مېكسىكىدا تۆت ئادەمنى ئۆلتۈرگەن 14 ياشلىق بالا قاتىلغا سوت ئېچىلدى |
ئاۋسترالىيە« كۈندىلىك تېلىگرامما گېزىتى»خەۋىرى،مېكسىكا سوتى 7-ئاينىڭ 19-كۈنىدىن باشلاپ«بالا قاتىل»دەپ ئاتالغان ئېدگار ئىسىملىك ئامېرىكىلىق بالىنى سوتلاشقا باشلىغان، بۇ بالا مېكسىكا زەھەر تەشكىلاتىنىڭ ئادەم ئۆلتۈرۈش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىپ ئېچىنىشلىق ئادەم ئۆلتۈرۈش جىنايىتى ئۆتكۈزگەن دەپ ئەيىبلەنگەن. ئېنىقلىنىشىچە، ئېدگارنىڭ تۇلۇق ئىسمى تېخى ئاشكارىلانمىغان بولۇپ، نۆۋەتتە پەقەت ئۇنىڭ ئامېرىكا كالىفورنىيە ئىشتاتى سان ديېگو تۇغۇلۇپ، مېكىسىكىدا چوڭ بولغانلىقى ئاشكارىلانغان. تەپتىش ئەمەلدارىنىڭ ئېيتىشىچە، ئېدگار 2010-يىلى 12-ئايدا قولغا ئېلىنغاندىن كېيىن ئۆزىنىڭ تۆت ئادەمنى ئۆلتۈرگەنلىكىنى ئىتىراپ قىلغان، ساقچى تەرەپ مېكسىكا شەھىرىنىڭ جەنۇبىدىكى كۇرناۋاسا دېگەن جايىدىن بۇ تۆت ئادەمنىڭ بېشى كېسىۋېتىلگەن جەسىتىنى تاپقان. بىخەتەرلىكنى كۆزدە تۇتۇپ،سوت ئېدگارغا قارىتا ئىچكى قىسىمدا سوتلاش ئېلىپ بارغان. ئەگەر قەستلەپ ئادەم ئۆلتۈرۈش جىنايىتى تۇرغۇزۇلسا، ئېدگارغا ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 5 يىللىق قاماق جازاسى بېرىلىدىكەن.
[ئاپتورى: مەنبەسى: ۋاقتى: 2011-7-20 17:08:58 ئۇقۇلۇشى: 882 قېتىم] |
|