خىلتون زەھەر ساقلىغانلىقى ئىنكار قىلدى |
خەلقئارا ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ۋوللىۋوتتكى داڭلىق ئايال پارىس خىلتون ئۆزىنىڭ زەھەر ساقلىغانلىقىنى ئىنكار قىلغان. ئىلگىرى، ئۇ لاسۋېيگاستىكى بىر كۆڭۈل ئېچىش سورىنىغا كوكايىن ئېلىپ كىرگەن، شۇ يەرلىك ساقچىلار ئۇنىڭ زەھەرلىك چېكىملىك ئېلىپ يۈرگەنلىكىدىن گۇمانلىنىپ ئۇنى تەكشۈرگەن. خىلتون ساقچىلارغا، ئۆزىنىڭ زەھەرلىك چېكىملىك يوشۇرمىغانلىقى، بەلكى زەھەرلىك چېكىملىك بايقالغان پورتمالنىڭ ئۆزىنىڭ ئەمەسلىكىنى، پورتمالنىڭ ئىچىدىكى 1300 دوللار ۋە بىرقانچە بانكا كارتىسىنىڭ ئۆزىنىڭ ئىكەنلىكىنى ئېيتقان. ئۇ يەنە ساقچىلارغا پورتمالىنى ئالغان چېغىدا ئىچىدىكى ئاق رەڭلىك خالتىغا ئورالغان نەرسىنى سېغىز دەپ ئويلاپ قالغانلىقىنى ئېتقان. نەچچە كۈن ئىلگىرى خىلتون كېپىللىككە قويۇپ بېرىلگەن. ئۇنىڭ ۋاكالەتچىسى داۋىد چېسنوف(David Chesnoff) مۇخبىرلارنىڭ زىيارىتىنى قۇبۇل قىلغاندا دىلوغا مۇناسىۋەتلىك ھېچقانداق يىپ ئۇچنى ئېيتمىغان، پەقەت مەسىلىنىڭ سوتتا ئېنىق چۈشەندۈرىلىدىغانلىقىنىلا ئېيتقان. ئەمما، يەنىمۇ ئىشكىرلەپ تەكشۈرۈش جەريانىدا، ساقچى تەرەپ زەھەرلىك چېكىملىك بايقالغان پورتمالدىن بىر قىسىم سېتون ئامىنسۇ (沙丁胺醇 ) دورىلىرىنىڭ رېتسىپىنى بايقىغان، ناۋادا بۇ دورىلارنىڭ خىلتوننىڭ ئىكەنلىكى بايقالسا، ئۇ تېخىمۇ كۆپ ئەيىپلەشلەرگە ئۇچىرايدۇ.
[ئاپتورى: مەنبەسى: ۋاقتى: 2010/9/1 14:22:26 ئۇقۇلۇشى: 1799 قېتىم] |
|