تۇرپان ۋىلايىتى كەلكۈن ئاپىتىگە ئۇچراپ 5 ئادەم قازا قىلدى |
6-ئاينىڭ21-كۈنى،مۇخبىرنىڭ تۇرپان ۋىلايىتىدىن ئېگىلىشىچە،20-ئىيۇل سائەت15 تىن30مىنۇتتىن 19غىچە،بۇيلۇق باشقۇرۇش كومىتىتى بۇيلۇق مەنزىرىلىك رايونىدا كەلكۈن بېسىش ئاپىتى يۈز بېرىپ،كەلكۈننىڭ ئېقىم مىقدارى70كۇب مېتىر ھەر سىكىنۇتقا يەتكەن،127 ئاھالىلىكنىڭ624 ئېغىز ئۆيى گۆمۈرلۈپ چۈشكەن،2203مۇ ئۈزۈملۈكنى كەلكۈن بېسىپ كەتكەن،1650تۈپ دەل-دەرەخ ۋەيران بولغان،بىر قىسىم ئاھلىلەرنىڭ ئىشلەپچىقىرىش تۇرمۇش بۇيۇملىرى ۋە ئاممىۋى ئۈسكۈنىلەر بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغان بولۇپ ئۇمۇمىي زىيان42مىليون130مىڭ يۈەن بولغان.ھەمدە 19-ئىيۇلدىن20-ئىيۇلغىچە،تۇرپان ۋىلايىتىنىڭ ئۈزۈمچىلىك يېزىسى،بۇيلۇق مەنزىرىلىك رايونلىرىدىن باشقا،سىڭگىم يېزىسى،چىچان بازىرى،توقسۇن ناھىيسىنىڭ كۈمۈش بازىرى،پىچان ناھىيسىنىڭ لەمجىن بازىرى قاتارلىق جايلارمۇ ئىلگىرى ئاخىر بولۇپ كەلكۈن ئاپىتىگە ئۇچىرىغان. ئېگىلىنىشچە،بۇ قېتىملىق كەلكۈن تۇرپان ۋىلايىتىدە 23958 نەپەر ئادەم ئاپەتكە ئۇچىرىغان،4نەپەر ئادەم قازا قىلغان،1 ئادەم يوقاپ كەتكەن،226 ئاھالىلىكنىڭ 847 ئېغىز ئۆيى ئۆرۈلۈپ چۈشكەن،498 ئاھالىلىكنىڭ 1738 ئېغىز ئۆيى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچىرىغان،17537 مۇ زىرائەت زىيانغا ئۇچىرىغان.ئاپەت يۈز بەرگەندىن كېيىن ۋىلايەتتىكى ئالاقىدار ئورۇنلار ئاپەتكە ئۇچىرىغان1550ئادەمنى بىخەتەر جايغا جىددىي يۆتكىگەن.ئېنىقسىز سىتاتىستىكىلارغا ئاساسلانغاندا بۇ قېتىملىق كەلكۈن ئاپىتى تۇرپان ۋىلايىتىگە 2.77545 مىليارد يۈەن زىيان ئېلىپ كەلگەن بۇلۇپ تۇرپان شەھىرىنىڭ بىۋاستە ئىقتىسادى زىيىنى1.3004 مىليارد يۈەن،پىچان ناھىيسىنىڭ48مىليون930مىڭ يۈەن،توقسۇن ناھىيسىنىڭ 98 مىليون570مىڭ 500يۈەن ئىكەن. نۆۋەتتە تۇرپان ۋىلايىتىدىكى ئالاقىدار خادىملار ئاپەتتىن كېيىنكى تۈزەش خىزمىتىنى جىددىي دەۋاملاشتۇرىۋىتىپتۇ.
[ئاپتورى: مەنبەسى: ۋاقتى: 2011-6-23 11:05:15 ئۇقۇلۇشى: 240 قېتىم] |
|