ئۈرۈمچىنىڭ 33 يېرىدە «قارا ماشىنىلار» غا زەربە بېرىش نوقتىسى تەسىس قىلىندى |
ئاسىيا كىندىكى تورى خەۋىرى:
21-ئىيۇل ئۈرۈمچى شەھەرلىك ھۆكۈمەت «ئاسىيا-ياۋرۇپا يەرمەنكىسىنى كۈتۈۋېلىش ئۈچۈن، شەھەرنىڭ تىرانسىپورت ئىشلىرىنى ياخشىلاش سەپەرۋەرلىك يىغىنى» ئاچتى. بۇ يىغىندا ئاشكارلىنىشىچە، يېقىندىن بويان شەھەرلىك ھۆكۈمەت تاكسىلارنىڭ مۇلازىمەت سەۋىيىسىنى ئۆستۈرۈش، ئاممىنىڭ توشۇش مۇلازىمىتى كەسپىنىڭ ياخشى بولماسلىقىدىن نارازى بولىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، تۇشۇش كەسپىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتكەن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە 33 «قارا ماشىنا» لارنى تۈزەش، تەرتىپكە سېلىش رايونى تەسىس قىلىپ، قانۇنسىز تۇشۇش ئىشلىرىغا قاتتىق زەربە بېرىشنى قارار قىلغان. تۇنۇشتۇرشلارغا ئاساسلانغاندا، ئۈرۈمچى شەھەرلىك كومتىت، شەھەرلىك ھۆكۈمەت 20-ئىيۇل ناھىيىلىك ھۆكۈمەت، جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسى، قاتناش ئىدارىسى قاتارلىق 13 ئورۇنغا « ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى تىجارەت كىنىشكىسى يوق ماشىنىلارنى تەرتىپكە سېلىش لايھىسى» ئۇقتۇرۇشىنى چۈشۈرۈپ، «قانۇنسىز ماشىنىلارنى ئومومىيۈزلۈك تۈزەشكە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپىسى» تەشكىللىگەن. ھەمدە ھەرقايسى تارماقلاردىن قانۇنسىز تىجارەت قىلغان قارا ماشىنىلارغا قاتتىق زەربە بېرىشنى تەلەپ قىلغان. قانۇنسىز تۇشۇش ئېلىپ بارغان ماشىنىلارنى تۈزەش، تەرتىپكە سېلىش ئېلىپ بېرىلىدىغان ئاساسلىق 33 رايون مۇنۇلاردىن ئىبارەت : بېييۈەنچۈن بازىرى، شىخۇاڭ يولى، ماي تۇتۇش پونكىتى، بېيمىن يەنى شىمالى قۇۋۇق، ۋېيخۇلىياڭ رايونى، ئازاتلىق جەنۇبىي يولى، تىنىچلىق يولى، يەنئەن يولى، قەشقەر يولى، شىنخۇا جەنۇبىي يولى، ساڭفاڭگو يولى، ئىتتىپاق يولى، ئۇلانباي رايونى، خۇڭيەنچى رايونى، لىيۇداۋەن رايونى، چىداۋەن رايونى، داۋەن رايونى، سەيماچاڭ رايونى، غەربىي تاغ يەنى شىسەن رايونى، باگاڭ رايونى، 7-توقۇمچىلىق رايونى، نىفىت تەڭشەش رايونى (石油地调处)، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئائىللىكلەر قوروسى رايونى، ئۈچاش ئۇزۇن يوللۇق قاتناش بىكىتى رايونى، ئۈچتاش ئۇزۇن يوللۇق قاتناش بىكىتى ماشىنا توختىتىش مەيدانى رايونى، شىمالىي يولوچى تۇشۇش بىكىتى رايونى، نەنزىگو قاتناش بىكىتى رايونى، پويىز ئىستانىسىسى رايونى، خەلقئارالىق ئايرودىرۇم رايونى، خۇالىڭ بازىرى رايونى، يۆمىڭلۇ بازىرى، سودا بازىرى (商贸城)، چىگرا رايون مېھمانخانىسى رايونى قاتارلىق رايونلاردىن ئىبارەت.
[ئاپتورى: مەنبەسى: ۋاقتى: 2011-7-22 11:09:46 ئۇقۇلۇشى: 319 قېتىم] |
|