ش ئا ئە ت بىخەتەرلىك ئەترىتى ئاففانىستاندىن چېكىنىشكە باشلىدى |
ش ئا ئە ت باش كاتىبى راسموسىن 16-ئىيۇل بايانات ئېلان قىلىپ، ش ئا ئە ت نىڭ ئاففانىستاندا تۇرۇشلۇق بىخەتەرلىك ئەترىتى بامىياڭ ئۆلكىسىنىڭ بىخەتەرلىك ۋەزىپىسىنى ئاففانىستان بىخەتەرەلىك ئەترىتىگە ئۆتكۈزۈپ بەرگەن، شۇ كۈنى ئامېرىكا ۋە ش ئا ئە ت نىڭ ئاففانىستاندا تۇرۇشلۇق بىرلەشمە ئارمىيەنىڭ قوماندانىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئامېرىكىنىڭ ئاففاىنستانسىن ئەسكەر چېكىندۈرۈشى ۋە ش ئا ئە ت نىڭ ئاففانىستانغا ۋەزىپىسىن ئۆتكۈزۈپ بېرىشى بىرلەشمە ئارمىيەنىڭ تالىبانلارغا بولغان ھۇجۇمىنىڭ يىنىكلەپ قالغانلىقىدىن دېرەك بەرمەيدىكەن. ئاففانىستان ئىچكى ئىشلار مىنىستىرىنىڭ باياناتچىسى ئامىياڭ ئۆلكىسىدىكى ۋەزىپە تاپشۇرۇشنىڭ قاچان ئاخىرلىشىدىغانلىقىنىڭ ئېنىق ۋاقىتىنى ئاشكارىلىمىغان، لېكىن ئامىياڭ ئۆلكىسىدە تۇرۇشلۇق 150 دىن ئارتۇق يېڭى زېلاندىيە ئەسكىرى ھېچ سەۋەبسىزلا ش ئا ئە نىڭ ئاففانىستاندا تۇرۇشلۇق بىخەتەرەلىك ئەترىتىنىڭ ئەسكەرلىرىگە ئايلىنىپ ئاففانىستاندىن ئايرىلغان. تەھلىلچىلەرنىڭ قارىشىچە، گەرچە ۋەزىپە تاپشۇرۇش ئاللىقاچان باشلىنىپ بولغان بولسىمۇ، لېكىن ئاففانىستاننىڭ نۆۋەتتىكى بىخەرلىك ۋەزىيىتى يەنىلا داۋالغۇش ئىچىدە قالغان، بەلگىلەنگەن ۋاقىت ئىچىدە ۋەزىپە تاپشۇرۇش ئىشلىرىنى تامالاپ بولالامدۇ-يوق بۇ ش ئا ئە ت نىڭ ئاففانىستاندا تۇرۇشلۇق بىخەتەرلىك ئەترىتى يولۇققان چوڭ جەڭ ھېسابلىنىدىكەن. گەرچە ئامېرىكا تەرەپ،ئاففانىستان ئۇرۇشى چوڭ غەلىبىگە ئېرىشتى دەپ ئېيتقان بولسىمۇ، ئەمەلىيەتتە ئاففانىستاندىكى زوراۋانلىق ئىشلىرى يەنىلا مەۋجۇت بولۇپ، يېقىندىن بۇيان يەرلىك يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلارغا قارىتىلغان بىر قاتار قوراللىق ھۇجۇملار يۈز بەرگەن. يەرلىك ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 17-ئىيۇل كەچتە، ئاففانىستان زۇڭتۇڭى كازايىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك مەسلىھەتچىسى مۇھەممەدخاننىڭ تۇرالغۇسى ھۇجۇمغا ئۇچراپ قازا قىلغان. ئۇنىڭ ئۆيىدا مېھمان بولۇۋاتقان پارلامېنت ئەزاسى ھاشىممۇ ھۇجۇمدا قازا قىلغان. ۋەقەدىن كېيىن تالىبانلار بۇ قېتىمقى ۋەقەگە مەسئۇل بولىدىغانلىقىنى جاكارلىغان ھەمدە مۇھەممەدخاننى ئامېرىكا ئارمىيىسىنىڭ ئىشلىرىغا ياردەملەشكەن دەپ ئەيىبلىگەن. تالىبانلار 5-ئايدىن باشلاپ پۈتكۈل ئاففانىستان چىگرىسى ئىچىدە ئېلىپ بېرىلىدىغان« بادار»ناملىق كۈز پەسىللىك ھۇجۇمنى باشلىۋەتكەن بولۇپ، ھۇجۇم نىشانى ئاھاسلىقى ئاففانىستان دۆلەتلىك بىخەتەرلىك ئەترىتى، ش ئا ئە ت نىڭ ئاففانىستاندا تۇرۇشلۇق بىخەتەرلىك ئەترىتى ۋە ئاففانىستان ھۆكۈمىتىدىكى يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلار. ھازىرغىچە، تالىبانلار ھۇجۇمىدە 10 ئادەم قازا قىلغان بولۇپ، بۇ ھال ئاففانىستان بىخەتەرلىك ئەترىتىگە ئىنتايىن چوڭ بېسىم ئېلىپ كەلگەن ۋە ش ئا ئە ت نىڭ ئاففانىستاندا تۇرۇشلۇق بىخەتەرلىك ئەترىتىنىڭ ئەسكەر چېكىندۈرۈش ھەرىكىتىگە تۈرتكە بولغان. سىتاستىكىغا ئاساسلانغاندا، 7-ئايدا جەمئىي 37 مىڭ بىرلەشمە ئارمىيە ئەسكىرى ئۆلتۈرۈلگەن، 2011-يىلىنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا 1500 گە يېقىن پۇقرا جەڭ قالايمىقانچىلىقىدا قازا قىلغان، دۆلەتلىك قىىزك كىرىستنىڭ مەسئۇلى 18-ئىيۇل بايانات ئېلان قىلىپ« ئاففانىستان پۇقرالىرى بىخەتەر بولمىغان شارائىتتا قالدى»دەپ كۆرسەتكەن. ئاففانىستاندىكى جەڭ باشلانغىلى 10 يىلغا يېقىنلىشىپ قالدى، يېقىندىن بېرى، ئاففانىستاندىكى غەرب ئىتتىپاقداشلىرى بەس-بەستە« چېكىنىپ چىقىش»پىلانىنى تۈزۈشكە باشلىغان.3000 كانادا ئەسكىرى ئاففانىستاندى نچېكىنىپ چىققان، فرانسىيەنىڭ 1000 نەپەر ئەسكىرى مۇشۇ يىلنىڭ ئاخىرى ئاففانىستاندىن چېكىنىپ چىقىدىكەن، ئەنگىلىيەمۇ نۆۋەتتە ئاففانىستاندىن ئەسكەر چېكىندۈرۈدىغانلىقىنى جاكارلىغان. نۆۋەتتە ئامېرىكىنىڭ داۋاملىك ئاففانىستاندا تۇرۇۋاتقان ئەترەتلىرىگە نىسپەتەن ئېيتقاندا، بۇ ھال ئۇلارنىڭ بېسىمىنى ئېغىرلاشتۇرۇۋەتكەن.
[ئاپتورى: مەنبەسى: ۋاقتى: 2011-7-19 15:56:46 ئۇقۇلۇشى: 396 قېتىم] |
|