كېنتاكىي يېمەكلىكلىرى يەنە بىرقېتىم باھا ئۆستۈردى |
كېنتاكىي يۈرۈشلۈك تائاملىرى يېگۈچىلەر يەنە تۆت يۈەننى ئارتۇق خەجلىسە بولىدىغان بولدى ، بۇيىل ئىچىدە بىر قېتىم باھا ئۆستۈرگەن كېنتاكىي يېمەكلىكلىرى يەنە بىر قېتىم باھا ئۆستۈردى . ھامبۇرۇك بولكىسى ، ئىچىملىك ۋە ئەتىگەنلىك ناشتىلارنىڭ باھاسى ئاز بولمىغان دەرىجىدە ئۆستۈرۈلدى .كېنتاكىي تارمىقىدىكى بەيشىڭ يېمەك ئىچمەك گۇرۇھى ، يېمەكلىكلەرنىڭ باھاسىنىڭ ئۆستۈرۈلگەنلىكىنى دەلىللىگەن ، سەۋەبى تەننەرخنىڭ ئۆرلىگەنلىك بېسىمى ئىكەن . تۈنۈگۈن ئىستىمال جەريانىدا نۇرغۇن ئىستىمالچىلار يېمەكلىكلەرنىڭ باھاسىنىڭ ئۆستۈرۈلگەنلىكىنى بايقىغان .6يۈەنلىك گۆشلۈك ئۇماچ 7يۈەنگە ، ھامبۇرۇك بولكىسى قوشۇلغان پۇرچاق سۈتىمۇ 1يۈەن ئۆسكەن ،ئوتتۇرا ئىستاكان كولامۇ 1يۈەن ئۆسكەن ،بەزى يۈرۈشلۈك تائاملارنىڭ باھاسى تۆۋىنى 3يۈەن ، ئەڭ يۇقۇرىسى 4يۈەن ئۆستۈرۈلگەن . بۇيىل 1-ئاينىڭ 31-كۈنى كېنتاكىي قىسمەن يېمەكلىكلەرگە قارىتا باھا تەڭشىگەن بولۇپ ، 4يىلدىن بۇيانقى تۇنجى قېتىملىق مەملىكەت ئىچىدە باھا ئۆستۈرۈشى بولغان ، ئەمما يېرىم يىل ئۆتۈپلا يەنە باھا ئۆستۈرگەن ،بۇنىڭغا قارىتا مۇناسىۋەتلىك خادىملار تەننەرخ ئۆرلىگەنلىكنى باھانە قىلغان ، بىراق زادى قايسى ماتىرياللارنىڭ تەنەرخى ئۆرلىگەنلىكى ھەققىدە چۈشەنچە بېرىشنى رەت قىلغان . بىراق بۇ خىل چۈشەندۈرۈش نۇرغۇن تورداشلارنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىغان ، شۇنداقلا ئوخشاش مىقتاردىكى تاللا بازىرىدا 2.3يۈەنگە سېتىلىدىغان كولانىڭ ، كېنتاكىيدا 7يۈەنگە ، ھەتتا ساپ سۇنىڭمۇ كولا بىلەن ئوخشاش باھاغا سېتىلىشىغا نىسبتەن نارازىلىق بىلدۈرگەن .
[ئاپتورى: مەنبەسى: ۋاقتى: 2011-9-29 13:36:59 ئۇقۇلۇشى: 324 قېتىم] |
|