جاڭ چۈن شىيەن،نۇربەكرى 203نەپەر سەرگەردان بالىلارنى يوقلىدى |
خەلق تورى ئۈرۈمچى 7-ئاينىڭ 18-كۈندىكى تېلېگراممىسى ، ‹‹ئىسمىڭ نېمە؟ ئۆيۈڭ قەيەردە ؟ سەن ئۆيدىن ئايرىلغىلى قانچىلىك بولدى؟ ئاتا-ئاناڭنى سېغىندىڭمۇ؟مەكتەپكە كۆنەلىدىمۇ؟›› 7-ئاينىڭ 18-كۈنى،شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى پارتكومنىڭ شۇجىسى جاڭ چۈن شىيەن،شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى نۇر بەكرى قاتارلىقلار ئىشلەپ يۈرۈپ ئوقۇش مەكتىپى ۋە شىنجاڭ قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى قۇتقۇزۇش مەركىزىگە بېرىپ يېڭىدىن ‹‹ئۆيىگە قايتقان››سەرگەردان بالىلارنى يوقلىدى. ‹‹5-ئايدا مەن سېنىڭ خېتىڭنى تاپشۇرۇۋالدىم،خەتنى ياخشى يېزىپسەن.مەن جاۋاب خېتىمدە چوقۇم سېنى كۆرگىلى بارىدىغانلىقىمنى ئېيتقان،شۇڭا بۈگۈن مەن سېنى كۆرگىلى كەلدىم.›› دېدى جاڭ چۈن شىيەن شاكىچىك ئوغۇزنىڭ قولىنى تۇتۇپ تۇرۇپ ھەم قىزغىنلىق بىلەن ئۇنىڭ تۇرمۇش ، ئۆگىنىش ئەھۋالىنى سورىدى. ئوغۇز تۇللۇقسىز 2-يىللىقتا ئوقۇيدىغاندا باشقىلار تەرىپىدىن ئالدىنىپ ئىچكىرىگە ئاپىرىلغان. 4-ئاينىڭ 21-كۈنى ،ئاپتونوم رايون ئىچكىرىدىكى بارلىق سەرگەردان بالىلارنى قايتۇرۇپ ئەكىلدىغانلىقىنى ھەم مۇنتىمىز مائارىپ شارائىتى بىلەن تەمىنلەيدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى . ‹‹ئۇلار مېنى ئالداپ ئىچكىرىگە بېرىپ كاۋاپ ساتىمىز دەپ ئۇ يەرگە ئاپىرىپ ئوغۇرلۇققا سالدى ، مەن ئۇنىمىسام ئۇردى. ›› دېدى ئەمدى 17 ياشقا يەكەن ناھىيىسىدىن كەلگەن ئەنۋەر . ئۇ بىر تەرەپ ئىچكىرىدە تارتقان ئازاب ئوقۇبەتلىرىنى سۆزلىگەچ يەنە بىر تەرەپتىن بەدەندىكى جاراھەت ئىزىنى مۇخبىرغا كۆرسەتتى. ئەنۋەرنىڭ دېيىشىچە ، ئۇ ‹‹باققۇچىلارنىڭ›› ئۇنىڭغا دىققەت قىلمىغان ۋاقتىدىن پايدىلىنىپ ساقچىخانىغا كىرىپ ئۆزىنى مەلۇم قىلغان ۋە شىنجاڭنىڭ خەلق ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن قايتۇرۇپ كېلىنگەن. 5-ئايدىن باشلاپ ئىچكىرىدىكى ‹‹سەرگەردان››بالىلارنى قايتۇرۇپ ئەكېلىش قانات يايدۇرۇلغاندىن كېيىن ھازىرغىچە جەمئىي 203 نەپەر بالىلار قايتۇرۇپ كېلىنگەن . شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى خەلق ئىشلىرى نازارىتى پارتىيە رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى موجۇەن مۇنداق دېدى : شىنجاڭلىق ‹‹سەرگەردان››بالىلارنى پەقەت تۇرمۇش جەھەتنىلا قۇتقۇزساق بولمايدۇ،بىز يەنە ئۇلارنى مەدەنىيەت - مائارىپ ۋە پسىخىكا جەھەتتىنمۇ قۇتۇلدۇرۇشىمىز لازىم.ئۇلارغا ئاتا-ئانىسىدەك كۆيۈنۈشىمىز،مۇئەللىمدەك بىلىم بېرىشىمىز،دوختۇردەك داۋالىشىمىز كېرەك.
[ئاپتورى: مەنبەسى: ۋاقتى: 2011-7-19 15:49:11 ئۇقۇلۇشى: 194 قېتىم] |
|