ماناس ناھىيەسىدىن نەچچە يۈز مىليون يىللىق تارىخقا ئىگە تاشبېلىق بايقالدى |
ئاسىيا كىندىكى تورى خەۋىرى: 18-ئىيۇل مۇخبىر شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ماناس ناھىيىلىك مەدەنىيەت ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ يىل 5-ئايدا مەدەنىيەت ئىدارىسىدىكى خادىملار ماناس ناھىيىسىنىڭ چىڭسىخوزا يېزىسىدا مەدەنىيەت بۇيۇملىرىنى تەكشۈرۈۋاتقاندا، شۇ كەنتتىكى ئاھالىلەرنىڭ قولىدىن ناھايىتى سۈزۈك بولغان تاشقا ئايلانغان بېلىقنى تاپتى. ماناس ناھىيىلىك مەدەنىيەت ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ما شىنفۇنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، بۇ تاشقا ئايلانغان بېلىقنىڭ ئۇزۇنلۇقى 62 مىللىمېتىر، كەڭلىكى 16 مىللىمېتىر كېلىدىكەن. بۇ تاشقا ئايلانغان بېلىقنى چىڭسىخوزا يېزىسى ئىتتىپاق كەنتىدىكى دېھقان جاڭ فۇلىن ئاكتىپلىق بىلەن تاپشۇرغان. جاڭ فۇلىننىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، بۇ تاشقا ئايلانغان بېلىقنى 2000-يىلى ئۇنىڭ قىزى كەنتنىڭ جەنۇبىدىكى بىر تاشلىققا ئوينىغىلى بارغاندا تېپىۋالغان ئىكەن. مۇخبىر ماناس ناھىيىلىك مەدەنىيەت ئىدارىسىگە بېرىپ بۇ تاشقا ئايلانغان بېلىقنى كۆردى. ئىككى دانە تاشنى بىر يەرگە ئەكېلىپ قارىسا، بىر بېلىقنىڭ شەكلى مانا مەن دەپ كۆرۈنۈپ تۇراتتى. ما ئىدارە باشلىقى مۇنداق دېدى:« بۇ تاشقا ئايلانغان بېلىق نۆۋەتتە ناھىيىمىزدىكى مەدەنىيەت ئىدارىسىدە ساقلىنىۋاتىدۇ. بۇ ھازىرغىچە مەدەنىيەت ئىدارىمىز بايقىغان تۇنجى تاشقا ئايلانغان جىسىم ھېسابلىنىدۇ». ماناس ناھىيىلىك مەدەنىيەت ئىدارىسىنىڭ باشلىقى مۇخبىرغا مۇنداق دېدى:« بېلىقنىڭ تاشقا ئايلىنىشى ئۈچۈن نەچچە يۈز مىليون يىل كېتىدۇ. ئەگەر بۇ نەزەرىيە توغرا بولسا، بۇ تاشقا ئايلانغان بېلىقنىڭ تېپىلىشى يۈز مىليون يىل ئىلگىرى ماناس ناھىيىسىنىڭ ئورنىنى بىر دېڭىز-ئوكيان دەپ قاراشقا بولىدۇ». نۆۋەتتە بۇ تاشقا ئايلانغان بېلىق ماناس ناھىيىلىك مەدەنىيەت ئىدارىسىدە مەدەنىي بويۇم سۈپىتىدە ساقلىنىۋاتىدۇ. ئۇنىڭ شەكىللىنىشى ۋە بېلىق تۈرى مۇناسىۋەتلىك مۇتەخەسسىسلەرنىڭ تەتقىق قىلىشىغا موھتاج.
[ئاپتورى: مەنبەسى: ۋاقتى: 2011-7-21 19:06:36 ئۇقۇلۇشى: 504 قېتىم] |
|