مىرئەخمەتجان مۇزەپپەر 1991-يىلى 1-ئاينىڭ 14-كۈنى قەشقەردىكى بىر پۇتبول ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. ئۇنىڭ بوۋىسى شىنجاڭ پۇتبولچىلىقىدا خىلى زور نەتىجىسى بار كىشى بولۇپ ئىلگىرى شىنجاڭ كوماندىسىغا ۋاكالىتەن توپ ئوينىغان. ئۇنىڭ دادىسى مۇزەپپەر ئاكىمۇ شىنجاڭ كوماندىسىغا كىرگەنىدى.
مىرئەخمەتجان شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەنتەربىيە ئىنستىتۇتىنى پۈتتۈرگەن. بوي ئېگىزلىكى 178 سانتىمېتىر، بەدەن ئېغىرلىقى 65 كىلوگرام كېلىدۇ. كىيىم نومۇرى 25 ( كۇلۇب)، ئۇ 2010-يىلىنىڭ دەسلىپىدە خېنەن جىيەنيى پۇتبول كوماندىسىغا كىرگەندىن بۇيان، شۇ كوماندىدا توپ تېپىۋاتىدۇ.
ئۇ سول پۇتىدا توپ تېپىدىغان بولۇپ، سول ئارقا مۇداپىئەچى (بېك)، سول ئالدى مۇداپىئەچى (سول خافبېك) ئارقا بەل (后腰) قاتارلىق ئورۇنلاردا تۇرۇپ باققان بولۇپ، مۇداپىئە تاكتىكىسى ۋە ماھارىتىنى ھەقىقەتەن قالتىس دېيىشكە بولىدۇ. ئۇ جۇڭگو دۆلەتلىك ياشلار كوماندىسىغا تاللىنىپ كىرگەندىن كېيىن، 2009-يىلىنىڭ ئاخىرىدىكى ئاسىيا ياشلىرى مۇسابىقىسىنىڭ ئالدىن تاللاش مۇسابىقەسىدە ئۇنىڭ ئىپادىسى ناھايىتى ياخشى بولغانىدى.
2010-يىلى 1-ئاينىڭ 21-كۈنى، ئۇ جۇڭگو دۆلەتلىك ئەرلەر پۇتبول كوماندىسىغا كىرىپ، مەزكۇر كوماندىدىكى تۇنجى ئۇيغۇر بولۇپ قالدى.
جۇڭگو دۆلەت ياشلىرى كوماندىسىنىڭ ترېنېرى شىيۇ ماۋ جىن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى:«مىرئەخمەتجاننىڭ مۇداپىئە ئىقتىدارى ناھايىتى كۈچلۈك، ئۇنىڭ ھەرقانداق توپنى ئۇزۇنغا يەتكۈزۈپ بېرىش ماھارىتى، تېخنىكىسى قاتارلىقلار ناھايىتى قالتىس!»
ئۆسۈپ- يېتىلىش جەريانى
ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ ھەممىسى پۇتبولنى ناھايىتى ياخشى كۆرىدىغان بولۇپ، ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى بۇ خىل كەيپىيات ئۇنىڭغا چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتكەنىدى. 2020-يىلنىڭ ئالدى كەينىدە، لۇنېڭ پۇتبول مەكتىپى مەخسۇس ترېنېرلارنى قەشقەرگە «ياخشى مايسا» لارنى تاللاشقا ئەۋەتكەنىدى. شۇنىڭ بىلەن مىرئەخمەتجان بىلەن ئۇنىڭ بىر قايسى دوستى تاللىنىپ قالدى. ئەمما ئۇنىڭ ئۈچۈن يۇرتىدىن تولىمۇ يىراقتىكى مەكتەپكە بېرىپ توپ تېپىش ھەقىقەتەن بىر قېيىن مەسىلە ئىدى. شۇنىڭ بىلەن پۈتۈن ئائىلىدىكىلەر ساراسىمىگە چۈشۈپ كەتتى. ئەڭ ئاخىرىدا مىرئەخمەتجاننىڭ دادىسى ئۇنىڭدىن باشقا تۆت نەپەر شىنجاڭلىق يىگىتنى ئېلىپ، شەندۇڭغا جايلاشقان مەزكۇر مەكتەپكە بارغاندىن كېيىنلا، كۆڭلى جايىغا چۈشۈپ قالدى. چۈنكى بۇ مەكتەپنىڭ پۈتۈن ئەسلىھەلىرى ناھايىتى تولۇق بولۇپلا قالماستىن، بۇ جايدا بەلكى يەنە مەخسۇس تەربىيىلەنگەن پۇتبول ترېنېرلار ئەترىتىمۇ بار ئىدى. بۇلاردىن باشقا يەنە ئۇلار مەخسۇس يۇقىرى ساپالىق مەدەنىيەت پەنلىرى ئوقۇتقۇچىسى سەپلەپ بېرىلگەندىن باشقا يەنە ئۇلار ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان مىللىيچە ئاشخانىلارمۇ بار ئىدى. ھەمدە بۇ يەردە ئىلگىرى تەربىيىلەنگەن 20 دىن كۆپ شىنجاڭلىق ئوقۇغۇچىلار بۇ جاينى ماختاپ كەتتى. مىرئەخمەتجاننىڭ دادىسى خۇشال-خۇرام ھالدا شىنجاڭغا قايتتى. شۇنىڭ بىلەن، مىرئەخمەتجان ۋە ئۇنىڭ بىر قانچە دوستلىرى مەزكۇر مەكتەپتىكى يېڭى تۇرمۇشى رەسمىي باشلىدى.
