ستىۋى جوبز راك كېسىلى سەۋەبلىك ئۆلۈپ كەتكەن بولۇشى مۇمكىن |
سۇمۇرغ تورىنىڭ 10-ئاينىڭ 06-كۈنىدىكى خەۋىرى، ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەرلىرىگە ئاساسلانغاندا، ئالما شىركىتى ۋە جوبزنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر جوبزنىڭ زادى نېمە سەۋەبتىن ئۆلۈپ كەتكەنلىكىنى ئاشكارىلىمىغان. بەزى تېببىي مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئېيتىشىچە، جوبز بۇندىن ئىككى يىل ئىلگىرى جىگەر كۆچۈرۈش ئوپېراتسىيىسىنى قوبۇل قىلغان بولۇپ، بۇ راك كېسىلىنىڭ قايتا قوزغىلىش ئېھتىماللىقىنىڭ بارلىقىدىن دېرەك بېرىدىكەن. 2004-يىلى ئاشقازان ئاستى بېزى راكىنىڭ ساقايغانلىقىنى ئېيتقان بولسىمۇ، ئەمما بۇ خىل كېسەل دائىم قوزغالغان. ھەتتا بۇ كېسەل ئۇنىڭ جىگەرلىرىگىچە قوزغالغان. 2011-يىلىنىڭ باشلىرىدا جوبز سالامەتلىكى يار بەرمىگەنلىكى سەۋەبىدىن خىزمەتتىن چېكىنىپ، 8-ئايدا رەسمىي ھالدا ئالما شىركىتىنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارلىق ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بەرگەنىدى.
[ئاپتورى: مەنبەسى: ۋاقتى: 2011-10-7 11:15:29 ئۇقۇلۇشى: 291 قېتىم] |
|