ئامېرىكا زۇڭتۇڭ سايلىمىنىڭ نامزاتى باكماننىڭ ئېغىر باش ئاغرىقى كېسىلى بارلىقى ئاشكارىلىنىپ كەتتى |
ئامېرىكا زۇڭتۇڭ سايلىمىنىڭ نامزاتى جېكسون باكمان
ئەنگىلىيە « كۈندىلىك تېلىگراف گېزىتى»خەۋىرى، يېڭىدىن كۆتۈرۈلگەن ئامېرىكا زۇڭتۇڭ سايلىمىنىڭ نامزاتى ئامېرىكىدىكى چاي پارتىيەسىنىڭ باشلامچىسى جېكسون باكمان نۆۋەتتە زۇڭتۇڭ نامزاتلىرى ئىچىدە ئالدىنقى ئورۇندا تۇرۇۋاتاتتى ،لېكىن ئۇنىڭ بىر نەپەر ياردەمچىسى يېقىندا جېكسون باكماننىڭ ئېغىر باش ئاغرىقى كېسىلىنىڭ بارلىقىنى ئاشكارىلاپ ئۇنىڭ زۇڭتۇڭلۇق ئورنىغا چىقىشىغا توسالغۇ بولغان. ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بۇ ياردەمچى:« زۇڭتۇڭ بولغۇچى، كىرزىس كەلگەندە، ئامېرىكىغا باش بولۇپ كىرزىس بىلەن جەڭ قىلالايدىغان ساغلام بەدەنگە ئىگە بولۇشى كېرەك، شۇڭا مەن ئۇنىڭ بۇ ۋەزىپىنى ئەمەلگە ئاشۇرالماسلىقىدىن ئەنسىرەيمەن، ماكمان بۇ يىل 55 ياش، ئۇنىڭ ئېغىر باش ئاغرىش كېسىلى بار بولۇپ، ھەپتىدە بىر قېتىم قوزغىلىدۇ، ھەر قېتىم بېشى ئاغرىپ كەتسە بىر قانچە كۈن خىزمەت قىلالمايدۇ، باكمان مۇشۇ كېسىلى سەۋەبىدىن ئۈچ قېتىم دوختۇرخانىغا كىرىپ قالغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇنىڭ بۇ كېسىلى دورىغا بولغان ئېھتىياجى بەك يۇقىرى، شۇڭا ئۇ دوختۇر بىلەن زىچ ئالاقىدە بۇلۇشى كېرەك»دېگەن. باكمان ياردەمچىنىڭ بۇ سۆزلىرىگە قارىتا ئىنكاس قايتۇرۇپ:« 30 مىليون ئامېرىكا خەلقىگە ئوخشاشلا، مەنمۇ ئېغىر باش ئاغرىقىنىڭ توسالغۇسىغا بەرداشلىك بېرەلەيمەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە دورا ئىچىش ئارقىلىق ئاغرىقنى پەسەيتكىلى بولىدۇ، مېنىڭ ئىقتىدارىم ئاغرىقنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىمايدۇ»دېگەن.
مەنبە: gb.cri.cn
[ئاپتورى: مەنبەسى: ۋاقتى: 2011-7-20 17:13:37 ئۇقۇلۇشى: 84 قېتىم] |
|