقىسى جەريانىدا ھەرقايسى چولپانلار ئۆزىنىڭ دۆلىتى ئۈچۈن جەڭ قىلىدۇ. مۇسابىقە ئاخىرلاشقاندا بولسا ھەممە توپچىلار ئۆزلىرنىڭ شەخسى ئىشلىرى بىلەن ئالدىراش بۇلۇپ كىتىدۇ. ONA FMتىلىۋىزىيسىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا غ رونالدو بىلەن ئېلىننا كىلەر يىلى 7-ئاينىڭ12-كۈنى توي قىلىدىكەن. شۇنداق بولغاندا س رونالدو روسىيلىك داڭلىق مودىل ئېلىننا بىلەن توي قىلىدۇ،ئىككەيلەننىڭ تۇي مۇراسىمى س رونالدونىڭ يۇرتى بولغان ماردار ئارىلىدا ئۈتكۈزۈلىدۇ. س رونالدونىڭ ھازىر بىر ئوغلى بار بۇلۇپ لىكىن ئەزەلدىن ئوغلىنىڭ ئاپىسىنى سىرىتقا ئاشكارلاپ باقمىدى. ئېلىننا ئىزچىل تۈردە س رونالدونىڭ بۇ ئىشىدىن ئاغرىنىپ كىلۋاتاتتى،لىكىن ئىككەيلەن يەنىلا قول تۇتۇشۇپ توي قىلىشقا قۇشۇلدى. قىززىق يېرى شۇكى مادرىد كۇلۇبىنىڭ بىرلەشمىدىكى ئەشەددى دۈشمىنى بارسېلونا كۇماندىسىنىڭ ئالدى مەيدان ھۇجۇمچىسى ئىنىستامۇ توپي قىلىدىغان بۇلۇپ ئۇ ئۇزۇن يىل يۈرگەن ئەننا ئوردىس بىلەن توپي قىلىدىكەن،ئىككەيلەننىڭ بىر قىزى بار بۇلۇپ قىزى بۇ يىل 4-ئاينىڭ3-كۈنى تۇغۇلغان ئىكەن. س رونالدو ئىنىستا بىلەن بىر كۈندە توي قىلىشنى نىيەت قىلغان بۇلۇپ س رونالدونىڭ بۇئىشى مادرىد كۇماندىسىدىكى ئىسپانىيە دۆلەت كۇماندىسىدىكى سەپداشلىرغا بىر قىيىن بولغان تاللاشنى قويدى. زاى ئىنىستانىڭ تۇيىغا بېرىش كېرەكمۇ؟ياكى س رونالدونىڭ تۇيىغا بېرىش كېرەكمۇ؟ بۇ ھەقىيقەتەن باشنى ئاغىرتىدىغان مەسىلە. س رونالدونىڭ ئىقتىدارىنىڭ چىكى يوق،ئۇ پەقەت تىرىشسىلا مۇسابىقىدە نۇرغۇن توپلارنى كىرگۈزەلەيدۇ.س رونالدو ئۇدا ئۈچ مەيدان مۇسابىقىدە توپ كىرگۈزەلمىگەنلىكتىن مارسېلو ئۇنى ئازراق تەنقىدلىدى. يىقىندىن بۇيان س رونالدو بىلەن توپ مەستانىلىرنىڭ زىددىيىتى كۈچىيىپ قالدى،لىكىن بۇ ئىشتا س رونالدو كۇلۇب يۇقۇرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرنىڭ قاتتىق تەنقىدلىشىگە ئۇچىردى. بۇ تۇغىرسىدا فىلورىندىنو ئىنىق قىلىپ س رونالدوغا بۇندىن كىيىن توپ مەستانىلىرى بىلەن ئۆچەكەشمەسلىكنى،ئەگەر سو رونالدو گەپ ئاڭلىمىسا ئۇنى قاتتىق جازالايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. خان جگمەتى مادرىد كۇماندىسى ياۋرۇپا كۇلۇبلار لوڭقىسىنى تالىشىش پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ بىرىنچى ئايلانما مۇسابىقىسىدە ساگلىپ كۇماندىسىنى يەڭگەندىن كىيىن مۇخبىر س رونالدودىن: سىزنى نىمىشقا ھەر قىتىم توپ مەستانىلىرى تەرىپىدىن ئىسقىرتىشقا ئۇچىرايدىغانلىقىنى سورىغاندا: ئۇ مۇنداق دىدى: چۈنكى مىنىڭ پۇلۇم بار،چۈنكى مەن كىلىشكەن،چۈنكى مەن چولپان،شۇڭلاشقا ئۇلار ماڭا ھەسەت قىلىپ ئىسقىرتىشىدۇ. س رونالدونىڭ بۇ گەپلىرى ھەقىيقەتەن چەكتىن ئىشىپ كەتتى،مانا ئۆتكەن ھەپتىنىڭ ئاخىرىدا مادىرىد كۇماندىسى بىلەن ساڭدىن رىقابەت كۇماندىسى بىلەن بولغان مۇسابىقىدە س رونالدو توپ مەستانىلىرنىڭ ئىسقىرتىشىغا ئۇچىرغاندىن كىيىن ئۇ توپ مەستانىلىرغا قارىتىپ ئوتتۇرا بارمىقىنى چىقارغان.كىيىن ئۇ ئۆزىنىڭ بۇ قىلىقىنى پې پېغا قىلىنغان چاخچاق دەپ تۈگەتكەن بولسىمۇ لىكىن ئۇنىڭ بۇنداق قىلىشى تامامەن خاتا،قارىغاندا مادرىد كۇلۇبىنىڭ يۇقۇرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرنىڭ ئاچچىقى كىلىشىمۇ بىكار ئىش ئەمەس ئۇخشايدۇ.
[ئاپتورى: مەنبەسى: ۋاقتى: 2011-9-25 12:30:42 ئۇقۇلۇشى: 335 قېتىم] |
|