ماناس دەرياسىدىكى بىر قۇرۇلۇش ئورنىدا تاغ ئۆڭكۈرى گۈمۈرۈلۈپ چۈشتى |
ئاسىيا كىندىكى تورى خەۋىرى:
15-ئىيۇل 12:15 مىنۇت ئۆتكەندە، ماناس دەرياسىنىڭ ئوتتۇرسىدىكى كېنۋات سۇ ئىشلىرى تۈگۈنىدىكى بىر قۇرۇلۇش مەيدانىدا توك چىقىرىش ئۆڭكۈرى تۇيۇقسىز گۈمۈرۈلۈپ چۈشۈپ، ب ىر ئادەم ئۆلدى، ئىككى ئادەم يارلاندى. يارلانغۇچىلار ھازىر قۇتقۇزۋېلىندى. شۇ كۈنى 14:40 لار ئەتراپىدا، مۇخبىر يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش بىڭتۈەنى 8-شىسىدىكى شىخەنزە خەلق دوختۇرخانىسىغا يىتىپ كەلدى. بۇ قېتىمقى ۋەقەدە يارلانغان خۇاڭ جەنمىڭ تەكشۈرلىۋاتاتتى. ئۇ مۇخبىرغا ئۆزىنىڭ خېنەندىن كەلگەنلىكىنى، ئۆلگۈچىنىڭ فامىلىسى خۇاڭ بولۇپ، ئۇنىڭ سىچۈەندىن كەلگەنلىكىنى، بۇ يىل 30 ياشتىن ئاشقانلىقىنى، يەنە بىر نەپەر يارلانغۇچىنىڭ بولسا ئىسمى خې جاۋشىياڭ بولۇپ، ئۇنىڭمۇ سىچۈەندىن كەلگەنلىكىنى ئېيىتتى. خۇاڭ جەنمىڭنىڭ ئېيتىشىچە، توك چىقىرش تۆشۈكى ماناس دەرياسىنىڭ ئوتتۇا قىسىمىدىكى بىر تاغنىڭ تاغ قاپتىلى بىلەن تاغ تۈۋى ئارسىدا بولۇپ، شۇ چاغدا توك چىقىرىش ئۆڭكۈرىدە سەككىز ئادەم ئىشلەۋاتقان بولۇپ، تۇيۇقسىز ئۈستىدىن تاش پارچىلىرى چۈشۈپ كەتكەن. خۇاڭ جەنمىڭنىڭ مۆرىسىنىمۇ تاش بېسىۋالغان. بۇ چاغدا ئۇ ئىنتايىن قورقۇپ كەتكەن. كۆڭلىدە ئەمدى تۈگەشتىم، دەپ ئويلىغان. قالغان ئىشلارنى ئەسلىيەلمەيدىكەن. مۇخبىر نەق مەيدانغا يىتىپ كەلدى. ۋەقە يۈز بەرگەن ئورۇن ماناس دەرياسىنىڭ ئوتتۇرا قىسىمىدىكى بىر تاغقا جايلاشقان بولۇپ، دەريا سۈيى جەنۇب-شىمال يۆلىنىشىدە ئاقىدىكەن. ۋەقە يۈز بەرگەن ئورۇن ئاللىقاچان پىچەتلەنگەن ئىكەن. شۇ كۈنى چۈشتىن كىيىن، مۇخبىر ماناس دەرياسى كېنىس سۇ ئىشلىرى تۈگۈنى قۇرۇلۇش باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى جاڭ جۈنۋاڭ بىلەن كۆرۈشتى. ئۇ مۇخبىرغا مۇنداق دېدى:« ۋەقە يۈز بەرگەن ۋاقىت 12:15 مىنۇت ئۆتكەندە بولۇپ، بۇ ۋاقىتتا ئىشچىلار ئۆڭكۈردە ئىشلەۋاتقان ئىكەن. ئۆڭكۈرنىڭ ئۈستىدىكى تاشلار چۈشۈپ كىتىپ، بىر نەچچە ئىشچىنى بېسىۋاپتۇ. بۇ ئىش يۈز بەرگەندىن كېيىن، بىز دەرھال قۇتقۇزۇش ئەتىرىتى تەشكىللەپ، قۇتقۇزۇش ئېلىپ باردۇق. ئەپسۇس بىر ئىشچىمىز دوختۇرخانىغا ئېلىپ كېتىۋاتقان يولدا قازا قىلدى. نۆۋتتە ئىككى نەپەر يارىدار ئىشچىمىز داۋالىنىۋاتىدۇ. بىر نەپەر ئىشچىمىز ساقىيىپ، ئىش ئورنىغا قايىتتى. قالغان ئىشچىلىرىمىز قازا قىلغان ئىشچىنىڭ ئاخىرەتلىك ئىشلىرىغا تەييارلىق قىلىۋاتىدۇ».
[ئاپتورى: مەنبەسى: ۋاقتى: 2011-7-18 15:02:02 ئۇقۇلۇشى: 198 قېتىم] |
|