ئۈرۈمچىدىكى 912-يول ئاممىۋىي ئاپتۇبۇسى دەرەخكە سوقۇلۇپ كەتتى |
ئۈرۈمچى لىنىيسى خەۋىرى،7-ئاينىڭ 1 -كۈنى سائەت 21 دىن 10 مىنۇتلار ئەتراپىدا، بىر 912-يول ئاممىۋىي ئاپتۇبۇسى 3- مېھمانخانا بېكىتىگە قاراپ كېتىۋاتقاندا شوپۇرنىڭ بېشى تۇيۇقسىز ساڭگىلاپ رول تاشلىنىپ مىدىرىمىغان، ئارقىدىن ماشىنا يولنىڭ سول تەرىپىدىكى قوغداش رىشاتكىسىغا سوقۇلغان. شوپۇرنىڭ دېيىشىچە، ئەينى چاغدا ئۇنىڭ كۆزى قاراڭغۇلاشقاندەك بولۇپ ،قانداق قىلىپ قوغداش رىشاتكىسىغا سوقۇۋالغانلىقىنى بىلمەيدىكەن. ماشىنا قوغداش رىشاتكىسىغا سوقۇلۇپ كەتكەندىن كېيىن ماشىنىدىن چۈشۈشنى ئويلىغان بولسىمۇ پۈتۈن بەدىنىدە مادار قالمىغانلقتىن مىدىرلىيالمىغان، ئاخىرىدا يولۇچىلار تەرپىدىن ماشىنىدىن چۈشۈرۈلگەن. مۇخبىر ۋەقە يۈز بەرگەن جايدا، بۇ 912-يول ئاممىۋىي ئاپتۇبۇسىىنىڭ غەرىبتىن شەرىققە قاراپ ماڭغانلىقىنى،يولنىڭ سول تەرىپىدىكى قوغداش رىشاتكىسىغا سوقۇلغانلىقىنى كۆرگەن،ماشىنا رادىيوسى 15 سانتېمىتىر ئەتراپىدىكى بىر دەرەخكە سوقۇلغان بولۇپ،ئۆتۈشمە يول ئېغىزىغا قىسىلىپ قالغان. ۋەقە يۈز بېرىپ ئىلگىرى كېيىن بولۇپ 10 مىنۇت ئىچىدە ماشىنىدىكى يولۇچىلار ماشىنىدىن چۈشۈپ نەق مەيداندىن ئايرىلغان يارلىنىش ئەھۋاللىرى كۆرۈلمىگەن. يولۇچىلار شوپۇرنى ماشىنىدىن ئېلىپ چۈشكەندىن كېيىن بېشىغا مېنىرال سۇ قۇيغان. بىر يولۇچى،شوپۇر ئولتۇرىدىغان جايغا ماشىنا ماتورى ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقتىن،تېمپىراتورىسى يۇقىرى بولغانلىقتىن ئىسسىق ئۆتۈپ قالغان دېگەن،ھەمدە شوپۇرنى دوختۇرخانىغا ئاپارغان. شوپۇرنىڭ دېيشىچە،ئۇ شۇكۈنى سائەت 3 تە ئىسمىنا ئالماشقان بولۇپ،ئىسسىق ئۆتۈپ قالغانلىقتىن بېشى قېيىپ،كۆزى قاراڭغۇلاشقان، قىسقا ۋاقىتلىق سېزىمىنى يوقاتقانلىقتىن بۇ ۋەقە كىلىپ چىققان ئىكەن. سائەت 22دىن 40 مىنۇت ئۆتكەندە، ئاممىۋىي ئاپتۇبۇس ۋەقە ئۇچرىغان ماشىنىنى سۆرەپ ئېلىپ كېتىپ يولنى تازلىغان.
[ئاپتورى: مەنبەسى: ۋاقتى: 2011-7-18 15:00:20 ئۇقۇلۇشى: 61 قېتىم] |
|