سىنا تورىنىڭ 7-ئاينىڭ 15-كۈنىدىكى خەۋىرى، رەئىس خۇ جىنتاۋ مۇشۇ ئاينىڭ 15-كۈنى بېيجىڭ جۇڭنەنخەيدە ئامېرىكا پەيتۇن تولۇق ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ جۇڭگوغا زىيارەتكە كەلگەن ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلىرى بىلەن كۆرۈشتى. رەئىس خۇ جخنتاۋ ئالدى بىلەن ئۇلارنى بىر-بىرلەپ باغرىغا باستى ھەمدە بىرلىكتە كلاسسىك شېئىرلارنى دېكلاماتسىيە قىلدى. ئۇنىڭدىن كېيىن، ھەممەيلەن بىرلىكتە «بېيجىڭ سىزنى قارشى ئالىدۇ» دېگەن ناخشىنى ئوقۇدى. كېيىن، رەئىس خۇ جىنتاۋ ئۇلارغا سوۋغا تەقدىم قىلدى، ھەمدە ئۇلارنى جۇڭگو-ئامېرىكا ئالماشتۇرۇشىغا تېخىمۇ كۆپ تۆھپە قوشۇشقا رىغبەتلەندۈردى.