شىيامىن دېڭىز رايونىدا توققۇز نەپەر ئادەم بەختسىزلىككە ئۇچرىدى |
جۇڭگو ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ 16-ئىيۇل يوللىغان تېلگىراممىسى:
16-ئىيۇل سەھەردە بىر يۈك پاراخوتى شىيامىندىكى دېڭىز رايونىدا قازاغا ئۇچىرىدى. پاراخوت بىر يانغا قىسىيىپ قالغان بولۇپ، ئۆرۈلۈپ كىتىش ئېتىماللىقى بار ئىدى. شەرقىي دېڭىز قۇرقۇزۇش ئىدارىسى دەل ۋاقتىدا نەق مەيدانغا يىتىپ كېلىپ، توققۇز نەپەر قازاغا ئۇچىرىغۇچىنى بىخەتەر ھالدا قۇتقۇزىۋالدى. شەقىي دېڭىز قۇتقۇزۇش ئىدارىسىدىن كەلگەن خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، شۇ كۈنى سەھەردە 700 توننىدىن ئارتۇق يۈك باسقان «بىشېڭلۇڭ 1» ناملىق يۈك پاراخوتى شىيامىن پورتىنىڭ سىرتىدىكى جىنمىن ئارىلىنىڭ جەنۇبىدىكى دېڭىز رايونىغا كەلگەن ۋاقىتتا، پاراخوتتىكى يۈكلەرنىڭ ئورنى يۆتكىلىپ كىتىپ، پاراخوت يان تەرەپكە 30 گىرادۇس قىسىيىپ كەتكەن بولۇپ، ھەر ۋاقىت ئۆرۈلۈپ چۈشۈش خەۋىپى بار ئىكەن. شەرقىي دېڭىز قۇتقۇزۇش ئىدارىسى قۇتقۇزۇش قوماندانلىق مەركىزى دىجورنىخانىسى قۇتقۇزۇشنى تەلەپ قىلىش ئۇچۇرىنى تاپشۇرۋالغاندىن كېيىن، دەھال قۇتقۇزۇش كېمىسى تەشكىللەپ، نەق مەيدانغا بېرىپ قۇتقۇزۇش ئېلىپ بارغان. پاراخوت قىسىيىپ قالغاچقا پاراخوتقا يېقىنلىشىشقا بولمىغانلىقتىن، ئۇنىڭ ئۈستىگە كىچە قاراڭغۇ، دېڭىز دولقۇنلىرى كۈچلۈك بولغانلىقتىن، قۇتقۇزۇش خىزمىتى تەسكە چۈشتى. قۇتقۇزۇش خادىملىرى جاپالىق تىرىشىش ئارقىلىق سەھەر سائەت 2:53 دە، توققۇز نەپەر پاراخوت ئەزاسىنى قۇتقۇزۇپ چىقتى.
[ئاپتورى: مەنبەسى: ۋاقتى: 2011-7-16 19:30:07 ئۇقۇلۇشى: 199 قېتىم] |
|