تايلاندىنتا تىك ئۇچار پاچاقلىنىپ كېتىپ، ئايروپىلاندىكىلەرنىڭ ھەممىسى قازا قىلدى |
جۇڭگو ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ 17-ئىيۇل بانكوكتىن يوللىغان تېلگىراممىسى:
تايلاندا ھەربىي دائىرلىرىنىڭ 17-ئىيۇل ئىسپاتلىشىچە، 16-ئىيۇل چۈشتىن كېيىن يوقاپ كەتكەن بىر تىك ئۇچار ئايروپىلان چۈشۈپ كىتىپ، ئايروپلاندىكى بەش نەپەر ئادەمنىڭ ھەممىسى قازا قىلغان. تايلاند ھەربىي دائىرىلىنىڭ بىر ئەمەلدارىنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ تىك ئۇچار 16-ئىيۇل چۈشتىن كىيىن، تايلاندنىڭ ئوتتۇا قىسىمىدىكى راچچا بۇرىدىكى مەلۇم بىر ھەربىي بازىدىن ئۇچۇپ، كومكەست دۆلەتلىك باغچىدا قۇتقۇزۇش ئېلىپ بېرىۋاتقاندا، بۇ تىك ئۇچار ناچار ھاۋارايى ھادىسىسىگە ئۇچىراپ چۈشۈپ كەتتى. ئايروپىلاندىكى بەش نەپەر ئادەمنىڭ ھەممىسى قازاغا ئۇچىرىدى. قازاغا ئۇچىرىغان بۇ بەش نەپەر ئادەمنىڭ ئىككى نەپىرى مايۇر دەرىجىلىك ھەربىي ئەمەلدار، بىر نەپىرى بىرىنچى سېرژانت، يەنە ئىككى نەپىرى ئۇچقۇچى ئىكەن. شۇ يەردە تۇرۇشلۇق ھەبىي دائىرىلەر ۋەقە يۈز بەرگەن ئورۇندا، ئايروپىلان پارچىلىرىنى ۋە قازاغا ئۇچىرىغۇچىلارنى ئىزدەۋېتىپتۇ. كومكەست دۆلەتلىك باغچىسىنىڭ مەسئۇلى سەيۋانىڭ تونۇشتۇرىشىچە، بۇ تىك ئۇچار 15-ئىيۇل قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى باشلىغان بولۇپ، ئۇلار كومكەست دۆلەتلىك باغچىسىغا قاپسىلىپ قالغان 16 نەپەر كىشىنى قۇتقۇزغان. 16-ئىيۇل بۇ تىك ئۇچار يەنە بىر قېتىم ئالدىنقى سەپكە بېرىپ، قۇتقۇزۇش خىزمىتى ئېلىپ بېرىۋاتقاندا ، ناچار ۋارايى تۈپەيلىدىن پاچاقلىنىپ كەتكەن.
[ئاپتورى: مەنبەسى: ۋاقتى: 2011-7-18 15:08:05 ئۇقۇلۇشى: 81 قېتىم] |
|