كازافى ئۆكتىچىلەر بىلەن ھەرگىز سۆھبەتلەشمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى |
ئەنگىلىيە ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، لىۋىيىنىڭ رەھبىرى كازافى 21-ئىيۇل بەنجاشتىكى ئۆكتىچى كۈچلەر بىلەن سۆھبەتلىشىشىنى رەت قىلدى. ھەمدە ئۆزىنىڭ ھەرگىز تەسلىم بولمايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى. كازافىنىڭ بۇ پوزىتىسىيىسى غەرىپ دۆلەتلىرىنىڭ لىۋيىنىڭ ئىچكى سۆھبىتى توغۇرلۇق كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقلىرىنى يوققا چىقىرۋەتتى. كازافى مۇنداق دېدى:« مەن بىلەن ئۆكتىچى كۈچلەر ئوتتۇرسىدا دىيىشكۈدەك گەپ يوق. جازا كۈنى يىتىپ كەلگەندە، ئۇلار پەقەت لىۋىيە خەلقى بىلەن سۆھبەتلەشسە بولىدۇ. لىۋىيە خەلقى چۇقۇم ئۇلارغا جاۋاپ قايتۇرىدۇ». كازافى شۇ كۈنى ئوتتۇرغا چىقمىدى. ئۇ دۆلەتلىك تېلېۋىزىيە ئىستانىسىنىڭ ياردىمى بىلەن ئۆزىنىڭ يۇرتى سۇرىتقا توپلانغان قوللىغۇچىلىرىغا نۇتۇق سۆزلىدى. يېقىندىن بويان ئافرىقا ئەللىرى ئىتتىپاقى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى قاتارلىق دۆلەت ۋە تەشكىلاتلار ئىچىل ھالدا سىياسى يول بىلەن لىۋىيىدىكى توقۇنۇشىۋاتقان ئىككى تەرەپنىڭ سۆھبىتىنى قانات يايدۇرۇپ، لىۋىيە كىرزىسىنى ھەل قىلىنشى تەشەببۇس قىلىپ كەلدى. بىراق لىۋىىيىدىكى ئۆتىچىلەر بىلەن كازافى ھۆكۈمىتى ئوتتۇرسىدا كازافىنىڭ تەخىتتىن چۈشۈش-چۈشمەسلىك مەسىلىسە ئىزچىل ئىختىلاپ پەيدا بولغان بولۇپ، لىۋىيە كىرزىسىنى ھەل قىلىش تېخىمۇ تەسلىشىپ كەتتى.
[ئاپتورى: مەنبەسى: ۋاقتى: 2011-7-22 11:53:26 ئۇقۇلۇشى: 367 قېتىم] |
|