جۇڭگو يېڭى تىپتىكى ئايروپىلان كىرگۈزدى |
مەنبە: news.xinhuanet.com
2011-07-22 11:04
شىخۇا تورى خەۋىرى، 7-ئاينىڭ 21-كۈنى سائەت 15 تە، بىر يېڭى تىپتىكى بويىن300ER - 777 تىپلىق ئايروپىلان بېيجىڭ خەلقئارا ئايردىرومىغا ئاستا-ئاستا قوندى، بۇ جۇڭگو چوڭ قۇرۇقلۇقىدىكى تۇنجى بويىن 777 تىپلىق يېڭى تىپتىكى ئايروپىلان ئىكەن. دۆلەت ئاۋئاتىسىيە پارتكوم شۇجىسى فەنچىڭ ئويۇشتۇرۇلغان يېڭى ئايروپىلاننى كۈتۈۋىلىش مۇراسىمىدا، بويىن 777-300ER تىپلىق ئايروپىلاننىڭ يېنىك، ماي تېجەش ئالاھىدىلىكىگە ئىگە، يىراق مۇساپىگە ئۇچۇش، تەخمىنەن 300 ئادەم سىغىش، بىرىنچى دەرىجىلىك بۆلۈمچە، ھۆكۈمەت ئىشى بۆلۈمچىسى قاتارلىقلارنىڭ ئورۇندۇقى 180 گىرادۇس ياتقۇزغىلى بولۇش،ھەربىر ئورۇندا بىردىن توك قاچىلاش روزېتكىسى بولۇش قاتارلىق ئالاھىدىلىكلىرىنى تونۇشتۇرغان. بۇ ئايروپىلان بويىن شىركىتى تەۋسىيە قىلغان ئەڭ راھەت ھەشەمەتلىك تىپىدىكى ئايروپىلان بولۇپ، دۆلەت ئاۋئاتىسىيىسىنىڭ يىراق مۇساپىگە ئۇچۇشىغا ماس كېلىدىكەن.
[ئاپتورى: مەنبەسى: ۋاقتى: 2011-7-22 11:48:25 ئۇقۇلۇشى: 380 قېتىم] |
|