2004-يىلى، باش ترېنېر لى گاڭ مەزكۇر مەكتەپتە سەرخىللارنى تاللاش پائالىيىتى ئېلىپ باردى. نەتىجىدە مىرئەخمەتجان ۋە ئۇنىڭ باشقا تۆت دوستى تاللاندى.
2009-يىلى قىشتا، جۇڭگو دۆلەتلىك ياشلار كوماندىسى شەندۇڭنىڭ زىبو شەھىرىدە بىر قانچە مەيدان ئالدىن تاللاش مۇسابىقىسى ئوينىغاندىن كېيىن، مۇسابىقەنى كۆرگەن دۆلەتلىك پۇتبول كوماندىسىنىڭ باش ترېنېرى گاۋ خوڭبو مىرئەخمەتجانغا دىققەت قىلىپ قالدى ۋە باشقىلاردىن سۈرۈشتۈرۈپ يۈرۈپ، ئۇنى دۆلەت كوماندىسىغا كىرگۈزۈۋالدى. شۇنىڭ بىلەن مۇنداق ئىككى مۆجىزە يۈز بەردى: بىرى، ئۇ جۇڭگو ئەرلەر پۇتبول كوماندىسىغا تۇنجى كىرگەن ئۇيغۇر ، يەنە بىرى لۇنېڭ پۇتبول مەكتىپىنىڭ دۆلەت كوماندىسىغا تۇنجى كىرگەن ئوقۇغۇچىسى بولۇشتىن ئىبارەت ئىدى.
2010-يىلىنىڭ بېشىدا، خېنەن جىيەنيى پۇتبول كوماندىسى ئۇنى «ئارىيەت» كە ئېلىپ تۇردى.
كەسپىي ھاياتى
2004-يىلى ئۇ لۇنېڭ پۇتبول مەكتىپىگە كىردى ھەمدە سەپداشلىرىنىڭ ياردىمىدە مەملىكەتلىك U15، U17 بىرلەشمە مۇسابىقىلىرىنىڭ چېمپىيونى بولدى.
2008-يىلى ئۇ شىنجاڭ تەنتەربىيە لاتارىيىسى كوماندىسىغا كېلىپ، شىنجاڭغا ۋاكالىتەن مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە قاتناشتى.
2009-يىلى ئۇ شىنجاڭغا ۋاكالىتەن مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ئەرلەر پۇتبول ئا گۇرۇپپا مۇسابىقىسىگە قاتناشتى. ئەمما، پۈتۈن كوماندا ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە باسقۇچىغا كىرەلمىدى. ئۇ 2009-يىلى لۇنېڭغا قايتىپ U19 كوماندىسىغا كىردى.
2010-يىلىنىڭ بېشىدا خېنەن جىيەنيى پۇتبول كۇلۇبى ئۇنى بىر يىل «ئارىيەت» كە ئېلىپ تۇردى.
دۆلەت كوماندىسى 2009-يىلى ئۇ شىيۇ ماۋ جېنىنىڭ يېتەكچىلىكىدە جۇڭگو دۆلەتلىك ياشلار كوماندىسىغا كىرىپ، كوماندىغا ۋاكالىتەن ۋېيفاڭ لوڭقىسىغا قاتناشتى. شۇ يىلى 11-ئايدا، ئاسىيا ياشلىرى ئالدىن تاللاش مۇسابىقەسىدىكى فىلىپپىن بىلەن بولغان تۇنجى جەڭدە رېكورت ياراتتى.
مىرئەخمەتجان مۇنداق دېگەن:«مەن تېخىمۇ كۆپ تىرىشچانلىقلارنى كۆرسىتىپ، ئاسىيا ياشلىرى 16 لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىگە ۋەكىل بولۇش، ئاندىن تېخىمۇ تېرىشىپ بىرىنچى كوماندىغا كىرىش. ئەمما مېنىڭ ئەڭ چوڭ ئارزۇيۇم دۆلەت كوماندىسىغا كىرىپ، برازىلىيە بىلەن دۇنيا لوڭقىسىنى تالىشىش مۇسابىقىسىگە قاتنىشىش. بۇ مېنىڭ كېچىكىدە توپ تېپىۋاتقان چاغدا شەكىللەنگەن ئارزۇيۇم ئىدى».