شەرقىي ئافرىقىدا قۇرغاقچىلىق سەۋەبىدىن كىشىلەر ئاچارچىلىقتا قالدى |
شىنخۇا تورىنىڭ 8-ئىيۇل خەۋىرى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئاپەتكە ئۇچرىغان ئامما خوجىلىق ئىشلىرى مەركىزىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك مەخسۇس خادىمىنىڭ ياردەم بېرىش ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئافرىقىنىڭ شەرقىي قىسمىدىكى كۆپ قىسىم جايلار 60 يىلدىن بۇيان كۆرۈلۈپ باقمىغان ئېغىر قۇرغاقچىلىققا ئۇچراپ، ئېغىر دەرىجىدە ئاشلىق يېتىشمەسلىك مەسىلىسى كېلىپ چىققان بولۇپ 12 مىليون كىشى ئاچارچىلىقتا ئازاپ چېكىۋېتىپتۇ. يۇقىرى دەرىجىلىك خادىمنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ دۇنيادىكى ئەڭ ئېچىنىشلىق ئىنسانىيلىق كىرزىس بولۇپ، ئۇ پۈتۈن دۇنيادىكى ھەرقايسى تەرەپلەرنى ياردەم قولىنى سونۇشقا تەشەببۇس قىلغان. قۇرغاقچىلىق ، جىتۇتى، ئېفىئوپىيە، كېنىيە، سومالى ، ئېرىترېيە قاتارلىق دۆلەتلەردە يۈز بەرگەن. سومالىدىكىUNHCR ئۆسمۈرلەر تۇرمۇشىنى تەكشۈرۈش دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، % 50 ئۆسمۈردە، كېلىماتنىڭ قۇرغاق بولۇشى تۈپەيلىدىن قوشنا دۆلەتلەرگە كۆچۈپ كېتىش سەۋەبىدىن ئېغىر ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىك ئەھۋالى كۆرۈلگەن بولۇپ، بەزى بىر قىسىم كىشىلەر 24 سائەت ئىچىدە ھاياتىدىن ئايرىلىشى مۇمكىنكەن. ئۇنىڭدىن باشقا نۇرغۇنلىغان ئۆسمۈرلەر قۇرغاقچىلىقتىن قېچىش جەريانىدا ئاچلىق ۋە ئۇسسۇزلىقتىن ئۆلۈپ قالغان. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ سىتاستىكا قىلىشىچە، 750 مىڭ سومالى پۇقراسى قۇرغاقچىلىق سەۋەبىدىن دۆلەتتىن ئايرىلغان. ئالدىنقى ئايدا 50 مىڭ 400 ئادەم ئېفىئوپىيە ۋە كېنىيەگە قېچىپ بېرىۋالغان، كېنىيەدىكى دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئاپەتكە ئۇچرىغان ئامما لاگىرى ھەر كۈنى 10 مىڭدىن ئارتۇق سومالى خەلقىنى قۇبۇل قىلدىغان بولۇپ، ئادەم سانى ئۆتكەن يىلىدىكى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 6 ھەسسە ئاشقان.، ماددىي ئەشيا كەمچىل بولغانلىقتىن زوراۋانلىق تۇقۇنۇشلىرىمۇ ئېشىشقا باشلىغان، نۇرغۇنلىغان ئاياللار بۇلاڭچىلىق ۋە زوراۋانلىقتىن قېچىپ، بالىلىرىنى ئېلىپ شارائىتى ئىنتايىن ناچار جايلارغر كېتىشكە مەجبۇر بولغان. بۇ يىل 5-ئايدا، دۆلەتلىك ئاشلىق ئىئانە قىىلش دولقۇنى تۆۋەنلەپ كەتكەچكە، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئاشلىق پىلانى ئورنى( WFP) سومالىغا بېرىدىغان ياردەم ئاشلىقىنى ئازلىتىشقا مەجبۇر بولغان. ئاپەتكە ئۇچرىغان ئامماغا ياردەم بېرىش ئورنىنىڭ كۆرسىتىشىچە، نۆۋەتتە كېنىيەدىكى ئاپەتكە ئۇچرىغانلار لاگىرى 380 مىڭ 200 ئادەمنى قۇبۇل قىلغان، يەنە نەچچە مىڭلىغان ئادەم بۇ لاگىرغا كىرىشنى كۈتۈپ تۇرۇۋېتىپتۇ.
[ئاپتورى: مەنبەسى: ۋاقتى: 2011-7-9 10:52:46 ئۇقۇلۇشى: 332 قېتىم] |
|