ئافغانىستان زۇڭتۇڭىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك مەسلىھەتچىسى ئۆلتۈرۈلدى |
مەنبە: news.sina.com.cn
2011-07-18 10:46
شىنخۇا تورىنىڭ 7-ئاينىڭ17-كۈنىدىكى خەۋىرى، ئافغانىستان پايتەختى كابۇل غەربى قىسمىدا بىر قوراللىق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بەرگەن، زۇڭتۇڭى كارزايىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك مەسلىھەتچىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئۈچ كىشى ھۇجۇمدا قازا قىلغان. بىر ئىسمىنى ئاشكارلاشنى خالىمىغان ئافغانىستان ئەمەلدارىنىڭ دېيىشىچە، زۇڭتۇڭ كارزايىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارى،سابىق ئۇرۇزگان ئۆلكىسىنىڭ ئۆلكە باشلىقى مەھمۇدخان ۋە ئۇنىڭ ئۆيىگە مېھمانغا كەلگەن پارلامېنت ئەزاسى قاتارلىقلار ھۇجۇمدا قازا قىلغان. نەق مەيداندىكى كۆرگۈچىلەرنىڭ مۇخبىرغا دېيىشىچە، ۋەقە يۈزبەرگەندە نۇرغۇن ھەربىي ۋە ساقچىلار مەھمۇدخاننىڭ تۇرالغۇسىغا يېتىپ كېلىپ قوراللىق ئۇنسۇرلار بىلەن ئېتىشقان. بىر نەپەر قوراللىق ئونسۇر ئېتىشىشتا قازا قىلغان. ئافغانىستان تالىبانلىرىنىڭ 4-ئاينىڭ 30 -كۈنى ئېلان قىلغان باياناتىدا دېيىلىشىچە،5-ئاينىڭ1-كۈنىدىن باشلاپ تالىبانلارنىڭ ھۇجۇم قىلىش نىشانى ئافغانىستان دۆلەت بىخەتەرلىك قىسمى ۋە شىمالى ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ ئافغانىستاندا تۇرۇشلۇق قۇتقۇزۇش قىسمى ۋە ئافغانىستان يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى ئىكەنلىكى ئېلان قىلىنغان. 7-ئاينىڭ 12-كۈنى، ئافغانىستان زۇڭتۇڭى كارزايىنىڭ ئىنىسى،كانداخار ئۆلكىسىنىڭ پالاتا باشلىقى ۋاللىي.كارزايى ئۆيىدە ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن.
[ئاپتورى: مەنبەسى: ۋاقتى: 2011-7-18 15:09:29 ئۇقۇلۇشى: 197 قېتىم] |
|