سىنا تورىنىڭ 6-ئاينىڭ 28-كۈنىدىكى خەۋىرى، خېنەن ئۆلكىسى لۇشەن ناھىيىلىك تەپتىش مەھكىمىسى لۇجۈننىڭ ئېغىر جىنايىتى بار دەپ ئەيىبلىگەن. مەزكۇر مەھكىمىنىڭ يېقىنقى كۈنلەردە ئېلان قىلغان كېسىمىگە قارىغاندا، جاۋابكار لۇجۈن مۇددەتلىك 18 ئايلىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىدىكەن.
بۇ يىل 2-ئاينىڭ 11-كۈنى، لوجۇن قۇرۇلۇش سۈپەت ئىقتىدارىنى ھازىرلىمىغان، ئۇنى ھېچقانداق ئورۇن تەربىيىلەشكە ئورۇنلاشتۇرمىغان ھەمدە قۇرۇلۇشتا ئىشلەۋاتقان ۋاقىتتا خەتەردىن مۇداپىئەلىنىش ئەسلىھەسىنى ئىشلەتمىگەن ئەھۋال ئاستىدا، قۇرۇلۇشقا مەسئۇل كىشىلەر ئۇنى ئىشلەتكەن. ئاقىۋەتتە، بىنانىڭ تېمى ئۆرۈلۈپ كېتىپ، قۇرۇلۇش ئىشچىسى جۇ XX بىلەن لىيۇ XX نىڭ نەق مەيداندا يانجىلىپ ئۆلۈپ كەتكەن. ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن، لۇجىن ئاكتىپلىق ئۆزىنى مەلۇم قىلغان ھەمدە ھەقىقىي ئەھۋالنى بايان قىلغان. شۇنىڭ بىلەن سوت مەھكىمىسى تەرەپ بۇ ئىشلارغا ئارىلاشقاندىن كېيىن، لۇجىن قازا قىلغۇچىلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا تۆلەم تۆلەشكە بۇيرۇلغان. تۆلەم تۆلەنگەندىن كېيىن، قازا قىلغۇچىنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى لوجىننى كەچۈرگەن.
سوت مەھكىمىسىدىكى مەزكۇر دېلوغا قاراپ چىققۇچى خادىمنىڭ ئېيتىشىچە، لۇجىن ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلىش جەريانىدا قائىدىگە خىلاپلىق قىلىپ، ئۆلۈم ھادىسىسى كەلتۈرۈپ چىقارغانىكەن. لوجىن ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن، سوت مەھكىمىسىنىڭ ھۆكۈمى بويىچە، تېزدىن قازا قىلغۇچىنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىغا بەلگىلەنگەن تۆلەمنى تۆلەپ، ئۇلارنىڭ ئەپۇ قىلىشىغا ئېرىشكەن.